باش بەت

جاھانكەزدى

14354يوللانما
5مەستانە

2017-يىلى شىنجاڭدا يۈز بېرىدىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەر

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-29 22:05 0 ئىنكاس چۈشتى

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى: يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن بىز 2016-يىلى بىلەن خوشلىشىمىز، 2017-يىلىغا قەدەم قويۇش بىلەن تەڭ شىنجاڭدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، تۇرمۇشىڭىزغا نۇرغۇن قولايلىقلار يارىتىلىدۇ.

شىنجاڭلىقلار «ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى» ۋە «كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىش سۇغۇرتىسى» دىن ھەقسىز بەھرىلىنەلەيدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ داۋالىنىش ياردىمى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ھەقسىز ئەمەلىيلەشتۈردى.

ئۈرۈمچىدە كېلەر يىلىدىن باشلاپ مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى دەرسلىك كىتابلار پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىۋېتىلىدۇ

 شىنجاڭ شەھەر-يېزا مەجبۇرىي مائارىپىدا «ئىككىنى ئېلىۋېتىپ، بىرگە تولۇقلىما بېرىش» سىياسىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزا مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش خىراجەت ھەققى، دەرسلىك كىتاب خىراجىتى ھەقسىز قىلغاندىن باشقا، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى ۋە مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئۆلچەملىك ئومۇمىي ئىشلار خىراجىتى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 6000 يۈەن قىلىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

 پۈتۈن شىنجاڭدىكى 4387 يېزا «قوش تىل» يەسلىسى كېڭەيتىپ ياسىلىدۇ

 2017-يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 4387 يېزا «قوش تىل» يەسلىسى كېڭەيتىپ ياسىلىدۇ. يېزا «قوش تىل» يەسلىسى كېڭەيتىپ ياسىلىش بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايون ئېھتىياجغا ئاساسەن ئوقۇشتىن بۇرۇنقى «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ، «شىنجاڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورۇن پىلانى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ نىشانلىق ھەقسىز پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى» شۇنداقلا «ئىستۇدېنتلارنىڭ پىراكتىكا قىلىپ ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش پىلانى» كېڭەيتىپ يولغا قويىدۇ.

شىنجاڭنىڭ بارلىق رايونلىرىدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئەمەلىيلىشىدۇ

جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا 14 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مۇشۇ ئاساستا ئاپتونوم رايون باشقا رايونلاردىمۇ 14 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدا 15 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇپ، ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىل، باشلانغۇچ ئالتە يىل، تولۇقسىز ئۈچ يىل، تولۇق ئوتتۇرا ئۈچ يىل ھەقسىز بولۇشنى بارا-بارا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

شىنجاڭلىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ھەريىلى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتەلەيدۇ

شىنجاڭدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى بىر قېتىملىق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرلىنەلەيدۇ، بۇ ئاپتونوم رايوندا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسى ئۆستۈرۈلىدۇ

بۇ نۆۋەت شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتلىرىغا ئايدا بېرىلىدىغان پۇلغا 14 يۈەن قوشۇلۇپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتلىرىغا ئايدا بېرىلىدىغان پۇلغا 12 يۈەن قوشۇلىدۇ. تەڭشەشتىن كېيىن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش ئوبيېكتلىرىغا ئايدا بېرىلىدىغان پۇل 376 يۈەنگە، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش ئوبيېكتلىرىغا ھەر بىر كىشىگە يىلدا بېرىلىدىغان پۇل 2855 يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ پۈتۈن مەملىكەت سەۋىيەسىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.

داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە بىرلەشتۈرۈلىدۇ

نۆۋەتتە، شىنجاڭ تۇنجى تۈركۈمدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى پۈتۈن مەملىكەتتە تورلاشتۇرغان ۋە باشقا جايدا داۋالانسا بىۋاستە ئاتچوت قىلالايدىغان ئۆلكە قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، 2017-يىلى باشقا جايلاردا داۋالىنىش سۇپىسى قۇرۇش خىزمىتى تاماملىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىلىدۇ.

سېتىۋېلىش بېجى يېڭى سىياسىتى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ

2017-يىلى 1-يانۋاردىن 31-دېكابىرغىچە، 1.6 لېتىردىن تۆۋەن چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلاردىن %7.5 لىك باج نىسبىتى بويىچە باج ئېلىنىدۇ، 2018-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ قانۇندا بەلگىلەنگەن %10 لىك باج نىسبىتى بىلەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

كىملىك سۈرۈش ئارقىلىق ئايروپىلانغا ئولتۇرغىلى بولىدۇ

جۇڭگو ئايرودۇرۇمىدا «بىر گۇۋاھنامە ئارقىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈش» يولغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى ئايرودۇرۇملاردا پەقەت 2-ئەۋلاد كىملىك ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق ھالدا ئايروپىلانغا چىققىلى بولىدۇ.

قىممەت باھالىق بۇيۇم ئېلىۋالغانلار ياكى مېيىپ يولۇچىلار ئاممىۋى سورۇندا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىسىمۇ بولىدۇ

قىممەت باھالىق بۇيۇم ئېلىۋالغان يولۇچىلار، بەدىنىگە يۈرەك قوزغىتىش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەنلەر ۋە مېيىپ يولۇچىلار ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆچرەتتە تۇرۇپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىسىمۇ بولىدۇ.

توردىن دورا سېتىۋالغاندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىغا يەنە بىر ئىقتىدار قوشقان بولۇپ، ئۈندىدار، چىقىمدان قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ ھەق تۆلەش سۇپىسى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، بىخەتەر ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا توردىن دورا بۇيۇملىرىنى سېتىۋالالايسىز.

ئاممىۋى رايونلار ئومۇميۈزلۈك wifi بىلەن قاپلىنىدۇ

2018-يىلى ئۈرۈمچى قاتارلىق رايونلار سىمسىز تور شەھىرى نىشانىغا يېتىپ، پۈتۈن شەھەر wifi بىلەن قاپلىنىپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈلىدۇ.

ھېيت-بايراملاردا شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ھەق ئېلىنمايدۇ

دۆلەتنىڭ 2017-يىللىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ.

ھەرقايسى بانكىلار يىللىق كارتا ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى بىكار قىلىدۇ

ئۈرۈمچىدە دېسنىي باغچىسىدىنمۇ چوڭ ئالاھىدە بىر باغچا ياسىلىدۇ

2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى قىبلىتاغ دېھقانچىلىق مەيدانىغا يەر مەيدانى شاڭخەي دېسنىي باغچىسىدىنمۇ چوڭ بىر باغچا ياسىلىدۇ.

ئۈرۈمچىدىكى مەھەللىلەردە 15 مىنۇتلۇق بەدەن چېنىقتۇرۇش چەمبىرىكى ياسىلىدۇ

ئۆيىڭىزنىڭ ئەتراپىدا بەدەن چېنىقتۇرغىدەك مۇۋاپىق ئورۇن بارمۇ؟ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللىلەردە 15 مىنۇتلۇق بەدەن چېنىقتۇرۇش چەمبىرىكى قۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئاممىۋى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى مۇلازىمىتىدىن بەھرلىنەلەيدۇ.

ئۈرۈمچىدە ئەڭ چوڭ قار-مۇز باش تېمىسىدىكى باغچا ياسىلىدۇ

ئۈرۈمچىدىكى چوڭ-كىچىك يېشىل جىلغا باغچىلىرىغا بۇ يىل 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، «قار» ۋە «مۇز» باش تېمىسىدىكى ئىككى باغچا ياسىلىدۇ.

ئۈرۈمچى گۇچۇڭ يولىغا دېخۈي ۋەندا مەيدانى ياسىلىدۇ

ئۈرۈمچى گۇچۇڭ يولىدىكى كۈمۈش يۇلتۇز مېھمانسارىيى ئۇدۇلىغا 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 550 مىڭ كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدە زامانىۋى، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، سودا، ئالاقە، ئېلېكترونلۇق سودا بىرلەشكەن چوڭ تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ۋەندا مەيدانى ياسىلىدۇ.

ئىلى دەرياسىغا يەنە بىر 300 مېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتىكى يېڭى كۆۋرۈك ياسىلىدۇ

ئىلى دەريادسىغا ئۇزۇنلۇقى 300 مېتىردىن ئاشىدىغان يەنە بىر يېڭى كۆۋرۈك ياسىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.

ئەڭ چوڭ يولۇچى توشۇش بېكىتى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر زال ئىچىدىن قوزغىلىدىغان يولۇچى توشۇش بېكىتى بولۇپ، كۈندىلىك يولۇچى توشۇش ئىقتىدارى 15 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يېتىدۇ.

بېيجىڭ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ياسىلىدۇ

بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى مۇھىم غول لىنىيەلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. بۇ يول شەرقتە بېيجىڭدىن باشلىنىپ، غەربتە شىنجاڭ ئۈرۈمچىگە تۇتىشىدۇ. 2017-يىلى قاتناش باشلىنىدۇ.

ئۈرۈمچىدىن لوپنورغا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئۈچ سائەتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ

ئۈرۈمچىدىن لوپنورغىچە 388.804 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىلىدۇ.

ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىغا T4 ئايروپىلان كۈتۈش زالى ياسىلىدۇ

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ 400 مىڭ كۋادىرات مېتىرلىق شىمالىي بىكەت ئاۋىياتسىيە بىناسى پىلانىنىڭ تەستىقلىنىشى بىلەن، T4 ئايروپىلان كۈتۈش زالى ياسىلىدۇ.


مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2016-12/29/content_575379.htm?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号