باش بەت

نۇسرەتگۈل

6529يوللانما
56مەستانە

نيۇيوركتىكى كېننېدى ئايرودرومى 10 مىليار ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىلىپ يېڭىلىنىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-05 17:12 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نيۇيورك شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى كومو 4-چېسلا كېننېدې ئايرودرومىنى (John F. Kennedy International Airport) يېڭىلاش قۇرۇلۇشىغا 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

كېننېدى ئايرودرومى ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئالدىراش ئايرودروملارنىڭ بىرى بولغاچقا، دائىملا قىستاڭچىلىق ياكى ئايروپىلان كېچىكىش ھادىسىلىرى يۈز بېرەتتى. ئىلگىرى، يولۇچىلارمۇ مانخاتتون رايونىدىن بۇ ئايرودرومغا بارىدىغان يولنىڭ قاتنىشىنىڭ تولىمۇ قولايسىزلىقىنى بىلدۈرگەن.

كومو ئايرودروم ئىچى ۋە ئايرودرومغا كېلىدىغان يوللارنىڭ قايتىدىن رېمونت قىلىنىپ يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. پەرەز قىلىنىشىچە، ئايرودرومنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ئايرودرومغا تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنى كېڭەيتىشكە 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېتىشى مۇمكىن.

يېڭىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئايرودرومدىن توشۇلىدىغان يولۇچىنىڭ سانى ھازىرقى 60 مىليون ئادەم قېتىمدىن 75 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ. 2050-يىلىغا بارغاندا، بۇ ئايرودرومنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 100 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号