باش بەت

بەختىگۈل

17يوللانما
0مەستانە

ستارباكس ئۇزۇنغا قالماي ماكدونالدتىن ئېشىپ يېمەك-ئىچمەك شاھى بولىدۇ

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-06 23:04 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 6-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ستارباكس (Starbucks) كەلگۈسىدە ماكدونالد (McDonald's)نىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممىتى بار بولغان زەنجىرسىمان يېمەك-ئىچمەك ماركىسى بولۇپ قالىدىكەن، بۇ قەھۋە زەنجىرسىمان دۇكىنى ماگناتى ئەڭ ئاخىرىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 50 مىڭ دۇكانغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن.

ئاۋسترالىيە «سىدنېي پېشۋالىرى ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ياسون شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى مارك كالىنوۋسكى (Mark Kalinowski)نىڭ مۆلچىرى بولۇپ، ئۇنىڭ 3-يانۋاردىكى بىر پارچە دوكلاتىدا ستارباكس 2017-يىلىدىكى ئەڭ قىممىتى بار يېمەك-ئىچمەك پېيى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە بۇ يىل بۇ كارخانىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئومۇمىي دۇكان سانى %8.4 ئېشىپ، دۇكان كىرىمى %5  يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى مومكىن.

كالىنوۋسكىنىڭ دېيىشىچە ئىچىملىك ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ئۆسۈش بوشلۇقى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كەسپتە رىقابەت ئۇنچە كەسكىن ئەمەس، بۇ ستارباكسنى ماكدونالد ۋە باشقا تېخىمۇ كۆپ بولغان يېمەكلىكنى ئاساس قىلغان رىقابەتچىلىرىگە نىسبەتەن بىر ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىدۇ.

كالىنوۋسكى: «ستارباكسنىڭ ماكدونالدنىڭ ئورنىنى ئېلىپ بازار قىممىتى ئەڭ چوڭ يېمەك-ئىچمەك پېيىغا ئايلىنىشى پەقەت بىر ۋاقىت مەسىلىسى، بەلكىم 2017-يىلى بولماسلىقىمۇ مومكىن» دېدى.

ستارباكسنىڭ پاي چېكى 2016-يىلى ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭغان. ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ چېكىنىشىگە بولغان ئەندىشىنىڭ تەسىرىدە، بۇ شىركەتنىڭ پاي باھاسى بۇلتۇر %7.5 تۆۋەنلىگەن. ستارباكسنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خوۋارد سكۇلتز (Howard Schultz) تېخى ۋەزىپىسىدىن بوشىنىش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ.

ئامېرىكا NPD گۇرۇھىنىڭ بىر تۈرلۈك مۆلچەرىدە، 2017-يىلى بارلىق كەسىپلەرنىڭ ئىستىقبالىنىڭ ئانچە پارلاق ئەمەسلىكىنى مۆلچەرلىگەن. تەتقىقات تىپىدىكى بۇ كارخانىنىڭ 3-يانۋاردىكى بىر پارچە دوكلاتىدا: «بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىدا ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپىيىشى ناھايىتى ئاز ياكى يوق دېيەرلىك بولىدۇ» دەپ بايان قىلىنغان.

گەرچە ستارباكس ئاللىقاچان 2021-يىلىغا بارغاندا 37 مىڭ قەھۋەخانا بولۇش نىشانىنى بېكىتىپ بولغان بولسىمۇ (بۇلتۇرقى دۇكان ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 25مىڭ)، لېكىن كالىنوۋسكى بۇ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىنى شۇنداقلا تىجارەت كۆلىمىنى تېخىمۇ زورايتىش يوشۇرۇن كۈچىكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: 2021-يىلىدىن كېيىن بىز قىلچە ھەيران قالمىغان ھالدا ستارباكسنىڭ 50 مىڭ دۇكىنى بار بولۇش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. بۇ ستارباكسنى بىر سەكرەپلا نۆۋەتتە زەنجىرسىمان داڭلىق ماركىلار ئىچىدە دۇكىنى ئەڭ كۆپ بولغان سابۋېي (Subway)نىڭ ئومۇمىي دۇكان سانىدىن ئېشىپ چۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号