باش بەت

شەرىفە

889يوللانما
98مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۇخۇم 510 مىڭغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-12-25 18:13 0 ئىنكاس چۈشتى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۇخۇم 510 مىڭغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى

بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

ئامېرىكا ۋاشىنگتون دۆلەتلىك جۇغراپىيە ئىلمىي مەركىزى ئۆتكۈزگەن بىر كۆرگەزمىدە بىر دانە «گىگانت تۇخۇم» كۆرگەزمە قىلىنغان، بۇ تۇخۇم 1976-يىلى بايقالغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇزۇلماي، چېقىلماي تۇرماقتا. بۇ تۇخۇمنىڭ باھاسى خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 510 مىڭ يۈەن بولۇپ، كىشىلەر سېتىۋېلىشنى تالاشماقتا.

بۇ «گىگانت تۇخۇم» بولسا بىر پىلقۇش تۇخۇمى، ئەمما پىلقۇشلارنىڭ نەسلى 200 يىل بۇرۇنلا قۇرۇپ كەتكەن. شۇڭلاشقىمۇ بۇ تۇخۇمنىڭ غايەت زور ساقلاش قىممىتى بار، شۇڭا يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئۇنى سېتىۋىلىشقا ناھايىتى قىزىقىشىدۇ.

كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا مەسئۇل كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ تۇخۇم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۇخۇم بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە مۇشۇ بىر تاللا بار ئىكەن. بۇ غايەت زور پىلقۇش تۇخۇمىنىڭ چوڭلۇقى 7 دانە تۆگىقۇش تۇخۇمىغا ياكى 100 دانە توخۇ تۇخۇمىغا باراۋەر كېلىدىكەن.

بۇ غايەت زور تۇخۇم كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلسا تەخمىنەن 50 مىڭ فوندسىتېرلىڭ بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىنغان بولۇپ، بۇ پۇل تەخمىنەن 510 مىڭ يۈەنگە تەڭ. شۇنداقتىمۇ بۇ تۇخۇم رەسمىي كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا چىقىرىلغان ھامان تالاشتا قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

دەرۋەقە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش باشلانغاندىن كېيىنلا بۇ غايەت زور تۇخۇمغا قويۇلغان باھا توختىماي ئۆسۈپ كەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا بىر يىغىپ ساقلىغۇچى بوۋاي ناھايىتى يۇقىرى باھادا بۇنى سېتىۋالغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号