• بۈگۈندۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    نۇر تورى ئېلان قىلغان 2016-يىللىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى

    مەنبە : nur.cnتەھرىر : گۈلمىرە شەمشىدىن ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2016-12-30 21:29

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    نۇر تورى ئېلان قىلغان 2016-يىللىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى

    خۇشاللىق ھەم قايغۇمىزغا شاھىد بولغان 2016-يىلىغا خاتىمە بېرىپ، يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. بۇ يىل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ ئىللىقلىققا تولغان بىر يىل ھېسابلىنىدۇ. بىر قىسىم پەخىرلىك قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ نەتىجىسى بىلەن دىيارىمىزغا شەرەپ ئېلىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر قىسىم پەخىرلىك تۆھپىكارلىرىمىز بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. يىل بېشىدىن باشلانغان مېھىر-مۇھەببەت كۈيى پۈتۈن شىنجاڭ جۈملىدىن پۈتۈن مەملىكەت ئاسمىنىدا ياڭراپ، يىل ئاخىرىدىمۇ يەنە شۇ سادا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. بىر يىلغا گۈزەل خاتىمە بەردۇق، ئەمما خەلق ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە خۇشاللىققا ئەمەس. يېڭى بىر يىلدا خەلقنىڭ بەختىيار كۈلكىسى تېخىمۇ ياڭراق بولغۇسى! قەلبلەر مېھىر بىلەن تۇتاشقۇسى! 

    قېنى بىز بۇ بىر يىلدا ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلەپ ئۆتەيلى:


    بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئۈمىدلىك ياش ئېرپان ئەخەت ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى، دارتمائۇس ئىنىستىتۇتى ۋە ئەنگىلىيە ئىدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىش چاقىرىقىنى تاپشۇرىۋالغان. ئۇ ئۆز ئارزۇسى بويىچە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 20 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى بولغان مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مولىكۇلا، ھۈجەيرە ۋە يېتىلىش بىئولوگىيەسى فاكۇلتېتىنىڭ 5 يىللىق جەمئىي 242 مىڭ دوللارلىق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى تاللىغان.



    مائارىپ مىنىستىرلىقى 7-نۆۋەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا كومىتېتى ئەزالىرى ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، 70 ئورۇندىن 90 نەپەر مۇتەخەسسىس ئەزالىققا تاللاندى. مائارىپ مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا كومىتېتى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئالىي مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، شۇنداقلا دۆلەت ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىدىيە ئامبىرى ۋە ئاقىللار ئۆمىكى بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى پەن-تېخنىكا خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇ قېتىم تاللانغان ئەزالار ئالىي مەكتەپ ۋە پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاكادېمىك، تەتقىقاتچى ۋە پىروفېسسورلار بولۇپ، پىروفېسسور زەپەر ئابلىز بۇنىڭغا تاللانغان بىردىنبىر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس.

    دۇنيا مىللەتلىرى كىنو فېستىۋالى ھەر يىلى 4-ئايدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلەتتى. 2016-يىلىدىكى 13-نۆۋەتلىك دۇنيا مىللەتلىرى كىنو فېستىۋالى 1-ئاپرېلدىن 7-ئاپرېلغىچە ئامېرىكا لوس ئانژېلىس جەنۇبىي قولتۇقىنىڭ PV يېرىم ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا، جۇڭگو، فىرانسىيە، رۇسىيە، ئىتالىيە، گىرمانىيە، چېخ، كورىيە، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ 1200دىن ئارتۇق كىنو ۋە سىنارىيە ئەسەرلىرى فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلدى. بۇ فىلىملەر ئىچىدىن 50 فىلىم تاللىنىپ مۇسابىقىگە چۈشتى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق كىنو مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ باھالىشى بىلەن «ئەڭ ياخشى ئەسەر»، «ئەڭ ياخشى ئارتىس»، «ئەڭ گۈزەل مەنزىرە»، «ئەڭ ياخشى كىنو» قاتارلىقلار باھالاپ چىقىلدى. خەلقئارادا تەسىر كۈچى ئىنتايىن چوڭ بولغان ئەڭ ئاخىرقى مۇكاپاتلاشتا شىنجاڭ كىنوچىلىقىنى خەلقئارا سەھنىلەردە نامايان قىلىپ، كىنوچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقان ئاتاقلىق رېژىسسور شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلغان «مېھرى-مۇھەببەت» فىلىمى خەلقئارا بويىچە «ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.


    ئۈرۈمچى شەھىرى 2016-يىلى خەلققە قىلىپ بېرىدىغان 100 ئەمەلىي ئىشنى ئېلان قىلدى

    21-فېۋرال، ئۈرۈمچى شەھىرى 2016-يىلى خەلققە قىلىپ بېرىدىغان 100 ئەمەلىي ئىشنى ئېلان قىلدى. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون جەھەتتىكى 100 ئەمەلىي ئىش ئاساسلىقى، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: سىياسەت تەدبىرىگە دائىر تۈر 43، قۇرۇلۇشقا دائىر تۈر 57، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەلىي سانى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغىنى قاتناش-يول يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاش، شەھەر مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار.

    «قولايلىق كارتا» 1-مايدىن باشلاپ ئىشلىتىشتىن توختىتىلدى 

    2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:00 دا، ئاپتونوم رايون شىنجاڭ خەلق سارىيىدا «كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قولايلىق كارتىنى ئىشلەتمەسلىك» ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە قولايلىق كارتىنىڭ ئەمدى ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىندى.

    «پەلەك شاھى» ئادىل ھوشۇر ئۈچ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى

    5- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 17 دە، دارۋازلىقتا بەش قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جۇڭگونىڭ «پەلەك شاھى»دەپ ئاتالغان ئادىل ھوشۇر تۇرپان بۇيلۇقتا تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇش، پولات سىمنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇش ۋە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن بولۇشتەك ئۈچ تۈردە دۇنيا رېكورتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇزۇپ تاشلىدى.


    پورتۇگالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2015-يىللىق ESTS لوڭقىسى مۇسابىقىسى (2015 ESTS Master Cup) دە ئۇيغۇر دوختۇر ئەزىمەت رۇستەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا گۇرۇپپىسى ئامېرىكا، ياۋروپا قىتئەسى گۇرۇپپىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ESTS لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، ئاسىيا گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ دۇنياۋى كاتتا مۇسابىقىدە چېمپىيون بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن.

    ئەزىمەت رۇستەمنىڭ مەزكۇر مۇسابىقىگە ئاسىياغا ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى بۇندىن 3 ئاي بۇرۇن تارقاتقان ئىدۇق. مانا شۇ تاپتا بۇ ئوغلانىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە كاتتا شەرەپ قۇچقانلىق خەۋىرىنى يەنىمۇ زور ھاياجان بىلەن تارقىتىپ تۇرۇپتىمىز. ئىگىلىنىشىچە، ESTS لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ياۋروپا كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان، دۇنيا كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلىرى ئىلمى ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە  ۋەكىللىك قىلىدىغان كاتتا مۇسابىقە بولۇپ، ئەزىمەت رۇستەم بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەمدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر دوختۇر ئىكەن.

    خەلقىمىزنىڭ ئاتاقلىق سەنئەتكارى، پەخىرلىك ئۇستاز سەنۇبەر تۇرسۇن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆز سەنئەت ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىگە مىجىت يۇنۇس، ئادىلجان ئابلىز قاتارلىق ماھىر سازەندىلەر ئانا دىيارىمىزدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقاندىن سىرت، ماھىر ئۇسسۇلچى مۇقەددەس مىجىت فىرانسىيەدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كېلىپ قاتناشتى.


    گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2-ئىيۇن «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتاب تەخمىنەن 8600 سۆز، مۇقەددىمە، خاتىمە قىسمىدىن باشقا يەتتە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 23-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىنىشكا، گۇۋاھنامىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە كىشى ئىسمىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى» توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جەمئىيەتكە بۇ چوڭ ئىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

    كىچىك «چېكىت» ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ خەنزۇچە ئىسمى بىلەن فامىلىسىنى ئايرىشتا ئىشلىتىلىدىغان بەلگە بولۇپ، بۇ ئاممىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىنىشكا، گۇۋاھنامىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە كىشى ئىسمىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئوبرازلىق پىكرى. ئىلگىرى بۇ كىچىك «چېكىت» نىڭ شەكلى ياكى ئورنى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن كىشىلەر ئامانەت پۇل قويۇش، ئامانەت پۇل ئېلىش، سۇغۇرتا، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرۇش، مال سېتىۋېلىش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولايسىزلىققا ئۇچراپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان ئىدى. ئاپتونوم رايون بۇ مەسىلىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلىدىكى 27 تۈرلۈك زور تەدبىر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، بۇ يىل شىنجاڭ ئىچىدە باشلامچىلىق بىلەن ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.



    ئۇيغۇر يىگىت دانىيار ئەنگلىيەدىكى بەش داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتىن چاقىرىق تاپشۇرۇۋالدى

    2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يەنە 60 نەچچە كۈن قالغان ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپ خەلقئارا بۆلۈمى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى دانىيار دولقۇن ئەنگلىيەدىكى لوندون ئۇنىۋېرسىتېت ئىنىستىتۇتى، دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتى، باس ئۇنىۋېرسىتېتى، مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى، نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت بەش داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئەۋەتكەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى. 

    قورغاس ناھىيەسىدىن كەلگەن 85 ياشلىق تۇرسۇن يۈسۈپ ۋېلىسىپىت بىلەن 39 كۈن يول يۈرۈپ، 4000 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ 8-نويابىر بېيجىڭغا يېتىپ باردى.

    تۇرسۇن يۈسۈپ قورغاس ناھىيە سەندىخوزا يېزىسىدىكى ئاددىي بىر دېھقان بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۇنچە ئاددىي ئەمەس. ئۇ بۇ ھاياتىدا كونا جەمئىيەتنى، يېڭى جۇڭگونىڭ ئازادلىقىنى، سوتسيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرى ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئۇ بۇلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، ئۆز قۇلقى بىلەن ئاڭلىدى. ئۇنىڭ ئىزچىل بىر ئارزۇسى بار ئىدى. يەنى ۋېلىسىپىتلىك بېيجىڭغا بېرىش. ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياشىنىپ قالغانلىقىغا تەن بەرمەيدىغانلىقىنى، ياشلار قىلغان ئىشلارنى ئۆزىمۇ قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغۇسى بار ئىدى. شۇ ئوتتەك ئىشتىياق ۋە ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ ئوغلىنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ ئەھمىيەتلىك سەپەرگە يول ئالدى. 39 كۈن جاپالىق يول يۈرۈش نەتىجىسىدە بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.


    دوكتور ئالىم پولاتنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، خەلقئاراغا داڭلىق غول ھۈجەيرە مۇتەخەسسىسى شۆھرەت مۇتەللىپ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى بايقىشى 2016-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

    «مېنىڭ ئامېرىكىدىكى دوكتورئاشتى يېتەكچىم، خەلقئارادىكى داڭلىق غول ھۈجەيرە مۇتەخەسسىسى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك پەيدا بولغان زىيانلىق گېننىڭ ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئېرسىيەت قالدۇرۇشىنى ئۈنۈملۈك توسۇشتەك ئەڭ يېڭى گېنتىكىلىق داۋالاش تېخنىكىسىنى بايقاپ چىققان. بۇ خىل گېنتىكىلىق داۋالاش تېخنىكىسى ئانىنىڭ گېن توساتتىن ئۆزگىرىشسىز پەرزەنت كۆرۈش مۇۋەپپەقىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن. بۇ زور بايقاش نەتىجىسى تۈنۈگۈن (2016-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى) «تەبىئەت» ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

    جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 2016-يىلى 8-دېكابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11:15:04 دە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى ئەتراپىدا (شىمالىي كەڭلىك 43.83 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86.40 گىرادۇس) 6.2 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 6 كىلومېتىر.


     21–دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئۈندىداردا كەڭ تارقالغان ئۈچىيى قورساق سىرتىغا چىقىپ قالغان بوۋاق ھەر دەرىجىلىك قاتناش تارماقلىرىنىڭ «يېشىل يول» ئېچىپ بېرىشى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلىرىمىزنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى نەتىجىسىدە 22–دېكابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت بەشتىن ئاشقاندا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-دوختۇرخانا بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ تىرىشىپ ھەقسىز داۋالىشى ئاستىدا ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

    «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ» 6.0 نەشرى ئېلان قىلىندى

    2016-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ» 6.0 نەشرى ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىمقى يېڭى نەشرىگە بىر نەچچە يېڭى خەت نۇسخىسى قوشۇلۇپ، خەت نۇسخىسى 25كە يەتكۈزۈلدى، چاغاتايچە كىرگۈزۈش قوشۇلدى.

     3-ئاپرېل شىنرۇڭ سارىيىدا «شىنجاڭ IT بىرلەشمىسى» بەشىنچى نۆۋەتلىك ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرىدە نۇر كىرگۈزگۈچى ئاندىرويىد نەشىرىنىڭ 1.6 نەشىرىنى ئېلان قىلىنىپ ئاندىرويىد يانفونلارغا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق خەت كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشتى.

    2016-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىزدە قامۇسى ئېلان قىلىندى

    ياخشى شىركىتى 2014-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىزدە قامۇسى قۇرۇشنى پىلانلاپ، 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىزدە قامۇسى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2016-يىلى يىل ئاخىرغىچە  13308 پارچىدىن ئارتۇق سۆزلۈك (ماقالە) قوشۇلغان، تەھرىرلەش خىزمىتىگە 90 ئادەم قاتناشقان، جەمئىي 17289 قېتىمدىن ئارتۇق تەھرىرلەنگەن.

    تور ئادرېسى: Wiki.izda.com


    شىنجاڭنىڭ «ئوسكار مۇكاپاتى» دەپ نام ئالغان «كۆرك لوڭقىسى» مىكرو كىنو مۇكاپاتلاش مۇراسىمى  22-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مىكرو كىنو مۇكاپاتلاش مۇسابىقىسىدە بەش ئەسەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان يەتتە تۈر بويىچە مۇكاپاتلاندى.

    «كۆرك مۇكاپاتى» مىكرو كىنو مۇسابىقىسى شىنجاڭ تېلېگرافى بىلەن شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئويۇشتۇرغان شىنجاڭدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مىكرو كىنو مۇسابىقىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن مەخسۇس كەسپىي باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە تىللاردا ئىشلەنگەن  500 دىن ئارتۇق ئەسەرلەر ئىچىدىن دەسلەپكى قەدەمدە 60 ئەسەرنى باھالاش باسقۇچىغا تاللىغان. باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قايتا -قايتا باھالىشى نەتىجىسىدە 22 ئەسەر توردا ئېلان قىلىنىپ، باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسى ۋە تورداشلارنىڭ تاشلىغان بېلەت سانىغا ئاساسەن بەش پارچە ئەسەر ئاخىرقى يەتتە تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.


    بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان كىشىلىرىمىز

       تالانتلىق ئاۋاز ئارتىسى قەلبىنۇر ئەلنازى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى كۈنى سەھەردە يۈرەك كېسىلى بىلەن 46 يېشىدا ۋاپات بولدى.


       خەلق چاقچاقچىسى بولۇس نىزامىدىن ئاكا 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:00 لەردە غۇلجىدا 64 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.


       «كروراندىكى ئ‍ىزچىلار» (ئىككى قىسىملىق تارىخىي رومان)، «لوپنۇر ئەسلىمىلىرى»، «لوپنۇر خەلق داستانلىرى»، «لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى» (5–كىتاب)، «باش ئەگىم نەزمىلىرى» (شېئىرلار توپلىمى)، «مىنكۇن باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئ‍اپتورى، «كروران» ژۇرنىلى (بۇرۇنقى «بوستان» ژۇرنىلى)نىڭ سابىق مۇھەررىرى، بايىنغۇلىن ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، لوپنۇرشۇناس، ئىقتىدارلىق ژۇرنالىست، پېشقەدەم يازغۇچى مۇھىددىن (مويدۇن) سايىت ئ‍اكا 2016-يىلى 3-ئ‍اينىڭ 22-كۈنى 81 يېشىدا ئ‍الەمدىن ئ‍ۆتتى.

       بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن، تالانتلىق يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ژۇرنالست سەمەت دۇگايلى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر سائەت 3:30 لار ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.

      «مەسلىھەت چاي»، «كۆمۈلمەس ئىزلار»، «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىق 40 نەچچە دىرامىدا رول ئېلىپ، ئۇيغۇر دىرامىچىلىقى ئۈچۈن ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا ئۇسسۇل-دراما ئۆمىكىنىڭ پېشقەدەم ئارتىسى، ئاتاقلىق سەنئەت ئۇستازىمىز ئابلىكىم روزى 2016-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18-ﻛﯜﻧﻰ (ﺟﯜﻣﻪ ﻛﻪﭺ) ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﺍﻗﺘﻰ كەچ ﺳﺎﺋﻪﺕ 10 دا ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.


       تەڭرىتاغ كىنوسىتودىيەسىنىڭ ئاتاقلىق رېژىسسورى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ھۆرىيەت ئىسمايىلوۋا 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى 61 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى.


    خۇلاسە:

         يىللار تامانىدىن بىزگە شاد-خۇراملىق، قايغۇ-ئەلەملىك ھەدىيەلەر قالدى، بىزدىن يىللارغا چوڭقۇر ئىزلار قالدى. ئىزلا ئەمەس، ئۆچمەس مۆھۈرلەر بېسىلدى. دىيارىمىزدىكى سەركە كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، شىددەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋاتقانلىقىدىن ئىپتىخارلاندۇق. كۈندىن كۈنگە زورىيىۋاتقان پىدائىيلار، ساخاۋەتچىلەر قوشۇنى قەلبلەرنى ئىللىتتى. چەتئەللەردىكى نەتىجە يارىتىۋاتقان پەخىرلىك قېرىنداشلىرىمىزدىن سۆيۈنۈشلەر بولدى. قىسقىسى بۇ بىر يىل زور مول-ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى. 

        يېڭى بىر گۈزەل يىلنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز، يېڭى يىلدا يېڭى ئىستەكلەر ئىلكىدە مۇبارەك قەدەملەر بېسىلسۇن. بۇ يىل، ئۆگىنىش يىلى، ياشانغانلارنى قەدىرلەش يىلى، سەبىيلەرنى قوغداش يىلى، مىللەتتىكى ئىللەتلەرنى تازىلاش يىلى، ئىزدىنىش يىلى، تەرەققىيات يىلى، ئىناقلىق يىلى، مەدەنىيەت يىلى، ۋاقىت كۆز قارىشىنى ئىسلاھ قىلىش يىلى، «ئۆسمە» تىلەمچىلەرنى تازىلاش يىلى، «سودىگەر» بالىلارنى مەكتەپ قوينىغا باشلاش يىلى، دېھقانلارنى ھۆرمەتلەش يىلى قىلىپ بېكىتىلمىسىمۇ، ئۆزىمىزدىن، ئائىلىمىزدىن، جەمەتىمىزدىن باشلاپ «ئۆزىمىزنى تاكامۇللاشتۇرۇش يىلى» قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. 

         مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ھەرقانداق تاراتقۇنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا رۇخسەت



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号