باش بەت

نۇسرەتگۈل

10619يوللانما
190مەستانە

كورېيەدە قۇش زۇكىمى تارقىلىپ كەتكەنلىكتىن، تۇخۇمنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى

مەنبە:خەلقئارا لىنىيە تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-31 13:15 0 ئىنكاس چۈشتى

خەلقئارا خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كورېيەدە H5N6 تىپلىق قۇش زۇكىمى كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ كەتكەنلىكتىن، تۇخۇمنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن.

كورېيە «مەركەز گېزىتى»نىڭ 28-چېسىلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەلۇم بىر تاللا بازىرىدا بىر تاختىغا تىزىپ قويۇلغان 30 دانە تۇخۇمنىڭ باھاسى 12 مىڭ ۋون (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 69 يۈەن) دەپ يېزىپ قويۇلغان. بىراق، كورېيەدىكى بىر تاختا تۇخۇمنىڭ سېتىلىش باھاسى 8 مىڭ ۋون (خەلق پۇلىدا 46 يۈەن) قىلىپ بېكىتىلگەن.

كورېيە يېزا ئىگىلىك ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 26-كۈنى كورېيەدىكى بىر تاختا تۇخۇمنىڭ باھاسى 7510 ۋونغا يېتىپ، 1996-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان. بىر كۈندىن كېيىن، بۇ باھا يەنە 7940 ۋونغا ئۆرلەپ يېڭى رېكورت ياراتقان.

كورېيە يېمەكلىك مىنىستىرلىكى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. 35 يۇقۇم رايونىدىكى تۇخۇملار بىر ھەپتە كۆزىتىلگەندىن كېيىن، ئاندىن بازارغا سېلىنىشقا رۇخسەت قىلىنغان. شۇنداق بولغانلىقتىن، بىر تۈركۈم تۇخۇملار 28-چېسىلا بازارغا سېلىنىپ تۇخۇم قىس بولۇش ئەھۋالىنى يەڭگىللەتكەن.

بىراق، «مەركەز گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، 28-چېسىلا بازارغا سېلىنغان تۇخۇمنىڭ 10 مىليون دانە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ كورېيە خەلقى ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان تۇخۇمىنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىلغان. 26-چېسىلاغىچە، كورېيەدە 19 مىليون 640 مىڭ توخۇ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە بېقىلىۋاتقان ئومۇمىي توخۇ سانىنىڭ %28.1 نى ئىگىلىگەن. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号