باش بەت

جاھانكەزدى

14479يوللانما
21مەستانە

قاتتىق قاردىن كېيىنكى مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچى «قۇرغاق سوغۇق» ئەندىزىسىگە كىردى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-27 20:38 0 ئىنكاس چۈشتى

ئۈرۈمچى ۋىنچۇەن يولىدا شەھەر ئاھالىسى يېغىۋاتقان قېلىن قاردا سەپىرىنى داۋام ئەتمەكتە.


25-دېكابىر، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى تار كوچىلاردىكى يىغىلغان قارلارنى تازلىماقتا.


شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: كىشىلەر «قاپاق ياردى»دىن باشلاپ زىمىستان قىش پەسلىنى يەنى بىر يىلدىكى ئەڭ سوغۇق مەزگىلنى كۈتۈۋالدى. ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسىمۇ تېزلا رېتىمغا ماسلىشىپ قار بىلەن تەڭ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى. 24-دېكابىر سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىمىستان قىش رەسمىي باشلاندى.

ئۈرۈمچىنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىلدىكى تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەننىڭ 25-دېكابىر بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتىكى تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى نورمال دائىرىگە تەۋە ئىكەن. دېكابىرنىڭ بېشى ۋە ئوتتۇرىدا ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئاۋۋالقى يىللارغا قارىغاندا بىر ئاز يۇقىرى بولغان، تۇمانلىق كۈنلەرمۇ ئاۋۋالقى يىللاردىكىدىن كۆپ بولغان. كەلگۈسى بىر ھەپتىدە كۆرۈنەرلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئۈرۈمچىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن، تېمپېراتۇرا ئاۋۋالقى يىللارغا قارىغاندا بىر ئاز تۆۋەن بولىدىكەن. يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃6-~℃3-ئارلىقىدا بولۇپ، تۆۋەن تېمپېراتۇا شۇنىڭغا ماس ھالدا℃11-~℃14-ئەتراپىدا بولىدىكەن، ھاۋا ئوچۇق ئەمما سوغۇق، ھۆل-يېغىن ئاز بولىدىغان «قۇرغاق سوغۇق» ھالەت شەكىللىنىدىكەن.


مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2016-12/27/content_574960.htm?lang=uy



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号