• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئۈرۈمچى-قورغاس تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرى قىلىندى

    مەنبە : mp.weixin.qq.comتەھرىر : ئۇيقۇت ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-03 18:50

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    ئۈرۈمچى-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

    مەنبە: خەلق تورى، 3-يانۋار

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممسىى: 

    يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىن قورغاسقا بېرىپ، باج كەچۈرۈم قىلىنغان سودا-سارايلارنى ئايلىنىش ئەمدى پەقەتلا تەسەۋۋۇردىكى ئىش بولمايدۇ. بۇ يۇقىرى سۈرەئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلىشىدا 2018-،2019-يىللىرى ئىش باشلىنىدۇ. 

    2016-يىل 28-،29-يانۋار ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقساد خىزمىتى يىغىنىدا، مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال ماسلىشىپ، يىپەك يولى ئىقساد بەلبېغى يادرولۇق رايوندىن ئىبارەت بۇ تۇتقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشى، پۇل-مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت، پەن-مائارىپ مەركىزى قۇرۇلۇشى، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، ئىقسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى، ئىقسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ بىلەن تەمىنلەش لازىم.

    قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا ئۆتۈشمە يول ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈش جەھەتتە جەنۇبىي شىمالىي شىنجاڭ غول يول قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچى مەركەز قىلىنغان ئۇنىۋېرسال قاتناش سېستىمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەتراپىتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈشۈش كۈچەيتىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا يول ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈشتە ئۈرۈمچى-كۈيتۈن-غۇلجا، قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، ھازىر بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە، 2018-،2019-يىللىرى قۇرۇلۇشتا ئىش باشلىنىدۇ. قۇرۇلۇش ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 687 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 82 مىليارد 800 مىليون مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەندى. بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى راۋان بولۇپ، يول بويى غەربكە قاراپ ئىلگىرىلىگەندە، ئىلى ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

    مەنبە: خەلق تورى



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号