باش بەت

تاڭ سەھەر

18يوللانما
1مەستانە

يېنىك دەرىجىدە تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى ئىكەن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-03 16:48 0 ئىنكاس چۈشتى

يېقىندا نەشر قىلىنغان ئامېرىكا مېدىتسىنا ئىلىمى جەمئىيىتى قەرەللىك ژۇرنىلىدا، ھەر كۈنى 10 تالدىن ئاز تاماكا چېكىپ ئادەتلىنىپ قالغان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ چىققان. تاماكا چېكىشتە ئازراقمۇ بىخەتەرلىك دەرىجىسى يوق ئىكەن. يېنىك دەرىجىدە تاماكا چېكىشنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىگە بولغان تەسىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەتلىك راك كېسەللىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى 2004-يىلىدىن 2005- يىلىغىچە 290215 نەپەر ئادەمنى تەكشۈرۈش ئوبيېكت قىلغان ھەمدە ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى ئانالىز قىلغان. تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرى 59 ياشتىن 82 ياشقىچە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 22337 ئادەم تاماكا چېكىدىكەن، 156405 ئادەم ئىلگىرى تاماكا چەككەن بولۇپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا تاماكا تاشلاپ بولغان ئىكەن، تەخمىنەن 111473 ئادەم ئەزەلدىن تاماكا چېكىپ باقمىغان ئىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىشىچە، ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەن ياكى ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە سانى 10 تالدىن ئاشمايدىغان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چېكىپ باقمىغانلارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى ئىكەن. بولۇپمۇ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن. تەتقىقاتتا يەنە بايقىلىشىچە، يېنىك دەرىجىدە تاماكا چەككۈچىلەر تاماكا تاشلىغاندىن كىيىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى تۆۋەنلەيدىغان بولۇپ تاماكىنى قانچە بالدۇر تاشلىسا، خەۋپ-خەتەر شۇنچە ئاز بولىدىكەن. تەتقىقاتچى خادىملار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، تاماكا چېكىشنىڭ ئازراقمۇ بىخەتەرلىك سەۋىيەسى يوق، يۇقىرىقىدەك تەتقىقات نەزەرىيەسى بۇنىڭغا يېڭى دەلىل-ئىسپات بولالايدۇ. بارلىق تاماكا چەككۈچىلەر ھەر كۈنى قانچە تال تاماكا چەككەندىن قەتئىينەزەر دەرھال تاماكا تاشلىشى كېرەك. يېنىك دەرىجىدە تاماكا چەككۈچىلەر، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چېكىدىغانلار ۋە باشقا تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى چەككۈچىلەر تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان خەۋپىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ مۆلچەرلىشى لازىم.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号