باش بەت

جاھانكەزدى

14356يوللانما
8مەستانە

دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ «تۆمۈر تاۋىقى» چېقىلماقچى...

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-06 21:30 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى تەكلىپلىك تەيىنلەشنى سىناق قىلىدىكەن. دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ «ئۆمۈرلۈك كەسىپ تۈزۈمى» بۇزۇپ تاشلىنىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئىدارىسى خىزمەت ئورنى باشقۇرۇش باشقارمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلىتىمىز 2006-يىلى تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرى پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، 2011-يىلى «تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخا)»نى ئېلان قىلغان. بۇ يىل ئاپتونوم رايون دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمى سىناق خىزمىتىنى باشلايدىكەن، ئاساسلىقى كەسپىي تېخنىكا خاراكتېرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان قىسمەن ساھە ياكى قوشۇمچە خىزمەت ئورۇنلىرىغا قارىتىلىدىكەن.

دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمى دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئىمتىھان بېرىپ تەيىنلەش تۈزۈمى، دۆلەت خىزمەتچىلىرى تەيىنلەش تۈزۈمى، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى سايلام ئارقىلىق تەيىنلەش تۈزۈمىگە قارىتا ئېيتىلغان. مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمى قوللىنىشنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن.

كەسپى تېخنىكا خاراكتېرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان خىزمەت ئورنى ۋە قوشۇمچە خىزمەت ئورۇنلىرىغا تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. كەسپىي تېخنىكا خاراكتېرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان خىزمەت ئورۇنلىرى ئاساسلىقى پۇل-مۇئامىلە، مالىيە-بوغالتىرلىق، قانۇن، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق تەرەپلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، رەھبەرلىك خىزمەت ئورنى ۋە رەھبەرلىك قىلمايدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوشۇمچە خاراكتېردىكى خىزمەتلەرنىڭ ئىش خاراكتېرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئىدارە-ئورگانلاردا پۈتۈكچىلىك قىلىش، ماتېرىيال باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان كەسىپچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە قوشۇمچە خىزمەت ئورۇنلىرىغا تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلمايدۇ.

تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىش شەكلى نىسبەتەن جانلىق بولۇپ، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا قوبۇل قىلىش شەكلى بويىچە ئاشكارا قوبۇل قىلسا بولىدۇ ھەم تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدىن بىۋاسىتە تاللاپ قوبۇل قىلسىمۇ بولىدۇ، بىۋاسىتە تاللاپ قوبۇل قىلغاندا، تەلەپكە ئۇيغۇن خادىملار بىلەن خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش توختامى تۈزسە بولىدۇ. 

ئەمما تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇش شەكلى ئوخشىمايدۇ. تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ دۆلەت خىزمەتچىسى سالاھىيىتى بار بولۇشى، دۆلەت خىزمەتچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسلىق تەلەپلەرنى ھازىرلىشى، دۆلەت خىزمەتچىلىرى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئەمما تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇشتا ئاساسلىقى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش توختامى ئاساس قىلىنىدۇ. خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش توختامى توختام مۇددىتى، خىزمەت ئورنى ۋە باشقا تەلەپلەرنى ھەمدە ئىش ھەققى، پاراۋانلىق، سۇغۇرتا تەمىناتى، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئىدارە-ئورگانلارنىڭ تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى دائىملىق باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى باقىۋەندىلىك تۈزۈمى ئۆزگەرتىلىپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ «تۆمۈر تاۋىقى» نىڭ چېقىلىپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرى «كىرىش-چىقىش تەس بولۇش» تەك كادىرلار تۈزۈمىدىكى چاتاق ھەل قىلىنىپ، ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇلىدۇ. خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش توختامىنىڭ مۇددىتى بىر يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدۇ، تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ دۆلەت خىزمەتچىسى سالاھىيىتىمۇ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش توختامىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئاخىرلىشىدۇ.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ئۈندىدار سۇپىسى

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号