• بۈگۈندۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    مەرھابا 2017! ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن

    مەنبە : نۇر تورىتەھرىر : چالىقۇش ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-01 10:28

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    ئابدۇقەييۇم ئېلى


    ھەر قېتىم يېڭى يىل كېلىش ئالدىدا تونۇش – بىلىش، دوست – يارەنلەرنىڭ ئۈندىدارىغا خەيرلىك تىلەكلەر، يېڭى ئارمانلار يوللىنىپ، يېڭى يىلغا بولغان ئۈمىد – ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەش ئادەتكە ئايلانغان.

    كونا يىلمۇ ئاخىرلىشىپ، يېڭى بىر يىل يېتىپ كەلدى. ئەجەبا يېڭى يىلنىڭ خۇشاللىقى، ھەقىقىي قىممىتى پەقەت ھەر يىلى رەسمىيەت ئۈچۈنلا يوللاپ قويۇلىدىغان قىسقا ئۇچۇرلار بىلەنلا ئۆز مەنىسىنى تاپارمۇ؟

    ۋاقىت ھامان ئۆز رىتىمى، ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن ئالدىغا ماڭىدۇ. ۋاقىتنى توختىتىپ قويۇش، كەينىگە ياكى ئالدىغا سۈرۈش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ۋاقىت ھەر بىر ئادەمگە تەڭ تەقسىملەپ بېرىلگەن. ۋاقىت ئالدىدا كۆك نامراتلار بىلەن ئەڭ باي كىشىلەر، مەرتىۋىسىزلەر بىلەن ئالىي ھوقۇقدارلار بابباراۋەردۇر.

    بىپايان يايلاقتا ئاباك بىر ئائىلە كىشىلىرى بەختلىك ياشايدىكەن. بىر قېتىم ئاباك دادىسى بىلەن يايلاقتا يولدىن ئېزىپ قاپتۇ. ئاباك بەك چارچاپ كەتكەنلىكتىن ماڭالماي قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادىسى يانچۇقىدىن بەش تىللانى ئېلىپ، بىر تىللانى يايلاققا كۆمۈپ قويۇپ، قالغان تۆت تىللانى ئاباكنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ:

    كىشىلىك ھاياتتا بەش تىللا بولۇپ، ئۇلار بالىلىق دەۋر، ئۆسمۈرلۈك دەۋر، ياشلىق دەۋر، ئوتتۇرا ياشلىق دەۋر ۋە قېرىلىق دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. سەن ھازىر بىرىنى ئىشلەتتىڭ، يەنى يايلاققا كۆمۈپ قويغىنىم شۇ، سەن بەش تىللانىڭ ھەممىسىنى يايلاققا كۆمۈپ قويساڭ بولمايدۇ. ئۇلارنى بىردىن – بىردىن ئىشلىتىسەن، ھەر قېتىمدا ئوخشىمايدىغان جايدا ئىشلىتىسەن، بۇنداق بولغاندا ھاياتىڭ مەنىسىز ئۆتمەيدۇ. بۈگۈن بىز يايلاقتىن چىقىپ كېتىشىمىز كېرەك، سەن كەلگۈسىدىمۇ يايلاقتىن چىقىپ كېتىشىڭ كېرەك. ئادەم ياشىغانىكەن چوقۇم نۇرغۇن جايغا بېرىشى، نۇرغۇن نەرسىنى كۆرۈشى كېرەك. تىللالىرىڭنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرمايلا تاشلىۋەتسەڭ بولمايدۇ. ئاباك چوڭ بولغاندىن كېيىن يۇرتىدىن ئايرىلىپ بىر مەشھۇر كاپىتان بوپتۇ.

    كىشىلىك ھاياتنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلىرىدا ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەر بولىدۇ. ياشاش مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى ئۇلۇغۋار ۋەزىپىلەرنى بىر – بىرلەپ تاماملاش. دۇنيادا ۋاقىتتىن ئارتۇق بايلىق يوق، ئەگەر بىزنىڭ ۋاقتىمىز بولسىلا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنى بىر – بىرلەپ قىلالايمىز، يۈكسەك نىشانلىرىمىزغا ھامان يېتەلەيمىز. بىز كۆپ ھاللاردا ‹‹ۋاقتىم يوق››، ‹‹بۇ بىر نەچچە مىنۇتتىن قانداق پايدىلانغىلى بولسۇن؟›› دېگەن قاراشلار بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى بىھۇدە كەتكۈزۈۋېتىمىز. ئاشۇ قىسقا ۋاقىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىغان كىشى تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. دېڭىزمۇ نۇرغۇن ئۇششاق تامچىلارنىڭ بىرىكىشى بىلەن ھەيۋەتلىك دېڭىزغا ئايلىنالىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەسىرلەرمۇ يىللارنىڭ، يىللار ئايلارنىڭ، ئايلار كۈنلەرنىڭ، كۈنلەر سائەتنىڭ، سائەت مىنۇتنىڭ، مىنۇت سېكۇنتنىڭ، سېكۇنت دەقىقىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھاسىل بولغان. ۋاقىت ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتالمايدۇ، بىراق، ۋاقىتنى قەدىرلەش ھاياتنى تېخىمۇ زور قىممەتكە ئىگە قىلالايدۇ. ئادەم ۋاقىتقا سەل قارىسا، ۋاقىتمۇ ئادەمگە سەل قارايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىش، بۇ ئىشلار بىلەن قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىز بىر چەتتە قالىدۇ. مانا يېڭى بىر يىل كەلدى. ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلگىنىمىزدە بۇ بىر يىلدا ئۆزىمىز سۆيۈنگۈدەك، ئۆزگىلەر پەخىرلىنىپ تىلغا ئالغۇدەك زادى نېمە ئىشلارنى قىلدۇق؟ قايسى ئىشلارنى تولۇق قىلىپ، قايسى ئىشلاردا كەتكۈزۈپ قويدۇق؟ بۇ يېڭى يىلدا ئۆتكەن يىلىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، يېڭى بىر نىشان ئۈچۈن ئىزدەنسەك، يەنە يېڭى بىر يىلدا ئەپسۇسلىنىش ئاز، نەتىجە، خۇشاللىق كۆپ بولسا، يېڭى يىلنىڭ ھېكمىتى ۋە قىممىتى ئۆز ئورنىنى تاپقان بولىدۇ.

    دولقۇن تۇرسۇن


    يېڭىچە ئارزۇ – تىلەكلەرگە، يېڭىچە مەنەلەرگە ئىگە يېڭى بىر يىل خۇشال دەملىرىمىزگە جور بولۇپ يېتىپ كەلدى. يېڭى يىل بىزگە ھاياتلىقتىن توپلىغان تەجرىبىلىرىمىزگە يېڭى ئارزۇ – ئۈمىد، يېڭى نىشان بىلەن يېڭىچە قىياپەتتە ياشاش ئىرادىمىزنى تاۋلايدىغان روھنى تەقدىم ئېتىدۇ. بۇ روھ ھەر ۋاقىت بىزنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە چاقىرىدۇ. ھاياتىمىزغا كېرەك بولغان ماددىي ۋە مەنىۋىيىتىمىزدىكى تويۇنمىغان تەرەپلەر ۋە بوشلۇقلارنى ھەر بىر سېكۇنتنىڭ، ھەر بىر قېتىم ئۇرۇلغان داڭنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ تولۇقلاشقا، يەنىمۇ مۇكەممەل ياشاش ئۈچۈن ئىنتىلىشكە دەۋەت قىلىدۇ. قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىناقسىزلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، ئۆچ – ئاداۋەت ئۇرۇقلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ھەممە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى يىلدا تۈرلۈك ئىشلىرىمىزدىن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىشىمىزگە تىلەك تىلەيدۇ.

       نىشان كەلگۈسى يول دېمەكتۇر. نىشان بىلەن ياشاش ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئەڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە ئېتىقادتۇر. نىشاندىن ئاداشقان كىشىنىڭ بۈگۈنى ماددىي ۋە مەنىۋى نامراتچىلىق ئىچىدە ئۆتسە، ئەتىسى ھالاكەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا كىشى ھەرگىز نىشانسىز ياشاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى مەنىسىز ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەك.

       يىللار يېڭى مەنەلەر بىلەن تويۇنغان بولۇپ، يېڭى يىل بىزگە ھەر ۋاقىت ھاياتلىقىمىزدا قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ئۇلۇغ ئارزۇ – ئارمانلىرىمىزنى روياپقا چىقىرىشتا قەدەممۇ قەدەم ئالغا بېسىش، تىرىشىش، ئېرىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تەقدىم ئېتىلگەن قىممەتلىك ۋاقىت بولۇپ، ئۇشبۇ يىلنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى ھاياتىمىزدىكى ئۆزىمىز يەتمەكچى بولغان گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھېىسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز يېڭى يىلنى ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ، مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ يېڭى بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق ھاياتىمىزنى يېڭى مەنىلەرگە ئىگە قىلىش شۇنداقلا ئۇلۇغۋار گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلارنى روياپقا چىقىرىشتا چوقۇم بېسىشقا تېگىشلىك يولىمىز دەپ قاراپ، ئۆزىمىز يەتمەكچى بولغان ئارزۇ – ئارمانلارنى بويلاپ ئەمەلىي پىلان تۈزۈپ، ھاياتىمىزنىڭ مۇھىم بىر بۆلىكى، يىللارنىڭ جاكارچىسى ۋە تارىخچىسى بولغان يېڭى بىر يىلدىكى 365 كۈنىمىزنى، 8760 سائىتىمىزنى، 525مىڭ 600 مىنۇتىمىزنى قەدىرلەپ، ئۇلۇغۋار نىشانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىنىمسىز ۋە ئىجتىھاتچانلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يىللار بىزگە سوۋغا قىلغان ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقىتقا يۈز كېلەلىگۈدەك، جاۋاب بېرەلىگۈدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەھمىيەتلىك ياشىشىمىز كېرەك.

       دوستۇم، ياشاش نىشانىمىز ئۇلۇغ بولسۇن. يېڭى بىر نىشان يېڭى يىلىمىزنىڭ مۇبارەك نامى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا بىزگە تۇتىيا بولسۇن. يېڭى يىلنىڭ بىزگە سوۋغا قىلغان قىممەتلىك ھەر بىر مىنۇت، سېكۇنتلىرى ئۆزىمىزنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئالىي مۇكاپات بولسۇن. ئاسايىشلىق، ئىناقلىق، خۇشاللىق ئىچىدە بەخت – سائادەتلىك بۈگۈنىمىزنى قەدىرلەپ، ساپ، سەمىمىي مۇھەببەتكە تولغان ئىتتىپاقلىق كۈيىمىزنى، ئادىمىيلىك پەزىلەت مېلودىيەسىنى ھەر ۋاقىت ياڭرىتىپ، يېڭىچە قىياپەت بىلەن توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل، بەختىيار، ئىناق – ئىتتىپاق بولغان ئەتىمىزنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلايلى.

    تۇراپجان ئېلى

     

    يېڭى يىل ئادەمگە يېڭىچە ھۇزۇر،

    دېمەيدۇ ھېچكىمنى كىيىنگىن پۇزۇر.

    ۋاقىتنىڭ قەدرىگە يەتسەڭ ئەگەردە،

    ھاياتىڭ تېخىمۇ ئۇزارغان بولۇر.

     

    يېڭى يىل سېنىڭدىن كۈتەر يېڭى يول،

    غايىلىك بولساڭلا باشلايدۇ كۆلگە.

    پۇرسەتنى بەختنى تونۇمىساڭ گەر،

    ئامەتنىڭ تەختىدىن تاشلايدۇ چۆلگە.




    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号