باش بەت

رازى

1583يوللانما
37مەستانە

مېترو بېكىتىدە كەپسىزلىك قىلغان بالىسىنى ئۇرغان ئەرنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-27 22:09 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شياڭگاڭ مېيفۇ كوچىسى مېترو بېكىتى ۋوگزالىدا 26-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 ئەتراپىدا بالىنى خورلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ئاچچىقى يامان دادا 8 ياشلىق ئوغلىنى كەپسىزلىك قىلدى دەپ، مېترو بېكىتىدە بالىنى كۈچەپ تەپكەن، بالا قاتتىق يىغلىغان ھالدا دادىسىدىن كەچۈرۈم سوراپ: «مەن بىلدىم، مەن بىلدىم..........» دەپ يىغلىغان. شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئايال يولۇچى يانفونى بىلەن يۇقىرىقى جەرياننى سۈرەتكە تارتىۋالغاندىن كېيىن ئۇ ئەرنى توسقان، ئەر بالىنى ئېلىپ كېتىپ قالغان. ئارقىدىن ئايال يولۇچى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار يۇقىرىقى بالىلارنى خورلاش دېلوسىنى تەكشۈرگەن.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرەيلەن مېيفۇ پورتى مېترو بېكىتىدە بىر ئەرنىڭ 8 ياشلىق ئوغۇل بالىنى ھاقارەتلىگەنلىكى ۋە ئۇنى ئۇرغانلىقى ھەققىدە دېلو مەلۇم قىلغان ئىكەن، شېنشۈي يولى ساقچىخانىسى رازۋېدكا قىلىش ئەترىتى 2-تارماق ئەترىتى بۇ دېلونى قوبۇل قىلغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بوي ئېگىزلىكى 1.73 كېلىدىغان، كالتە چاچلىق، كۈل رەڭلىك چاپان، قارا رەڭلىك ئىشتان ۋە قارا رەڭلىك تەنھەرىكەت ئايىغى كىيگەن، شۇنداقلا قارا رەڭلىك سومكا ئاسقان 40 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئەرنى تۇتقان.

دېلو مەلۇم قىلغان چېن خانقىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بالىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاخىرىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى قارار قىلغان ئىكەن. ئۇ تاياق يېگەن بالىغا ھېچ ئىش بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号