باش بەت

جاھانكەزدى

14354يوللانما
5مەستانە

2016-ﻳﯩﻠﻰ شىنجاڭدا ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻼﺭ توپلىمى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-31 20:00 0 ئىنكاس چۈشتى

2016-يىلىنى ئۇزىتىپ، 2017-يىلىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. بۇ بىر يىلدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مائارىپ، ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. خەلققە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان يېڭى سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلدى. ئەلۋەتتە، ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق تىرىشىپ، ئىناقلىقنى تەشۋىق قىلىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش شۇئارىغا ئاۋاز قوشتى.

تەھرىر بۆلۈمى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بۇ بىر يىلدا نۇر تورىدا ئېلان قىلىنغان دىيارىمىزغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ خەۋەرلەرنى رەتلەپ چىقتۇق.

رەھبەرلىك قاتلىمى


 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت مۇنداق قارار چىقاردى:

يولداش چېن چۈەنگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى.

    يولداش لى جىخېڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى؛ يولداش ۋاڭ جۈن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ.

    يولداش لى جىنبىن ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. يولداش ۋاڭ شۆجۈن ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ.


شاۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولدى

22-نويابىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ سىستېمىسى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىكى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇشنى جاكارلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولدى.

خەلق تۇرمۇشى 


(2016–يىل 3–ئاينىڭ 15–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

43–نومۇرلۇق


‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەير–ساخاۋەت قانۇنى›› 2016–يىل 3–ئاينىڭ 16–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2016–يىل 9–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2016–يىل 3–ئاينىڭ 16–كۈنى


ئۈرۈمچى شەھىرى 2016-يىلى خەلققە قىلىپ بېرىدىغان 100 ئەمەلىي ئىشنى ئېلان قىلدى

21-فېۋرال، ئۈرۈمچى شەھىرى 2016-يىلى خەلققە قىلىپ بېرىدىغان 100 ئەمەلىي ئىشنى ئېلان قىلدى. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون جەھەتتىكى 100 ئەمەلىي ئىش ئاساسلىقى، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: سىياسەت تەدبىرىگە دائىر تۈر 43، قۇرۇلۇشقا دائىر تۈر 57، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەلىي سانى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغىنى قاتناش-يول يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاش، شەھەر مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار.

«قولايلىق كارتا» 1-مايدىن باشلاپ ئىشلىتىشتىن توختىتىلدى 

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:00 دا، ئاپتونوم رايون شىنجاڭ خەلق سارىيىدا «كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قولايلىق كارتىنى ئىشلەتمەسلىك» ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە قولايلىق كارتىنىڭ ئەمدى ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىندى.


گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2-ئىيۇن «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتاب تەخمىنەن 8600 سۆز، مۇقەددىمە، خاتىمە قىسمىدىن باشقا يەتتە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 23-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىنىشكا، گۇۋاھنامىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە كىشى ئىسمىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى» توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جەمئىيەتكە بۇ چوڭ ئىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

كىچىك «چېكىت» ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ خەنزۇچە ئىسمى بىلەن فامىلىسىنى ئايرىشتا ئىشلىتىلىدىغان بەلگە بولۇپ، بۇ ئاممىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىنىشكا، گۇۋاھنامىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە كىشى ئىسمىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئوبرازلىق پىكرى. ئىلگىرى بۇ كىچىك «چېكىت» نىڭ شەكلى ياكى ئورنى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن كىشىلەر ئامانەت پۇل قويۇش، ئامانەت پۇل ئېلىش، سۇغۇرتا، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرۇش، مال سېتىۋېلىش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولايسىزلىققا ئۇچراپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان ئىدى. ئاپتونوم رايون بۇ مەسىلىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلىدىكى 27 تۈرلۈك زور تەدبىر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، بۇ يىل شىنجاڭ ئىچىدە باشلامچىلىق بىلەن ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قاتناش 


شىنجاڭدىن قاتنايدىغان پويىزلار پۈتۈن مەملىكەتكە تۇتاشتى

2016-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچىدىن نەننىڭغا بارىدىغان پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىن قاتنايدىغان پويىزلار خېيلۇڭجياڭ، خەينەن، گۈيجۇ، شىزاڭ قاتارلىق تۆت ئۆلكىنىڭ مەركىزى شەھىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر تيەنجىندىن باشقا بارلىق ئۆلكىلەرنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرۇلدى.

ئۈرۈمچى-كورلا-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش باشلاندى

18-يانۋار سائەت 15:25دە، تىيەنجىن ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئۈرۈمچى-كورلا-قەشقەر لىنىيەسىدىكى تۇنجى GS7491 نۆۋەتچى ئايروپىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كورلا ئايرودرومىغا قونۇپ، ئۈرۈمچى-كورلا-قەشقەر قەرەللىك ئاۋىياتىسيە لىنىيەسىدە تۇنجى قاتناشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى.


قەشقەر-شىخەنزە-جېڭجۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدى

22-فېۋرالدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قەشقەر-شىخەنزە-جېڭجۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدى. بۇ، شىخەنزە گۈللۈك ئايرودرومى ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندىن بۇيانقى تۇنجى پۇقرالار قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.


ئۈرۈمچىدىن شېنجېنغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان تۆمۈريول لىنىيەسى ئېچىلدى

2016-يىلى 17-مارت سائەت 18:45 ئۆتكەندە، Z232 قېتىملىق ئالاھىدە تېز پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، 4600 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شېنجېنغا قاراپ يول ئالدى. بۇ پويىز قومۇل، لەنجۇ، شىئەن، چاڭشا، گۇاڭجۇ قاتارلىق 21 بېكەتتىن ئۆتىدىغان بولۇپ، ئۈچىنچى كۈنى سائەت 19:28 ئۆتكەندە شېنجېنغا يېتىپ بارىدۇ، پۈتۈن مۇساپىگە 48 سائەت 43 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدىن شېنجېنغا بىۋاسىتە پويىز قاتنىشى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ تۆمۈريولى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېندىن ئىبارەت تۆت چوڭ شەھەرگە بىۋاسىتە قاتناشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.


جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 27-مارتتىن باشلاپ ئۈرۈمچى-جىڭجۇ-يىۋۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى.

ئۈرۈمچى-جىڭجۇ-يىۋۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۈنىگە بىر نۆۋەت قاتنايدىغان بولۇپ، CZ6661/2 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.


جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ۋۇخەن-بورتالا لىنىيەسىنى ئاچتى

28-مارت، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ۋۇخەندىن شىنجاڭ بورتالاغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى، بۇ لىنىيەدە ھەر دۈشەنبە كۈنى بىر نۆۋەت بېرىپ-كېلىش ئايروپىلانى قاتنايدىغان بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان يەككە مۇساپىدە ئالتە سائەتلەر ئەتراپىدا ئۇچىدۇ. 


ئۈرۈمچى-گۇيياڭ-شېنجېن ئارىسىدا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

28-مارتتىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-گۇيياڭ-شېنجېن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى، ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى CZ3435/6 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋەزىپە ئىجراقىلىدۇ.


ئۈرۈمچىدىن تايلاندقا ئايروپىلان قاتنىدى

شەندۇڭ ئاۋىئاتسىيىسى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى-كۇنمىڭ- باڭكوك ئارىسىدا نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيىسىنى ئېچىپ، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا بارىدىغان ھاۋا بوشلۇقى كارىدورى تۇتاشتۇردى.


تۇرپاندا تۇنجى دۆلەت ئىچى قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

23-ماي سائەت 13:10 ئۆتكەندە «بوئېن 737-800» تىپلىق ئايروپىلان 5 سائەت 45 مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن تۇرپان يارغۇل ئايرودرومىغا قوندى، بۇ تۇرپاندا تۇنجى دۆلەت ئىچى قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولغان بېيجىڭ-قۇمۇل-تۇرپان لىنىيەسىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


شېنجىن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى-لەنجۇ-نەنچاڭ لىنىيەسىنى ئاچتى

17-ئىيۇلدىن باشلاپ، شېنجىن ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-لەنجۇ-نەنچاڭ يېڭى لىنىيەسىنى ئاچتى، بۇ لىنىيەدە «بوئىن-738» تىپلىق ئايروپىلان  ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.


بوئېن 777 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى-چېڭدۇ، قەشقەر لىنىيەسىگە سېلىندى

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 15- كۈندىن باشلاپ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بوئېن 777 تىپلىق چوڭ تىپتىكى كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىشلىتىپ، ئۈرۈمچى-چېڭدۇ، ئۈرۈمچى-قەشقەر لىنىيەلىرىدە يولۇچى توشۇپ، ساياھەتچىلىك ئەۋج ئالغان پەسىلدىكى ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتىنى ياخشىلىدى. 

شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى «ETC» كۆزنىكى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى

20-ئىيۇل ، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ شىنجاڭ تارمىقى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ETC» «تەڭرىتاغ سەپىرى» ھېسابات كارتىسى تارقىتىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى، بۇ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا «ETC» نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.


نېفىت يۇرتىدىن شاڭخەيگە ئايروپىلان ئۇچتى

قاراماي-جىڭجۇ-شاڭخەي قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 23-ئىيۇلدىن باشلاپ ئايروپىلان قاتنىدى. بۇنىڭ بىلەن قارامايدىن ئىچىكىرى ئۆلكىلەرگە ئۇچىدىغان شەھەر سەككىزگە يەتتى.

نۆۋەتتە، قاراماي ئايرودرومى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى بېيجىڭ، چىڭدۇ، ۋۇخەن، جىڭجۇ، شاڭخەي، غۇلجا، كورلا، ئۈرۈمچى سەككىز شەھەرگە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئاۋىياتسىيە تورىنى قۇرۇپ چىقتى.


جېڭجۇ-قومۇل-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش غەلبىلىك بولدى

31-ئۆكتەبىر، قومۇل ئايرودرومىدا يولۇچىلار جېڭجۇ-قومۇل-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى قاتنىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن چۈشتى. شۇ كۈنى، جېڭجۇ-قومۇل-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، يېڭى يىپەك يولىدا تېز ھەم قولايلىق بولغان ھاۋا يولى كۆپەيدى. بۇ لىنيە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


ئۈرۈمچى ئايرودرومى يۈك-تاقسىز يولۇچىلارغا تېز سۈرئەتتە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولى ئاچتى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودروم تارماق شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش باش پونكىتى 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، T3 ئايروپىلان كۈتۈش زالىنىڭ A رايونىدا «يۈك-تاقسىز يولۇچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش يولى»نى ئاچتى، قول سومكىسىدىن باشقا يۈك-تاق كۆتۈرمىگەن يولۇچىلار بۇ يولدىن ئۆتسە، تېز سۈرئەتتە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى تاماملىيالايدۇ.

چەرچەن قاش ئوردا ئايرودرومىدا قاتناش باشلاندى

بۈگۈن، شىنجاڭ چەرچەن ناھىيەسى ئۈرۈمچى-كورلا-چەرچەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ چەرچەن ئايرودرومىدا بەش يىل قاتناش توختىتىلىپ، كۆچۈرۈپ قايتا ياسالغاندىن كېيىن ئېچىۋېتىلگەن تۇنجى پۇقرالار قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. يېڭىدىن قۇرۇلغان چەرچەن قاش ئوردا ئايرودرومىنىڭ يىللىق يولۇچى مىقدارى 120مىڭ/ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلىدۇ، يىللىق يۈك تىرانسپورت مىقدارى 480 توننا، يىللىق ئايروپىلان ئۇچۇش-قونۇش قېتىمى 1900 قېتىمغا يەتكۈزۈلىدۇ. 


شەخسلەر

شىنجاڭلىق يىگىت خەبىر «چېنجۇ شەھەرلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» شەرىپىگە ئېرىشتى

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى چېنجۇ شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغان شىنجاڭلىق يىگىت خەبىر ئەخمەتكە «چېنجۇ شەھەرلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» دەپ نام بەردى.

31 ياشقا كىرگەن خەبىر ئەخمەت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ چېنجۇ شەھىرىدىكى ئابلاجان كاۋاپچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. 7-مارت، ئۇ ۋە شۇ يەرلىك جوۋ زوخوڭ بىلەن بىرلىكتە 20 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن بىر ئايالنى قۇتقۇزۇۋالغان.

ئۇيغۇر يىگىت دانىيار ئەنگلىيەدىكى بەش داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتىن چاقىرىق تاپشۇرۇۋالدى

2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يەنە 60 نەچچە كۈن قالغان ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپ خەلقئارا بۆلۈمى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى دانىيار دولقۇن ئەنگلىيەدىكى لوندون ئۇنىۋېرسىتېت ئىنىستىتۇتى، دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتى، باس ئۇنىۋېرسىتېتى، مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى، نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت بەش داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئەۋەتكەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى. 

ئەسقەر چوڭچىڭدىكى «خەلقئارالىق پولات ئارقاندا مېڭىش مۇسابىقىسى»دە ئىككىنچى بولدى

2016-يىلى 30-مارت «پولات ئارقان پالۋانلىرى ۋۇلوڭ تەبئىي ھاڭ بوشلۇقىدىكى ئۇچار ئادەم خەلقئارالىق مۇسابىقىسى» چۇڭچىڭ ۋۇلوڭ دۇنيا تەبئىي مىراسى يادرولۇق مەنزىرە رايونى بولغان ئۈچ كۆۋرۈكتىكى تەبئىي ھاڭ ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگولۇق ئەسقەر، شۋېتسارىيەلىك فرېدىي نوك ۋە ئىتالىيەلىك زاۋاتادىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۈچ چوڭ پولات ئارقاندا مېڭىش ماھىرى بۇ يەرگە يىغىلىپ، پولات ئارقاندا مېڭىش، پولات ئارقاندا يۈگۈرۈش جەھەتتە كەسكىن ئېلىشتى، مۇسابىقىدە يەڭگۈچىگە «پولات ئارقان پالۋىنى» دېگەن نام بېرىلدى. 



«پەلەك شاھى» ئادىل ھوشۇرنىڭ ئۈچ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى

5- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 17 دە، دارۋازلىقتا بەش قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جۇڭگونىڭ «پەلەك شاھى»دەپ ئاتالغان ئادىل ھوشۇر تۇرپان بۇيلۇقتا تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇش، پولات سىمنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇش ۋە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن بولۇشتەك ئۈچ تۈردە دۇنيا رېكورتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇزۇپ تاشلىدى.

تاشپولات تېيىپ يەنە جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلاندى

مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، جۇڭگو ئاكادېمىيەسى 18-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى 13-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 22 نەپەر پەن-تېخنىكا، مائارىپ ساھەسىدىكى ۋەكىل قاتناشتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتىكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جىيا دىيەنزېڭ، خىمىيە-سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ليۇ لاڭ جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشتى.

ئابلاجان مۇختەر 1500 كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىپ، ئۈرۈمچىدىن ئاتۇشقا باردى

بورتالادا تۇرۇشلۇق ئابلاجان مۇختەر 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچىدىن پىيادە يولغا چىقىپ، 1500 كىلومېتىر يولنى ئۆزى يالغۇز تاغ- جەزىرىلەر بويلاپ بىرمۇ- بىر پىيادە بېسىپ، 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 18 كۈن ئىچىدە ئۆزىنىڭ نىشانى ئاتۇش شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئابلاجاننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە پىدائىيلار ئالدىغا چىقىپ قىزغىن قارشى ئالدى. 

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم «چاڭجياڭ–تاۋفېن مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

11–ئاينىڭ 2–كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 26–نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى» ۋە 14–نۆۋەتلىك «چاڭجياڭ–تاۋفېن مۇكاپاتى»نى باھالاش نەتىجىسى 11–ئاينىڭ 2–كۈنى ئېلان قىلىندى. «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم 14-نۆۋەتلىك «چاڭجياڭ–تاۋفېن مۇكاپاتى»نىڭ «چاڭجياڭ مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

85 ياشلىق تۇرسۇن يۈسۈپ بوۋاي ۋېلىسىپىت بىلەن بېيجىڭغا باردى

قورغاس ناھىيەسىدىن كەلگەن 85 ياشلىق تۇرسۇن يۈسۈپ ۋېلىسىپىت بىلەن 39 كۈن يول يۈرۈپ، 4000 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ باردى.


ۋېلىسىپىت مىنىپ بېيجىڭغا بارغان چەۋەنداز

ھامۇتجان توختىنىياز شىنجاڭ جىڭ ناھىيەسىدىن بېيجىڭغىچە بولغان 4500 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى 37 كۈندە، بېيجىڭدىن جېجياڭنىڭ يىۋۇ شەھىرىگىچە بولغان 1700 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى 23 كۈندە ۋېلىسىپىت بىلەن مېڭىپ تۈگەتتى. گەرچە سەپەردە نۇرغۇنلىغان ئويلاپ باقمىغان ھەرخىل مۈشكۈلاتلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ياش ھامۇتجان توختىنىياز ئىزچىل بەل قويۇۋەتمەي، نۇرغۇنلىغان ياخشى كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ئاخىرى جىڭ ناھىيەسىگە غەلىبىلىك يېتىپ كەلدى.

36 ياشلىق ھامۇتجان توختىنىياز شىنجاڭ جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزە بازىرى ئالسىن تولغاي كەنتىدىكى ئاددىي دېھقان يىگىتى بولۇپ، تېخى نەچچە ئاي ئىلگىرى ھامۇتجان قەشقەردىن پىيادە سەپىرىنى باشلاپ، 48 كۈندە 2000 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى تاماملاپ، بورتالاغا غەلىبىلىك يېتىپ كەلگەن ئىدى.

ئۈچىيى قورساق سىرتىغا چىقىپ قالغان بوۋاق ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلدى

21–دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئۈندىداردا كەڭ تارقالغان ئۈچىيى قورساق سىرتىغا چىقىپ قالغان بوۋاق ھەر دەرىجىلىك قاتناش تارماقلىرىنىڭ «يېشىل يول» ئېچىپ بېرىشى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلىرىمىزنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى نەتىجىسىدە 22–دېكابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت بەشتىن ئاشقاندا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

سائەت بەش يېرىمدىن ئاشقاندا، بوۋاق ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئولتۇرغان جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كەلدى. بوۋاقنىڭ تېزراق كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان دوختۇر ۋە سىستېرالار تېزلىكتە بالىنى ئېلىپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىپ ئوپېراتسىيە قىلدى، ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى. 


ئەدەبىيات-سەنئەت

شىنجاڭلىق كىنو ھەۋەسكارلىرى داڭلىق فىلىملەرنى ئۇيغۇر تىلىدا مەملىكەت بويىچە بىرلا ۋاقىتتا كۆرەلەيدىغان بولدى

11–ئاينىڭ 1–كۈنى خانساراي كىنو–تىياتىرخانىسىدا «ئەسەبىي مەستانە» فىلىمىنىڭ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە نۇسخىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرلا ۋاقىتتا قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كىنو–فىلىم تارقىتىش–قويۇش شىركىتى داڭلىق فىلىملەرنىڭ ئۇيغۇرچىغا كېچىكىپ تەرجىمە قىلىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ھىندىستاننىڭ «ئەسەبىي مەستانە» فىلىمىنى بالدۇر تەرجىمە قىلىپ، داڭلىق سەنئەتكار ۋە ئاۋاز ئارتىسلىرىغا ئاۋاز بەرگۈزۈپ، تەرجىمە فىلىملەرنى تۇنجى قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بىرلا ۋاقىتتا قويۇپ، ئاممىنىڭ داڭلىق فىلىملەرنى ۋاقتىدا ئۆز تىلىدا كۆرۈش ئارزۇسىنى قاندۇردى.


31-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ 31-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 2016-يىللىق ئېسىل خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 19-مارت ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى خۇڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مەمۇرىيەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى، دوكتۇر نىياز كېرىم شەرقى قاتارلىق يولداشلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 60 قا يېقىن خەتتاتنىڭ 100 پارچىدىن ئارتۇق ھۆسنخەت ئەسىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى.



تۆمۈر داۋامەتنىڭ «ئۆمۈر ئىزلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ موڭغۇلچە تەرجىمىسى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۆمۈر داۋامەتنىڭ «ئۆمۈر ئىزلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ موڭغۇلچە تەرجىمىسى مۇھاكىمە يىغىنى 23–ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەتنىڭ «ئۆمۈر ئىزلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى «تەڭرىتاغ شادلىقى»، «ۋەتەنگە مۇھەببەت»، «دەۋر ئىلھاملىرى»، «ھايات مەشئىلى»، «يۇرت مۇھەببىتى»دىن كېيىن نەشر قىلىنغان 6–شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۆمۈر ئىزلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى خەنزۇ، ئىنگلىز، ياپون، رۇس، ئەرەب، قازاق، ئۆزبېك، موڭغۇل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.

زىكرى ئەلپاتتا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشىدە، تۆھپىكار مۇقامشۇناس، ئاتاقلىق كومپوزىتور، يىتۈك سەنئەت ئەربابى مەرھۇم زىكرى ئەلپاتتا ئۇستازنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس ئەدىبلەر، مەرھۇمنىڭ شاگىرتلىرى ۋە يۇرتداشلىرى 25-ئاپرېل ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، مەرھۇم تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.




شائىر تاھىر تالىپ بەكتۇر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 55 يىللىقى ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، قەشقەر شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دىيارىمىزدىكى قەلەم ساھىبلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇشۇ ئانا تۇپراقتا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەل ئۈچۈن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى تەقدىم ئەتكەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز، ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ بەكتۇر ئاكىنىڭ 70 ياشقا تولغان قۇتلۇق كۈنى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 55 يىللىقىنى تەبرىكلەش، شۇنداقلا يېڭىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىلغان «ئەتىكى قۇياش» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «مەدەنىيلىك ۋە زىيالىيلار» ناملىق ماقالە توپلىمىنىڭ تارقىتىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىللەنگەن ئەھمىيەتلىك ئەدەبىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 


تەنتەربىيە

ئاتۇش پۇتبول كوماندىسى چاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى

22-مارت، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خې لۇڭ لوڭقىسى» نى تالىشىش دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسىدە، ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى 3 كە قارشى 4 نەتىجە بىلەن چاڭشا يالى ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، ئاتۇش پۇتبولچىلىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتتى.



«ئارزۇ» پۇتبول كوماندىسى زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى

توققۇز كۈن داۋاملاشقان مەملىكەتلىك 6-نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 11-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنجۇ شەھىرىدە غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ «ئارزۇ» پۇتبول كوماندىسى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانما مۇسابىقىدە 1 گە قارشى ئالتە نەتىجە بىلەن كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى بولغان شەندۇڭ «جياۋجۇ» كوماندىسىنى يېڭىپ، 11 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش، 92 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىسى بىلەن 11، 12 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ، كاۋاك يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ «ئارزۇ» پۇتبول كوماندىسىنىڭ قۇرۇلغان 10 يىلدىن بۇيان مەملىكەت دەرىجىلىك مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.


پەن-تېخنىكا


ئۇيغۇر كەشپىياتچى ئاۋازلىق كونترول قىلىدىغان بۆشۈك كەشپ قىلدى

كۇچا ناھىيەسى ئۇزۇن بازىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەلۇمات سەۋىيەسىگە ئىگە ئۇيغۇر كەشپىياتچى ئابلىكىم كېرەم ئاۋازلىق كونترول قىلىنىدىغان، بوۋاق بالىنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلانغان ھامان بۆشۈك ئۆزلۈكىدىن تەۋرەشكە باشلايدىغان بۆشۈك كەشىپ قىلدى. 



ئىقتىساد

ئۇيغۇر تىلىدىكى يانفون بانكىسى ئېچىلدى

ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى يانفون بانكىسى 2016-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلىنىدى. ئۇيغۇر تىلى نۇسخىسىدىكى يانفون بانكىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بولماسلىقىدەك بوشلۇقنى تولدۇرىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى بانكىسى شىنجاڭ جۈملىدىن دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تىلىدىكى يانفون بانكىسىنى روياپقا چىقارغان پۇل-مۇئامىلە كارخانىسى بولۇپ قالدى.

ئۈرۈمچى بانكىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇيغۇر تىلى نۇسخىسىدىكى يانفون بانكىسى تۈرى 2016-يىل 3-ئايدا باشلانغان بولۇپ، قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە بارلىق پۇل-مۇئامىلە ئاساسىي ئىقتىدارلىرىنى ئېچىش، دەلىللەش، ئىچكى سىناق خىزمەتلىرىنى تاماملىغان. ئۇيغۇر تىلىدىكى يانفون بانكىسى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، خەنزۇ تىلى ئۇقمايدىغان ئۇيغۇر ئابونتلىرىمۇ يانفون بانكىسى ئارقىلىق ھېسابات يۆتكەش (پۇل ئەۋەتىش)، ھېساباتنى تەكشۈرۈش، ئاپتوماتىك پۇل تاپشۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ تۈرى ۋە ئىقتىدارلاردىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.


«4-نۆۋەتلىك جۇڭيى-غەرب-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە يىپەك يولى خەلقئارالىق تېبابەت ئىتتىپاقى مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنبىرى» 10-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

دىيارىمىزدا ئېچىلغان بۇ خەلقئارالىق كاتتا يىغىننى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى، رۇسىيە Saint Petersburg Pavlov تېببىي ئۇنىۋېرسىېتى، رۇسىيە ئۇل تېببىي پەنلەر تەتقىقات ئورنى،  ش ئۇ ئا ر پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ، شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى باشقا ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.


قومۇل ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قومۇل شەھىرى تەسىس قىلىندى

18-فېۋرال، قۇمۇل ۋىلايىتى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى ئەڭ ياش شەھەر بارلىققا كەلدى. بۇ، شىنجاڭدا تۇرپاندىن كېيىن ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ تەسىس قىلىنغان ئىككىنچى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇمقاش شەھىرى رەسمىي قۇرۇلدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇمقاش شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى 26-فېۋرال شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14-دىۋىزىيە 224-تۇەن يۈشەن بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇمقاش شەھىرى 1954-يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ بىڭتۇەنىنىڭ «دىۋىزىيە بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش» ئەندىزىسى بويىچە باشقۇرىدىغان 9-شەھەر ھېسابلىنىدۇ.



ۋەقەلەر 


قاغىلىقتا لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بېرىپ 35 ئادەم قازا قىلدى

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، قارا يامغۇرلۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، تاغلىق رايونغا جايلاشقان قاغىلىق ناھىيىسى كۆكيار يېزىسى 6-كەنتىدە لاتقا-شېغىللىق ئېقىنى كېلىپ، 7-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 19:00 غىچە، 35 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋەتتە، قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. كۆكيار يېزىسى 6-كەنتى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان، قاغىلىق ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 170 كىلومېتىر بولۇپ، قاتتىق يامغۇر بىر قىسىم تاشيوللارنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. 


بۇ بىر يىلدا يەر تەۋرەش شىنجاڭ ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەت بولۇشى مۇمكىن. 

2016-يىلى 2–ئاينىڭ 11–كۈنى سائەت 21 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، كۈنەس ناھىيەسىدە 5.0 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 00:32 ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە 4.2 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 21 دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە بورتالا ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدە 3.2 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 09:38 دە (ئۈرۈمچى ۋاقتى) قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيىسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىدى. 

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ بېيجىڭ ۋاقتى 22:57 دە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسىدە 5.1 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچ، ئۈرۈمچى ۋاقتى 19:11 دە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدە 3.8 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 17:08 دە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە 3.3 بال يەر تەۋرىدى.

2016-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10-ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ 01 ﺩﯨﻦ 15 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ (ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﺍﻗﺘﻰ) ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﮔﯘﻣﺎ ﻧﺎھىيەسىدە 3.0 ﺑﺎﻝ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭىدى.

2016-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11-ﻛﯜﻧﻰ ئەتىگەن سائەت 41: 6 دە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە 3.0 بال تەۋرىدى.

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 19:40تا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرىدە 4.4 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر سائەت بىردىن ئىككى مىنۇت 29 سېكۇنت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 21:25:11 ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە 2.2 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە ئۈچ بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 11 دىن 05 مىنۇت 13 سېكۇنت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسىدە 4.8 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىدى.

2016-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 21دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدە 3.3 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:36:58 دە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرى مارالبېشى ناھىيەسىدە 4.3 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 06:12 ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 20:32 دە شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 4.5 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 9:41 دە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنور ناھىيەسىدە 4.0 بال يەر تەۋرىدى. 

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 15:04 تە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيىسىدە 3.9 بال يەر تەۋرىدى. 

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 04:25 تە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى ناھىيىسىدە 2.2 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:00 دە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىدە 4.7 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 12:43 ئۆتكەندە، سانجى ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرىدە 3.0 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 13:14 ئۆتكەندە، تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسىدە 3.4 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 0دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە 3.1 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 18:27 ئۆتكەندە، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى ئەتراپىدا 4.5 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 10:50 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئەتراپىدا 3.7 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 15:00 ئۆتكەندە، سانجى شەھىرى ئەتراپىدا 4.3 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 12:06 مىنۇت ئۆتكەندە، بايىنغولىن ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسىدە 3.4 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 17:24 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 20دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 12:33 ئۆتكەندە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسىدە 3.1 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:50 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 21:54 ئۆتكەندە، تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسىدە 4.0 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 17:22 ئۆتكەندە، ئالتاي شەھىرىدە 3.6 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 20:39 ئۆتكەندە، ئاتۇش شەھىرىدە 3.2 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 14تىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 20 دىن 24 مىنۇت 33 سېكۇنت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى ئەتراپىدا 6.6 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 12 دىن 07 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ قومۇل ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13 تىن 42 مىنۇت 36 سېكونت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى ئەتراپىدا 3.2 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەر سائەت 7:03 مىنۇت ئۆتكەندە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدە 3.6 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13:02 دە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11:15:04 دە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى ئەتراپىدا 6.2 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11:32:08 دە، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدە 3.3 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 14:11:50 دە، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدە 3.9 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 06:51:19 دە، شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسىدە 3.4 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 19:58:27 دە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 14:14 ئۆتكەندە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسىدە 5.0 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16:04:38 دە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسىدە 5.8 بال يەر تەۋرىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 15:31:50 دە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىدى.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号