باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2811يوللانما
8مەستانە

ياۋروپادا قاتتىق قار يېغىپ بەش ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-07 15:53 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: مەركىزى ئاخبارات ئاگىنتلىقىنىڭ 6-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى ياۋروپا قىتئەسىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە شىۋېرغانلىق قار يېغىپ، تاش يوللار تىقىلىپ قالغان، تۆمۈر قاتنىشىمۇ توختىتىلغان، ئايروپىلان كىچىكتۈرۈلگەن، ئۇندىن باشقا قاتتىق ياغقان قار سەۋەبىدىن ھازىرغا قەدەر بەش ئادەم قازا قىلىپ 17 ئادەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارلانغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-چېسلادىن 6-چېسلاغىچە، پولشادا قاتتىق سەۋەبىدىن بەش ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان، ئۈچ كىشى بولسا ئۆيىدە ئوت قالاپ ئىسسىنماقچى بولۇپ، گازدىن زەھەرلىنىپ قازا قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، سېربىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا ياغقان قارنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. جەنۇب تەرەپتىكى ئەڭ چوڭ شەھەر نېيىش (Neish) تا قاتتىق قار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ۋەقەدە ئاز دېگەندە 17 ئادەم يارلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتىسى بالىلار ئىكەن.

رومىنىيەنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي قىسىم رايونلىرىدا، 6-چېسلا قاتتىق قار ياغقاچقا ئاساسلىق قاتناش يوللىرى تاقىلىپ قالغان، 40 نەچچە يۈك پويىزىمۇ توختىتىلغان. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى جىددى ئەھۋال باشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى، بىز يەنە 600 دىن ئارتۇق جىددى داۋالاشقا ئىھتىياجلىق كىشىنى ۋە 120 ھامىلدار ئايالنى جىددى باشقا رايونغا يۆتكىدۇق.

بۇلغارىيەدە 650 دىن ئارتۇق يېزىدا قاتتىق قار يېغىپ توك توختاپ قالدى، تىمپۇراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سىلىتسىيە گىرادۇسقا چۈشتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20 دىن ئارتۇق رايون ناچار ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتى ئېلان قىلدى ۋە پۇقرالارنى ئامال بار سىرىتقا چىقماسلىققا جىكىلىدى.

كىرودىيە ئادرىياتىك دېڭىزى  (the Adriatic Sea) بويى رايونلىرىمۇ كۈچلۈك بوراننىڭ تەسىرىدە دېڭىز قاتنىشىنى توختاتتى، مونتېنېگرو (Montenegro) نىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا، قاتتىق قار سەۋەبىدىن كۆپ قىسىم يېزىلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. 6-چىسلا كۆپ قىسىم ئايروپىلانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ياكى كىچىكتۈرۈلدى.

6-چىسلا نورۋىگىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا دېڭىز قاتنىشى توختىتىلدى، دانىيەنىڭ غەربى رايونىدىكى پويىزلارمۇ كىچىكتۈرۈلدى، فىللاندىيە ۋە لاتۋىيە قاتارلىق بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ تىمپۇراتۇراسى نۆلدىن تۆۋەن 23 سىلىتسىيە گىرادۇسقا چۈشتى.

ئۇندىن باشقا، 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك بوران ئاكسېل (Axel) گىرمانىيەنىڭ شەرقى شىمالى دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىنى سۈپۈرۈشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدىكى كۆپ قىسىم شەھەرلەر سازلىققا ئايلاندى. گىرمانىيە ئاۋازى رادىئو ئىستانسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كەلكۈن سەۋەبىدىن سۇ ئىگىزلىكى ئادەتتىكىدىن 1.7 مېتىر ئېشىپ كەتكەن، ھەتتا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن لۇبېك ئوتتۇرا ئەسىر قورغىنى (Medi old town of Lubeck) مۇ خەۋپ ئىچىدە قالغان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号