باش بەت

نۇر فىلىم

1274يوللانما
150مەستانە

سەردار رەقىمخاننىڭ ئەڭ تەسىرلىك ناخشىسى - ئاتامدىن يادىكار ئانام

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-26 20:24 0 ئىنكاس چۈشتى

ناخشا تېكىستى:

تەرجىمىدە: گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى

دىلىم بەرگەنلىرىم دىلىمدىن يىراق،

كۆڭۈل تۇتقانلىرىم يوق ئۆزۈم يىگانە.

مەن نەدە بولاي، ئاسمانۇ-تۇپراق،

پەقەت سىز قالدىڭىز مەن بىلەن ئانا.

پەقەت سىز قالدىڭىز مەن بىلەن ئانا،

يۈزدە قورۇق قالدۇردى يىللار.

قەلبىڭىزدە دەرد شۇنداق ھەم بار،

ئانام ياشىن تۆككۈزمە ھايات.

ئاخىر ئانام كۆزىدە مەن بار،

ئاخىر ئاناجانىم كۆزىدە مەن بار.

دوستۇم، خارۇزارىم ئانام،

ئاتامدىن يادىكار ئانام.

يوللىرىم يورۇتقۇچى شام-چىراغىم،

كۆكسۈمدە تۇمارىم ئانام.

ناخشىلار يازدىم بارچىگە تالاي،

ئۆتتى كۆپ پۇرسەتلەر يەنە.

مېھرىڭىزگە ماس ناخشا تاپالماي،

مەن كېچىكتىم كەچۈرۈڭ ئانا.

مەن كېچىكتىم كەچۈرۈڭ ئانا.

ھاياتتا بار تىكەن ھەر قەدەم.

ئالقىنىڭىز تاپىنىمدا بولدى بىر قالقان.

ئاھ، ئاتامدىن ئامانەتگىنەم،

سىز ئۇلاشتۇردىڭىز مېنى بۇ كۈنگە.

دوستۇم، خارۇزارىم ئانام،

ئاتامدىن يادىكار ئانام.

يوللىرىم يورۇتقۇچى شام-چىراغىم،

كۆكسۈمدە تۇمارىم ئانام.

ئۇ كۈنلەردىن قورقىمەن يامان،

ئۆمرىنى كەرە قىل خۇدايىم ئاخىر.

شۇنچە چەككەن غەم سەۋەب ئانام،

كۆپ ياشاشقا ھەقلىققۇ ئاخىر.

شۇنچە چەككەن غەم سەۋەب ئانام،

كۆپ ياشاشقا ھەقلىققۇ ئاخىر.

چىرايلىقىم گۈزەلىم ئانام،

سۆيۈپ تۇرۇپ كۆپ ئەركىلىسەم.

سىز بەرگەن بۇ مېھىر يېنىدا،

ئۇچقۇندۇر يارىم رەشكى ھەم.

دوستۇم، خارۇزارىم ئانام،

ئاتامدىن يادىكار ئانام.

يوللىرىم يورۇتقۇچى شام-چىراغىم،

كۆكسۈمدە تۇمارىم ئانام.

كۆكسۈمدە تۇمارىم ئانام.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号