باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2308يوللانما
4مەستانە

تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 10 بال بوران چىقىپ كۆپلىگەن يوللار ئېتىۋېتىلدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-01 16:17 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 1-يانۋار دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 30-دېكابىر دۆلەت يولى 3015-لىنىيەسى، ئۆلكە يولى 201-لىنىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارباغاتاي بۆلىكى 10 بال بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ خادىملار ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ قاپسىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، كۆپلىگەن يوللار مەجبۇرىي ئېتىۋېتىلگەن. 

تارباغاتاي تاشيول ئىدارىسى دۆربىلجىن تارماق ئىدارىسى مايتاس جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى بازىسىنىڭ مۇئاۋىن بەنجاڭى باتساننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 30-دېكابىر 13:00 ئەتراپىدا، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مايتاستا 8 بال بوران چىققان، ئۆتكۈنچى بوران 10 بالغا يەتكەن ھەمدە ئارقىدىنلا شىۋىرغان چىقىپ يولنىڭ كۆرۈش ئارىلىقى 5 مېتىرغا يەتمىگەن. 

ئۇ:«دۆلەت يولى 3015-لىنىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى مايتاستىكى قىسمەن يوللارغا قار يىغىلىپ قالدى ھەمدە بەزى ئاپتوموبىللار قاپسىلىپ قالدى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى بازىسىنىڭ خادىملىرى قار-شىۋىرغانغا قارىماي قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىللارنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ، يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى، 14:40 لەر ئەتراپىدا قاتناش ساقچىلىرى چازا قۇرۇپ يولنى ئېتىۋەتتى. شۇ كۈنى سائەت 16:00 لەر ئەتراپىدا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بازىسىنىڭ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى قاپسىلىپ قالغان 5 ئاپتوموبىل ۋە 18 يولۇچىنى خەتەرلىك رايوندىن ئېلىپ چىقتى»دېدى. 

شۇ يول بىلەن قوشنا بولغان ئۆلكە يولى 201-لىنىيەسىنىڭ مايتاس بۆلىكىمۇ شۇ كۈنى سائەت 17:00 لەر ئەتراپىدا ئېتىۋېتىلگەن، سائەت 23:00 لەر ئەتراپىدا چارلاش ئاپتوموبىلى 30 ئاپتوموبىل ۋە 167 ئادەمنى بىخەتەر جايغا ئېلىپ چىققان، باشقا 5 ئاپتوموبىلنىڭ كاشىلىسى بولغاچقا خەتەرلىك رايوندىن ئېلىپ چىقىشقا ئامال بولمىغان. 

31-دېكابىر سەھەردە بوران پەسەيگەن، بازىدىكى ساقچىخانا بارلىق قار تازىلاش ماشىنىسىنى ئىشقا سېلىپ يوللاردىكى قارلارنى تازىلىغان، شۇ كۈنى سائەت 12:00 لەر ئەتراپىدا ئۆلكە يولى 201-لىنىيەسىنڭ مايتاس بۆلىكىدە قاتناش ئەسلىگە كەلگەن. نۆۋەتتە، بوران تېخى توختىمىغاچقا، دۆلەت يولى 3015-لىنىيەسى يەنىلا ئېتىك ھالەتتىكەن. 

تارباغاتاي تاشيول ئىدارىسى دۆربىلجىن ئىدارىسى تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتكەن:« ئاپتوموبىللار بوران رايونىغا كىرگەندىن كېيىن سۈرئەت ئاستىلىتىپ مېڭىش. بوران رايونىدا قاردا توسۇلۇپ قېلىش ياكى «قار قارىغۇسى»ئەھۋالىغا يولۇققاندا قەتئىي يول ئىگىلەپ تۇرۇۋالماسلىق ھەم ئاپتوموبىلدىن چۈشمەسلىك، ئاپتوموبىلنى ئىمكان بار يول ياقىسىغا توختىتىش، قار تازىلاش ماشىنىسىنىڭ يولنى راۋانلاشتۇرۇشىنى ياكى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈش». 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号