باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

ئايالىنى ئۆلتۈرگەن ئەر دورا ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-24 23:52 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭئەن لىنىيەسى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى

ئەنخۇي ئۆلكىلىك سودا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئەتىگەن سائەت 1:00 ئەتراپىدا، چاڭفېڭ ناھىيەسى دۇجىچيۇجى كەنتتە ئېچىنىشلىق پاجىئە يۈز بەرگەن، بىر ئەر ئايالنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۆزى دورا ئىچىپ ئۆلۈۋالغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ يەردىكى ساقچىلار بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن.

تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىر ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا كەلگەن، ھەمدە بۇ ۋەقەنىڭ شۇ يەردىكى چوشقا بېقىش مەيدانىنىڭ خىزمەتچىلەر ياتىقىدا يۈز بەرگەنلىكى، ياتاقنىڭ تەخمىنەن 10 نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلىدىغانلىقىنى كۆرگەن.

مەيدان خىزمەتچىسى جۇ ئۇستامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاتىللىق قىلغان شاۋ فامىلىلىك چوشقا بېقىش مەيدانىدا خىزمەت قىلىدىكەن، شۇ كۈنى سەھەر سائەت 1:00 دىن ئاشقاندا، ئۇ تۇيۇقسىز شاۋ فامىلىلىكنىڭ ئوغلىدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلغان، تېلېفوندا بالىسى شاۋ فامىلىلىكنىڭ ئۆيدە ئايالى بىلەن سوقۇشۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. جۇ ئۇستام يېتىپ كەلگەندە ئۆينىڭ ئىشىكى قۇلۇپلاقلىق بولۇپ، ئىشىكنى چەككەن بولسىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغان، كۈچەپ توۋلىغان ئۇ بولسىمۇ ھېچقانداق شەپە كەلمىگەن ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشىكنى تېپىپ ئاچقان. جۇ ئۇستام ئۆيگە كىرىپ ئۆي ئىچىدىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن چۆچۈپ كەتكەن، ئەينى ۋاقىتتا شاۋ فامىلىلىك يەردە تىزلىنىپ ئولتۇرغان بولۇپ، ئېغىزىدىن ئاپئاق كۆپۈك چىقىۋاتقان ئىكەن، ئايالى بولسا كارىۋاتتا ياتقان بولۇپ، ھېچقانداق ئىنكاس يوق، بەدىنىنىڭ ھەممە يېرى قانغا مىلەنگەن، كارىۋات بېشىغا يەنە بىر پىچاق قويۇلغان، پىچاق يۈزىدە قان ئىزى بار ئىكەن. جۇ ئۇستام دەرھال ساقچىغا تېلېفون ئۇرۇپ ياردەم سورىغان.

قوغداش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق شاۋ فامىلىلىكنىڭ ئايالىنىڭ ئاللىقاچان قازا قىلغانلىقى، شاۋ فامىلىلىكنىڭ دورا ئىچىۋالغانلىقىنى ئېنىقلىغان. 120 جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى دەرھال شاۋ فامىلىلىكنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ جىددىي قۇتقۇزغان، ئەمما بەختكە قارشى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号