باش بەت

جاھانكەزدى

14371يوللانما
10مەستانە

2017-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-23 21:42 0 ئىنكاس چۈشتى

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 22-دېكابىر ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىشىچە، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2017-يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسەن، 2017-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدىكەن:

2017-يىلى 1-يانۋار (يەكشەنبە، يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ،  2-يانۋار (دۈشەنبە) تولۇقلاپ دەم ئېلىنىدۇ، شەنبە كۈنىدىكى دەم ئېلىش قوشۇلۇپ جەمئىي 3 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جايلار، ھەرقايسى بۆلۈملەر دىجورنىلىك، بىخەتەرلىك قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، پەۋقۇلئادە تۇيۇقسىز ھادىسىلەر يۈز بەرگەندە دەرھال بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ، خاتىرجەم بايرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2016-12/23/content_574431.htm?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号