باش بەت

bahar031

296يوللانما
4مەستانە

قىزىنى ساتقان پۇلغا مۈشۈك سېتىۋالغان ئاشىق-مەشۇقلار قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-27 18:41 0 ئىنكاس چۈشتى

 

كونىلاردا «يولۋاسمۇ ئۆز بالىسىنى يېمەيدۇ» دەيدىغان گەپ بار، لېكىن جياشەندىكى بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق مۇقىم خىزمەت يوق، بالىنى باقالمايمىز دېگەننى باھانە قىلىپ، توردا بالىسىنى سېتىۋەتمەكچى بولغان. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئۆز قىزىنى 20 مىڭ يۈەنگە سېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلار 2000 يۈەنگە ئەرمەك مۈشۈك سېتىۋالغان. مۇخبىرنىڭ جياشەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم بالا سېتىشى ئەمەسكەن. 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان، توي قىلمىغان بۇ ئانا ئىلگىرى بىر قىزىنى قانۇنسىز سېتىۋەتكەن. يېقىندا بۇ رەھىمسىز ئانا جياشەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىندى، جياشەن ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسى بالىنىڭ دادىسى ئۈستىدىنمۇ شىكايەت قىلغان بولۇپ، بالىنىڭ دادىسىمۇ جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىندى.

 

 بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن دىڭxx جياشەن ناھىيىسىدىن، ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى جياxx ئۇنىڭدىن بىر ياش چوڭ بولۇپ، ئۇمۇ جياشەن ناھىيىسىدىن، ئىككىيلەن 2009-يىلى مۇھەببەتلەشكەندىن باشلاپ بىرگە تۇرۇشقا باشلىغان. بىراق ئىككىيلەننىڭ مۇقىم خىزمىتى بولمىغاچقا ھەم جياxx بۇرۇن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن جازالانغاچقا، ئىككىيلەننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ ئارىلىشىشغا ئىزچىل قارشى تۇرغان، شۇڭا ئۇلار نىكاھقا تىزىملاتمىغان. 2013-يىلى ئىيۇندا دىڭxx نىڭ ھامىلدار بولغىنىغا 10 ئاي بولغان بولۇپ، بالا تۇغۇلاي دەپ قالغان. لېكىن بۇلارنىڭ بالىنى بېقىش تۈگۈل دوختۇرخانىدا يېتىپ بالىنى تۇغىدىغانغىمۇ پۇلى يوق ئىدى. ئىككىيلەننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ تويغا ئىزچىل قارشى تۇرغاچقا، ئاتا-ئانىسىدىنمۇ پۇل سورىيالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىنى تۇغۇپ سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلارغا سېتىۋېتىشنى قارار قىلغان.

 

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر قىسىم مەخسۇس بالا بېقىۋالىدىغان مۇنبەر، QQ دا ئېلان چىقىرىپ خېرىدار ئىزدىگەن. ناھايىتى تېزلا خېرىدارلار ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر قەدەر يۇقىرى باھا قويغان جياڭسۇ شۈجۇلۇق بىرەيلەنگە بالىنى 20 مىڭ يۈەنگە سېتىپ بېرىدىغانغا كېلىشكەن. مۆلچەردىكى تۇغۇش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، خېرىدارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، دىڭxx شەندۇڭدىكى شەخسىي دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلىپ بىر قىز تۇغقان. تۇغۇپ بولۇپلا 20 مىڭ يۈەننى ئېلىپ، دىڭxx بىلەن جياxx جياشەنگە قايتىپ كەلگەن.

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ج خ تارماقلىرى بالىلارنى ئالداپ سېتىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇ بالا سېتىش سودىسىمۇ ج خ تارماقلىرىنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. سوتتا دىڭxx قاتتىق پۇشايمان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىزمۇ ئامالسىز قالدۇق، مۇقىم خىزمىتىمىز بولمىسا، شۇڭا بالىنى ياخشى ئائىلىگە بېقىۋالغىلى بەردۇق، بۇمۇ بالا ئۈچۈن ياخشى. بالىنىڭ دادىسىمۇ ئۆزىنى ئاقلاپ مۇنداق دېدى: بىز باقالمىغاندىكىن باشقىلارغا بېرىۋەتتۇق، 20 مىڭ يۈەن پۇل باشقىلارنىڭ بىزگە بەرگەن ئوزۇقلۇق پۇلى خالاس.

 

تەپتىش خادىمى 20 مىڭ يۈەننى قانداق خەجلىگەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇلار پۇلنى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئىشلەتكەندىن باشقا، 2000 يۈەنگە دىڭxx كە بىر ئەرمەك مۈشۈك سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ بۇ جاۋابى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى.تەپتىش خادىمى دېلونى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ بالىنىڭ دىڭxx نىڭ 2-بالىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 1-بالىسىنىمۇ سېتىۋەتكەنلىكىنى بايقىدى. 1-بالىسى 2012-يىل 4-ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا دىڭxx بىلەن جياxx ئۇرۇشۇپ قالغان، دىڭxx ئاچچىقىدا جياxx كە بىلدۈرمەي، خېرىدار تېپىپ بالىنى خېنەندە تۇغقان. دىڭxx نىڭ دېيىشىچە، خېنەنلىك خېرىدار ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەن بەرگەن.

 

تەپتىش خادىمى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ ئاشىق-مەشۇقلار نەچچە قېتىم ئايرىلىپ كېتىپ يەنە يارىشىۋالغان، ھېسسىياتى تۇراقسىز، مۇقىم خىزمىتى يوق، بالىنى باقالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىككى بالىلىق بولغان ھەم بالىنى سېتىۋەتكەن، قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ. جياشەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى ئۈچۈن دىڭxx نى مۇددەتلىك 5 يىللىق قاماق جازاسىغا، جياxx نى مۇددەتلىك 5 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. جياxx قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى بەرگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号