باش بەت

نىلۇپەر628

42يوللانما
0مەستانە

ئېرىنىڭ دوستىنىڭ چاچ پاسونىنى ماختىغانلىقىدىن ئاچچىقى كەلگەن ئايال دورا ئىچىۋېلىپ زەھەرلەندى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-26 21:30 0 ئىنكاس چۈشتى

12-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 9 يېرىملەر ئەتراپىدا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر جىددىي ھالدا بىر ئايالنى كۆتۈرگىنىچە يىۋۇ فۇيۈەن دوختۇرخانىسىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمچىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ «دوختۇر دەرھال ماڭا ياردەم قىلىڭ، ئۇ دورا ئىچىۋالدى» دەپ قاتتىق ۋاقىرىغان. جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ تەكشۈرگەن، ئۇ ئايال ئىنتايىن ھاياجانلىق كەيپىياتتا بولۇپ، دوختۇرغا زادىلا ماسلاشقىلى ئۇنىماي ئاغزىدا ھەدەپ ئۇ ئەرگە مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن دەپ سۆزلىگەن.ئۇ ئەرنىڭ توختىماستىن يالۋۇرۇپ، تەسەللى بېرىشى بىلەن، ئۇ ئايال ئاستا-ئاستا تېنىچلانغان، دوختۇر بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ ئايالنى دورىدىن زەھەرلەنگەن دەپ جەزىملەشتۈرگەن، كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر يېنىك بولغاچقا، كەينىدىن ئاشقازاننى يۇيۇش قاتارلىق داۋالاشلارنى ئېلىپ بارغان. 

بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىش جەريانى ۋە سەۋەپلىرىنى سۆزلىگەندە ئۇ ئەر كۈلۈش ياكى يىغلىشىنى بىلەلمەي قالغان ھەمدە مۇنداق دېگەن، «تەستە كەلگەن ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ ئەسلىدە مەن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ رومانتىك ئوينىتاي دەپ ئويلىغان، ئاخىرىدا ئىشنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشىنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن». 

ئەرنىڭ فامىلىسى ۋاڭ بولۇپ، شەنشىلىك ئىكەن، ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى ئىكەن، ئۇ ئىككىيلەن بۈگۈن كەچ ئۇچرىشىشقا چىقىشقا تەييارلانغان ئىكەن، شۇ سەۋەپلىك شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ ئايال سىرداش دوستىنى چاقىرىپ، ساتراچخانىدا چېچىنى ياسىتىپ، ئەستايىدىل ياسانماقچى بولغان.

كەچتە يولدىشى ۋاڭ ئەپەندىم ئىشتىن قايتىپ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، ئەدەپ بىلەن ئايالىنىڭ سىردىشىغا «بۈگۈن چېچىڭىزنى ياسىتىپسىز-دە، بۇ چاچ پاسونىڭىز يامان ئەمەس ئىكەن». دېگەن، ئۇ گەپنى دەپ بولۇشىغا چېن فامىلىلىك ئايالنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، «سەن نېمىشقا مېنىڭمۇ چېچىمنى ياساتقىنىمغا قاراپ قويمايسەن، مەن بىلەن ئازراقمۇ كارىڭ يوق» دەپ ۋاقىراپ كەتكىنىچە ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن. 

«بېشىدا ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەپتىمەن، مەن تېخى ئۇنى ئۆيگە كىرىپ كىيىم ئالماشتۇرۇپ چىقىدۇ دەپ ئويلاپ، ئەگىشىپ كىرمەپتىمەن، ئويلىمىغان يەردىن....»  ۋاڭ ئەپەندى پۇشايمان قىلغان ھالەتتە يۇقارقى سۆزلەرنى قىلغان. 

ئارىدىن ئون نەچچە مىنۇت ئۆتۈپ كەتسىمۇ چېن خانىم ئۆيىدىن چىقمىغان، ئۇنى چاقىرسىمۇ ئىنكاس قايتۇرمىغان، ۋاڭ ئەپەندىم شۇ چاغدىلا دەرھال ياتاق ئۆيگە كىرگەن،  ئۆي ئىچىدە  ئايالىنىڭ كارىۋات يېنىدا ھالسىزلىنىپ يېتىپ قالغىنىنى كۆرگەن، ئايالىنىڭ قولىدا قۇرۇق دورا بوتۇلكىسىمۇ بار ئىكەن. ئۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ۋاڭ ئەپەندىم دەرھال ئايالىنى ماشىنىغا سېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، ئەسلىدە ئايالى بىر بوتۇلكا يۆتەل دورىسىنى ئىچىۋەتكەن ئىكەن.  

دوختۇرنىڭ دىيىشىچە دورىنى نورمىدىن ئارتۇق ئىچىش، ئادەمنى مۇگدىتىش، ھۇشىدىن كېتىش، ئېغىرراقى بەدەندىكى ئەزالار زەئىپلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ھەتتا دورىدىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن مەڭگۈ ئويغىنالماسلىق ئەھۋاللىرى يۈ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن، بەخىتكە يارىشا چېن خانىمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يىنىك بولغاچقا بىر قاتار داۋالاشلاردىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن.  

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号