• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    سۇسلىشىۋاتقان ئادىمىيلىك روھ، قېنىقلىشىۋاتقان روھىي كىرىزىس

    مەنبە : nur.cnتەھرىر : گىلاس ئىنكاس : 30يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-06 23:43

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

     

    سۇسلىشىۋاتقان ئادىمىيلىك روھ، قېنىقلىشىۋاتقان روھىي كىرىزىس


    ئوسمان زاھىر

     

    يۇرتىمىزدىكى خېلى پۇلدار بىر باي شەخسىي ماشىنىسى بىلەن سەپەرگە چىقىپ، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپتۇ. يولدىشىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئايالىنىڭ تۇنجى بولۇپ دېگىنى «ماشىنا ساقمىكەن؟» دېگەن گەپ بوپتۇ. بۇ گەپ خېلى كۈنلەرگىچە يۇمۇر تەرىقىسىدە سۆزلىنىپتۇ. مەنمۇ ئىچىمدە پۇلدىن باشقا ھېچنىمىسى قالمىغان بىچارە بايغا ئىچ ئاغرىتتىم ھەم بىر تومۇر ـ تەسەكچىلىكمۇ قەدرى قالمىغان ئادىمىي قىممەت، نىكاھنىڭ قىسمىتىگە قايغۇردۇم.

    ئادەم تاشقى مۇھىتتىن خەۋپسىرىگەن چاغدا مەلۇم مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىدۇ. لېكىن بىز سۇنئىي ئۇسۇلدا بەرپا قىلغان توساق، قورشاۋ تاملار ئاللىقاچان تور باغلاپ كەتكەن قەلب دۇنيايىمىزنى تېخىمۇ بۇرۇقتۇملۇق ئىچىگە باشلاپ، بىز تۇتىيا بىلگەن مېھىر پەردىلىرىنى بىر-بىرلەپ يىرتىپ تاشلىماقتا. ئاتا ـ بالىنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەيدىغان، شۇنچە يىل ھالال ئەر ـ خوتۇن بولغانلار بىر ـ بىرىگە ئىشەنمەيدىغان، ئاسىيلىق قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان بولۇپ كەتتى. ئاڭلىشىمچە، قەدىمكى زامانلاردا ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز جەڭگە ماڭسا ھېچقايسى ئۆيگە قۇلۇپ سېلىنمايدىكەن. ئوغرىلىقتىن خەۋپسىرەشنىڭ ھاجىتى يوقكەن، ئاياللار ئۇرۇشتا قازا قىلغان ئەرلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قارىلىق تۇتۇپ ئۆتەر ئىكەن. تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغمايدىغان بۇ كارتىنلار يەنىلا ئاشۇ قېنىمىزنىڭ يىلتىزى بولغان ئەجدادلىرىمىز ياشىغان دەۋرلەرگە خاس. قىسقىسى، بىزدە ۋاپادارلىق ھەققىدىكى تالاي قىسسىلەر پۈتۈلگەن. يېقىننىڭياقى تورلاشتۇق، دېدۇق. تورخانىلاردا بىچارە «ئاشىق» لار ئۆزىمۇ كۆرمىگەن سۆيگۈنى بىلەن تۈنلەرنى تاڭلارغا ئۇلاپ تېتىقسىز سۆھبەتلىشىپ، ئىلىم سورۇنى بولۇشقا تېگىشلىك بۇ ساھەنىمۇ سېسىتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مانا بۇ «جان بېقىش پەرز» نىڭ تۇغۇندىلىرى. شۇڭا «ساقال- بۇرۇت قويغانلارنىڭ ھەممىسى مەن ئەر دېمىسۇن» (غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ «ئەرنىڭ ئىپپىتى» ناملىق نەسىرىدىن نەقىل).

    ئۆزۈمگە شۇنداق دەيمەن گاھىدا: «ئەرلەر ئەردەك بولالمىغان جەمئىيەتتە ئاياللار ئەرنىڭ رولىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.»

    مۇشۇ كۈندە قارىسىڭىز بىرمۇ بىكار ئادەمنى ئۇچرىتالمايسىز، لېكىن قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ نېمىشقا ئۈنۈمى يوق؟ ھالسىراپ قالغان ئارمان، ئۈزۈلگەن دەرمان، نىشانسىز سەپەر ... مانا بۇ رېئاللىق، بالىلىرىمىزدىن چوڭ بولغاندا نېمە بولىسەن دېسە «ئالىم، دوكتور، ئۇچقۇچى» دەپ بىزنى سۆيۈندۈرۈۋېتىدۇ. قاتارلىشىپ كېلىۋاتقان قاتار چايلار، ئورۇنسىز سورۇنلارغا ئۆمرىنى سەرپ قىلىۋاتقان ئاتا ـ ئانىنىڭ بالىسى ئۈچۈن سىڭدۇرۇۋاتقان ئەجرى شۇنچىلىك بولسا، ئاشۇ يۈرەك پارىلىرىمىز كەلگۈسىدە يەنىلا تەۋەررۈك كالا ھارۋىسىنىڭ «ئۇچقۇچىسى» بولۇپ قالماسمۇ؟ ئاتا- ئانىلارغا ئۆزلۈكىنى ھەم كىملىكىنى تونۇيدىغان ئەمەس، ئۆزىنى ئاۋارە قىلمايدىغان، جان باقالايدىغان پەرزەنت بولسا كۇپايە بولارمۇ؟ چىۋىنمۇ بىر ئوبدان جېنىنى بېقىپ كېتىۋاتمامدۇ؟ 

    ساپا ئالدىنقى شەرت قىلىنىۋاتقان جەمئىيەتتە 10 يىل بۇرۇنقى دىپلومنى كۆشەپ ئەقلى ئويغاق دېھقانچىلىكمۇ ياشىيالمايۋاتقان زىيالىي بىزدە كۆپقۇ؟ رېئاللىق بىزنى نوقۇپ تۇرسىمۇ ئەركە بالىدەك كۆپىنچىمىزنى تېخىمۇ مۈگدەك بېسىپ كېتىۋاتىدۇ. ئالدىدا كۈلۈپ كەينىدىن يولىنى چىتلايدىغان، ئورىنى كولاپ قويۇپ دەككە ـ دۈككىدە ئوخلىيالمايدىغان كۈنلەر قاچان بىزگە «خوش» دەر؟

    نۇرغۇن ئاتا- ئانىلارنىڭ ئەمدىلەتىن تىلى، ئايىغى چىقىشقا باشلىغان پەرزەنتلىرى ئازراقلا قەغىشلىك قىلسا «ساقچى كەلدى»، «ئالۋاستى كەلدى،پالانچى ساراڭ كەلدى...» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۇلارنىڭ جېدىلىنى بېسىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۇسۇلنىڭ خېلىلا ئومۇملىشىپ قالغانلىقىنى ئۇچراتتىم.

    مۇشۇ خىلدىكى قورقۇتۇشنىڭ تەسىرىدىن بالىلاردىكى تەبئىي، شوخ، ئىنتىلىپ تۇرىدىغان خاراكتىر بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقۇپ قورقۇنچاق، كەمسۆز، خىيالىي، بىچارە بىر ئەۋلاد دەككە-دۈككە ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلمەكتە. يېقىنقى زامانلاردىن بۇيان مۇشۇ خىل تەربىيە ئۇسۇلى بىلەن ئاتا- ئانىلىرىمىز بىزنى ئۆستۈرگەن ئىكەن. بىزمۇ ھەم بۇ ئۇسۇل بىلەن بالىلىرىمىزنى تەربىيىلەۋېتىپتىمىز. شۇ ۋەجىدىن تۇرمۇش قۇرۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئايالىنى ھەمراھ قىلمىسا ھاجەتخانىغىمۇ چىقالمايدىغان ئەرلىرىمىز كۆپىيىۋاتىدۇ.

    مەن ئوقۇغان پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت كىتابلارنىڭ بىرەرسىدىنمۇ بالىلارنى قورقۇتۇپ تەربىيەلەشكە دائىر مەزمۇنلارنى كۆرمىدىم. ئەكسىچە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بالا تەربىيەلىشىمىزدە دەستۇر بولغىدەك تەربىيە ئۇسۇللىرىنى ئۇچراتتىم. بىزدە ئىلگىرى بالا يولۋاس، بۆرىگە ئوخشاش قورقۇمسىز بولسۇن دەپ بۆرە، يولۋاس چىشىنى، يىلاندەك سەزگۈر بولسۇن دەپ يىلان تېرىسىنى تۇمار قىلىپ بالىسىنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىدىغان ئادەت بار ئىكەنتۇق. ئۇرۇش-نىزا قاينىغان دەۋرلەردە بالىلار ئۆزىنى قوغدايدىغان، دۈشمىنىگە باش ئەگمەيدىغان جاسارەت ھەم ماھارەت يېتىلدۈرسۇن، دەپ مەشقاۋۇلغا بېرىپ قىلىچ، كالتەك ئوينىتىشنى، چېلىشىشنى ئۈگەتكەن ئىكەن. شۇ ۋەجىدىن بىزدىن پەرھات كەبى پالۋانلار، سادىر كەبى مەردانە ئەزىمەتلەر چىققان ئىكەن. جاسارەتلىك بولۇش تەربىيەسى قاچانلاردا بىزدىن يىراقلاشتى، بۇنىسى نامەلۇم. ئەمما شۇنىڭدىن باشلاپ بالىلىرىمىز «ئالۋاستى، ئەنجان موما، ساراڭ» لارنىڭ قورشاۋىدا دېمىنىمۇ تۈزۈك چىقىرالمايدىغان، خەقنىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك ھالدا ئىككى ئېغىز لىللا سۆزلىيەلمەيدىغان، ناھەق ئىشلارغىمۇ سۈكۈت قىلالايدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە نۆۋەتتىكى 40 ياشتىن ئېشىپمۇ ئەر بولالمىغان، سايىسىدىنمۇ ئۈركۈپ يۈرىكى ئاجىزلاپ كەتكەن ئەر جىنىسلار كۆپەيمەكتە. جۈرئەتسىزلىك تەربىيەسى ئاخىرقى ھېسابتا بىر ئادەمگە ئەمەس، بەلكى بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى، غايىسىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان مەرەز.

    ئەسلى بىز بالىلىرىمىزغا «ساقچى، ساراڭ» لاردىن قورقۇش تەربىيەسى ئەمەس، بەلكى تاملاردا مېڭىپ بېقىش، توشقان قوغلاپ بېقىش ھەققىدە تەربىيە بەرسەك توغرا بولاتتى. ئەنە شۇنىڭدا بالىلىرىمىز «جان بېقىش پەرز» ئەمەس، «غۇرۇر ساقلاش، ھالال ياشاش پەرز» دېگەن ئەقىدە بويىچە ياشاپ، ئادىمىيلىك قىياسىغا نامىمىزنى ئويغان بولاتتى.

     

     

    مەنبەسى: يېقىندا نەشىر قىلىنغان «نىكاھ ۋە ئائىلە مەنزىلى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

     




    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号