باش بەت

ئادىلجان

8583يوللانما
123مەستانە

جوبىسنىڭ 98-يىلىدىكى مەشھۇر «ئالمىنى ئوڭشىغان» نۇتۇقىنىڭ فىلىمى چىقتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-24 18:00 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 24-دېكابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سىتىۋ جوبىس 1998-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى Cause Conferenceدا مەخسۇس تېمىلىق نۇتۇقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالما شىركىتىگە قايتىپ كەلگەن جوبىس ئالمىنىڭ ناچار ۋەزىيىتىنى ياخشىلاپ، ئالما شىركىتى مەدەنىيىتىنى قايتا گۈللەندۈرۈشتەك ئېغىر يۈكنى زېممىسىگە ئالغانىدى. ئەينى يىللىرى دەۋر ھالقىغان ئالاھىدە مەھسۇلات iMac دۇنياغا كېلىپ، ئالمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش روھىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرگەن. جوبىس Cause98 يىغىنىدا كىشى قەلبىگە ئىلھام بېرىدىغان چوڭقۇر پىكىرلىق نۇتۇق سۆزلەپ، ئالما قىيىنچىلىق مەزگىلدە يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ ئىچكى يادروسىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش، تىجارەت كىرىمى ۋە پاي باھاسىغىلا كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇلۇغ مەھسۇلات يارىتىش كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن. 

نۆۋەتتە باھا بەرگۈچىلەر ساھەسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا «تىم كۇك رەھبەرلىكىدىكى ئالما ئاللىبۇرۇن دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويدى» دەپ قارىماقتا، مەسىلەن يېڭى مەھسۇلات iPhone7 ۋە يېڭى نۇسخىدىكى MacBook Proدا پەقەت تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق كىچىككىنە يېڭىلىق بار، ئۇلاردىن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك يېڭىلىق تاپقىلى بولمايدۇ. ئەمما كۇكنىڭ رەھبەرلىكىدە ئالما تىجارەت كىرىمى جەھەتتە دەرۋەقە مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. كۇك رەھبەرلىكىدىكى ئالمىنى يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يوقىتىپ قويدى دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. ئەمما تارىخنى ئۆرنەك قىلىشى كېرەك. 

مەلۇم بىر ماقالىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئەمەلىيەتتە يېڭى نۇسخىدىكى MBPنى ياساش جەريانىدا، ئالمىنىڭ ئىنژېنېرلىرى زىچلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان باتارىيە ئورالما لايىھەسىنى ئىشلىتىپ كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغان، بۇنداق قىلغاندا يېڭى نۇسخىدىكى MBPنىڭ سىجىل ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولاتتى. ئەمما ياساش جەريانىدىكى بىر قېتىملىق ھالقىلىق سىناقتا، يېڭى باتارىيە لايىھەسى سىناقتىن ئۆتەلمىگەن. ئالما خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، بۇ لايىھەدىن ۋاز كېچىپ، كونا لايىھەنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان. 

جوبىس Cause98دا ئالمىنىڭ 90-يىللاردىكى مەغلۇبىيىتىنى خۇلاسىلەپ، ئالمىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرۈش مەقسىتىنىڭ ھەممىدىن ئەلا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ھەمدە پايدا ئىستىراتېگىيەسىگە سەل قارىغان. (ۋىدىيو بەك ئۇزۇن، تۆۋەندىكى مەزمۇن ۋىدىيونىڭ 30:36 مىنۇتلۇق ئورنىدا)

«ئېنىقىنى ئېيتقاندا، يېقىنقى يىللاردا ئالمىدا يۈز بەرگەن ئىشلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىزنىڭ ئىلگىرىكى بىرىنچى مەقسىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر كومپيۇتېر مەھسۇلاتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئىككىنچى مەقسىتىمىزنى ئەمەلىيەتتە HPدىن ئۆگەنگەن، يەنى بىز چوقۇم كىرىم قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى كىرىم بولمىسا بىرىنچى مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

بىز ئەلۋەتتە پايدىدىن خۇشاللىنىشىمىز كېرەك، ئەمما بۇ مەقسەت پەقەت دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ خالاس. بىز خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بۇ ئىككى مەقسەتنى ئارىلاشتۇرۇۋەتتۇق، بىز ئاۋۋال پۇل تېپىپ ئاندىن ئۇلۇغ مەھسۇلات يارىتىشنى ئويلاشتۇق. بۇ خىل ئوي دەسلىپىدە ناھايىتى ئاز تەسىر كۆرسەتتى. ئەمما كېيىن ئەھۋالنى ئوڭشىغىلى بولماي قالدى، بۇ كىچىككىنە ئۆزگىرىشكە بەش يىل ۋاقىت كەتتى، بەش يىل جەريانىدا بۇ كىچىككىنە خىيال غايەت زور نەرسىگە ئايلىنىپ، ھەممىنى ئۆزگەرتتى. ھازىر بىز تەپەككۇر يولىمىزنى توغرىلىشىمىز كېرەك.» 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号