باش بەت

جاھانكەزدى

14469يوللانما
17مەستانە

گانگې دەرياسىدا جەسەتلەر بىلەن بىللە يۇيۇنىدىغان ھىندىستانلىقلار

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-01-02 15:38 1 ئىنكاس چۈشتى

گانگې دەرياسى ھىندىستانلىقلارنىڭ ئانا دەرياسى بولۇپ، ھىندى دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس دەرياسى دەپمۇ قارىلىدۇ، دىن مۇرىتلىرى بۇ  دەريادا يۇيۇنسا روھنى پاكلاپ، ئۆمۈرلۈك گۇناھلاردىن ساقىت بولغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بېرى گانگې دەرياسى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ، پاسكىنا سۇلار ئېقىپ، ئەخلەتلەر ھەممە يەرنى قاپلاپ، جەسەتلەر لەيلەپ يۈرمەكتە...

گانگې دەرياسىدىكى  ۋاراناسى دەريانىڭ ئەڭ ياخشى بۆلىكى دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەتتا بۇ يەردىكى سۇنى ئىچىدۇ. بۇ يەردىكى گانگې دەرياسى «جەننەتنىڭ ئىشىكى» دەپ قارىلىدۇ. 

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلگەندىن كېيىن گانگې دەرياسى بويىدا كۆيدۈرۈلىدۇ ياكى بىۋاسىتە سۇغا دەپنە قىلىنىدۇ. 

جەسەت كۆيدۈرۈلگەندىن كېيىن جەسەت كۈلى دەرياغا چېچىلىدۇ. سۇغا دەپنە قىلىش دېگەنلىك جەسەتنى بىۋاسىتە سۇغا ئېقىتىۋېتىش بولۇپ، كۆيدۈرگەندە تولۇق كۆيۈپ بولمىغان جەسەتلەرمۇ ئوخشاشلا دەرياغا تاشلىۋېتىلىدۇ. ھىندىستانلىقلار بۇ خىل دەپنە قىلىش ئۆلگۈچىنى ئازابتىن خالىي قىلىپ، بىۋاسىتە جەننەتكە كىرىدۇ دەپ قارايدۇ. 

شۇڭا، ھىندىستاندىكى گانگې دەرياسىدا ھەمىشە دېگۈدەك لەيلەپ يۈرگەن جەسەتلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. 

بەزى جەسەتلەر سۇدا ئېقىپ دەريا بويىغا چىقىپ قالىدۇ. 

بەزى جەسەتلەرنى ياۋا ئىتلار يەۋېتىدۇ. 

ھالبۇكى، ھىندىستانلىقلار بۇ خىل ئەھۋالغا ئادەتلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار دەريا سۈيى ھەر قانچە مەينەت بولسىمۇ پانىي دۇنيادەك مەينەت ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۇلار باشتىن-ئاخىر بۇ يەرنى ئەڭ پاكىز مۇقەددەس دەريا دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا چۈشۈپ يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. 

ئۇلار بۇ ئانا دەريانىڭ سۈيىنى ھەم ئىچىدۇ ھەم دەريادا كىر يۇيىدۇ. 

يەنە بەزىلەر مەينەت سۇدىن بېلىق تۇتىدۇ. 

ھەر يىلى قۇياش ئىلاھى بايرىمىدا بۇ يەردە داغدۇغىلىق دىنىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرىتلار بەس-بەس بىلەن سۇغا چۈشۈپ يۇيۇنىدۇ، پۈتۈن ئۆمرىدە ھېچبولمىسا بىر قېتىم بۇ سۇدا يۇيۇنۇۋېلىش ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى. 

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سىۋا ئىلاھ دائىم سۇدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، مۇرىتلار سىۋا ئىلاھنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلايدۇ. 

ھىندىستاندا ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ كۈندىن-كۈنىگە ئازلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، جەسەت كۆيدۈرۈش ھەققىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ كەتكەچكە، بەزىلەر جەسەتلەرنى بىۋاسىتە سۇغا تاشلىۋېتىدۇ. 

بەزىلەر جەسەتنى ناھايىتى يىراق جايلاردىن كۆتۈرۈپ كېلىپ، گانگې دەرياسىنىڭ سۈيىگە دەپنە قىلىدۇ. 

بەزى ياشانغان كىشىلەر ئۆلۈشكە ئاز قالغاندا گانگې دەرياسىنىڭ بويىغا كېلىپ ئۆلۈمنى كۈتىدۇ. 

شۇڭا بۇ يەردە جەسەتلەر كۈندىن-كۈنىگە كۆپلەپ بارماقتا. 

جەسەتلەر يەنە نۇرغۇنلىغان گۆشخور قۇشلارنى جەلپ قىلىدۇ. 

ھەر يىلى يازدا، دەريانىڭ ئەتراپىنى سېسىقچىلىق قاپلاپ كېتىدۇ. 

ئەمەلىيەتتە، بۇ قىلمىشلار بىر قىسىم تەرەققىيپەرۋەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. 

ھەممىدىن ئېغىر بولغىنى، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۈيى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن. 

گانگې دەرياسىنىڭ بويىدا 29 چوڭ شەھەر، 70 شەھەر-بازار، نەچچە مىڭلىغان كەنتلەر بولۇپ، 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى دەرياغا تاشلىنىپ، كۈنىگە تاشلىنىدىغان ئەخلەت 130 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. دەريانىڭ بەزى بۆلەكلىرىدىكى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ مىقدارى ئۆلچەمدىن 280 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. 

نوپۇسنىڭ بەك زىچ بولۇشى ۋە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ بۇلغانغان سۇنى خالىغانچە قويۇپ بېرىشى سەۋەبىدىن، گانگې دەرياسى نۆۋەتتە دۇنيادىكى بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر دەريالارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 

ھىندىستان سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، دائىم گانگې دەرياسىدا يۇيۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ %40ىدىن %50ى تېرە كېسەللىكلىرى ۋە ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان. 

بىراق مۇرىتلار بۇنىڭغا رازى بولۇپ، بۇنى ئىلاھنىڭ چاقىرىقى دەپ قارايدۇ. 

بۇ دۆلەتتە، دىن ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ، ھېچكىممۇ ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • asanjan1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئا جەسەتلىنىڭ لەيلەپ تۇرغىننى ئوجون ھوي ئىچىدىكەن تېخى گانگا دەرياسىنىڭ سۈيگە سىيگىمما كەمەي ۋاتىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号