باش بەت

زورىگۈل

5741يوللانما
40مەستانە

كورېيەدە يامرىغان قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالى چاۋشىيەننىڭ دىققىتىنى تارتتى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-23 20:43 0 ئىنكاس چۈشتى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى 23-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېڭى بىر نۆۋەتلىك تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالى كورېيەدە يامراپ، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى قاتتىق زىيانغا ئۇچرىماقتا. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامرىشى چاۋشيەننىڭ دىققىتىنى تارتتى.

تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا يامرىغاندىن بۇيان چاۋشيەن بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەلدى. 11-ئاينىڭ 20-كۈنى چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 20 نەچچە پارچە ئىنگلىزچە خەۋەر ئورگىنالىدا كورېيە تارقىلىشچان قۇش زۇكىمىغا ئالاقىدار ئۇچۇردىن ئىككىسى بار بولۇپ، تەخمىنەن ئوندىن بىر قىسىمنى ئىگىلىگەن.

چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى: «تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى كورېيەدە يامراپ كۈچلۈك دىققەتنى تارتتى. 17-دېكابىر كۈنىلا يۇقۇم ئەھۋالى كورېيەنىڭ 11 رايونىنى قاپلاپ، 180دىن ئارتۇق يەرلىك دېھقانچىلىق مەيدانىنى خاراب قىلدى. زىيان ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىقى بولدى» دېيىلدى.

چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى يەنە كورېيە رادىيو شىركىتىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىپ سېئول ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ئىككى لەيلەك تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلدى، بۇ كورېيە ھايۋاناتلار باغچىسىدا تۇنجى قېتىم تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈشى، دېدى.

شۇ كۈنى كورېيەدىكى تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالى ھەقىقەتەن يامان بولغان، 22-دېكابىرغىچە 22 مىليوندىن ئارتۇق توخۇ، ئۆردەك ئۆلۈپ، تەخمىنەن 400 ئائىلىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى تاقىلىشقا مەجبۇر بولغان.

كورېيە گۆش قۇشلىرى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار چەكلەش بۇيرۇقى سەۋەبلىك كورېيەدىكى 1500 ئائىلىنىڭ گۆش قۇشلىرى باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ يېرىمىغا چۈچىلەرنى تولۇقلاشقا ئامالسىز قالغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号