• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    چۆچەك تاشيولىدىكى قار-شىۋىرغاندا قاپسىلىپ قالغان 251 يولۇچى قۇتۇلدۇرىۋېلىندى

    مەنبە : news.163.comتەھرىر : نۇسرەتگۈل ئىنكاس : 3يوللانغان ۋاقىت : 2016-12-24 18:10

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    سىبىرىيەدىن كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 23-چېسىلا كەچ 201-نومۇرلۇق ئۆلكە تاشيولى، 318-نومۇرلۇق ئۆلكە تاشيوللىرىنىڭ چۆچەك رايونىدىكى بۆلەكلىرى قار-شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 251 يولۇچى ۋە 57 ماشىنا قاپسىلىپ قالغاندىن كېيىن، چۆچەك شەھەرلىك تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى مايتاس جىددىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، 13 سائەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق قاپسىلىپ قالغان يولۇچى ۋە ماشىنىلارنى بىخەتەر جايغا ئېلىپ چىقتى. 

    چۆچەك شەھەرلىك تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى مايتاس جىددىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ئالىمجان داۋۇت 23-چېسلا سائەت 16 لەر ئەتراپىدا مايتاس تاغلىق رايونىنىڭ قار-شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كۆرۈنۈش دائىرىسىنىڭ 5 مېتىرغىمۇ يەتمەي قالغانلىقى، قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ قارلارنى تازىلاش ۋە پولات ئارغامچىلار بىلەن سۆرەش قاتارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.




    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号