باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

ياپونىيەنىڭ خوككايدو ئارىلىدا 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق قار ياغدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-24 16:34 0 ئىنكاس چۈشتى

ياپونىيەنىڭ خوككايدو رايونىدا 1966-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق قار يېغىپ، ھاۋا يولى، تۆمۈر يول ۋە باشقا قاتناش لىنىيەلىرىنى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراتتى.

يەرلىك مېتېئورولوگىيە ئورۇنلىرىنىڭ 24-چېسىلا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 22-، 23-چېسىلا قاتتىق قار ياغقانلىقى سەۋەبلىك ساپورو شەھىرى ئىچىدىكى قارنىڭ قېلىنلىقى 96 سانتىمېتىرغا يەتكەن، بىر قىسىم يېزا-كەنتلەردىكى قارنىڭ قېلىنلىقى 130 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.

قاتتىق قار سەۋەبىدىن خوككايدودىكى يېڭى چىستو ئايرودرومىنىڭ 280 دىن كۆپرەك نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، تەخمىنەن 6000 ئادەم ئايرودرومدا تۈنەشكە مەجبۇر بولغان.

تۆمۈر يول قاتنىشى ئۇچرىغان تەسىر تېخىمۇ ئېغىر بولغان. ئەسلىدە 24-چېسىلا چۈشتىن بۇرۇن ساپورو پويىز ئىستانسىسىدىن يولغا چىقىشقا ۋە شۇ بېكەتكە يېتىپ كېلىشكە تېگىشلىك بارلىق پويىزلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. نەچچە يۈز تۆمۈر يول خىزمەتچىسى قار تازىلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەتە چۈشتىن كېيىن نورمال قاتناش ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号