باش بەت

tilmach01

104يوللانما
0مەستانە

تىرامپنىڭ قىزى ئايروپىلاندا يولۇچىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-23 14:30 0 ئىنكاس چۈشتى

خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس ماقالىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

 ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 23-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، تىرامپنىڭ قىزى ئىۋانكا تىرامپ نيۇيورك كېننىدى ئايرودرومىدىن ئايروپىلانغا  ئولتۇرغان بولۇپ، ئايروپىلان بۆلمىسىگە كىرگەندە  بىر يولۇچىنىڭ :سېنىڭ داداڭ ئامېرىكىنى ۋەيران قىلماقتا، دەپ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

ئىگەللىشىمىزچە، ئىۋانكا شۇ كۈنى نيۇيورك كېننىدى ئايرودرومىدىن جېت بلۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىغا چىققان بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك بۆلمىگە چىقماي، ئادەتتىكى بۆلمىگە چىقىپ ئولتۇرغان. ئويلىمىغان يەردىن، شۇ بۆلمىدىكى بىر ئەر يولۇچى ئىۋانكانىڭ يېنىغا كېلىپ: «سېنىڭ داداڭ ئامېرىكىنى ۋەيران قىلماقتا !» دەپ ۋارقىرىغان.

نەق مەيداندىكى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىۋانكا ئەينى ۋاقىتتا ئىنكاس قايتۇرمىغان، بەلكى قولىدىكى ئويۇنچۇق بىلەن قىزىنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولغان.

مەزكۇر ئەر يولۇچى ئارقىدىنلا ئايروپىلاندىن ئېلىپ چۈشۈپ كېتىلگەن. جېت بلۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەزكۇر ئەر يولۇچىنى ئېلىپ چۈشۈپ كېتىش، ئەستايىدىل ئويلانغاندىن كېيىن چىقىرىلغان ھۆكۈم ئىكەن.

جېت بلۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ناۋادا مەلۇم يولۇچىنىڭ قىلمىشى ئايروپىلان بۆلمىسىدە توقۇنۇش تۇغدۇرسا، بولۇپمۇ بۇ خىل توقۇنۇشنىڭ ئۆتكۈرلىشىش ئېھتىمالى بولسا، ئايروپىلان خادىملىرى مەزكۇر يولۇچىنى ئايروپىلاندىن ئېلىپ چۈشۈپ كېتىشكە ھوقۇقلۇق ئىكەن.

جېت بلۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار مەزكۇر ئەر يولۇچىنى كېيىنكى نۆۋەتلىك ئايروپىلانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەنزىلىگە يەتكۈزۈپ قويىدىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号