باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

گۇيشى شەھىرىدە ئەخلەت ساندۇقى يېنىغا تاشلىۋىتىلگەن بوۋاقنىڭ جەسىتى بايقالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-07 20:04 0 ئىنكاس چۈشتى


  1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ، جىياڭشى ئۆلكىسى گۇيشى شەھىرىدىكى مەركىزىي مەيدان ئەخلەت ساندۇقى يېنىدا بىر بوۋاقنىڭ جەسىتىنىڭ بايقالغانلىق ئىشى شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ تورلىرىدا شىددەت بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان. ناھايىتى تېزلا،بۇ تاشلىۋىتىلگەن  بوۋاقنىڭ ئۆيدىكىلىرىمۇ بۇ خەۋەرنى كۆرگەن ھەم دەرھال مۇخبىر بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ ئىشنىڭ ئىچكى سىرىنى مۇخبىرغا ئېيتىپ بەرگەن.

   شۇ ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تاشلىۋىتىلگەن بوۋاق بايقالغاندا ئۈستى-بېشى ناھايىتى پاكىز بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئۈستى سۇلياۋ بىلەن ئوراپ قويۇلغان ئىكەن، بۇ بوۋاقنى شۇ ئەتراپتا ئىشلەيدىغان بىر تازىلىق ئىشچىسى ئەڭ دەسلەپتە بايقاپ قالغان ئىكەن.

 تازىلىق ئىشچىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، دەسلىپىدە ئۆزىنىڭ بوۋاقنى بەلكىم  قونچاق ئوخشايدۇ دەپ قالغانلىقىنى، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئۆلۈك بوۋاق دەپ ئويلىمىغانلىقىنى ئېيتقان.

      


  ساقچى تەرەپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، تاشلىۋىتىلگەن بۇ بوۋاقنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن شۇنداقلا شۇ ئەتراپتىكى ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنى ئالدىدىكى كۆزىتىش كامىراسى ئارقىلىق بۇنىڭغا ئالاقىدار بىر قىسىم ئەھۋاللارنى بايقىغان.

 كۆزىتىش كامىراسىدىكى خاتىرىلەرنى ئاستا سۈرئەتتە تەكرار قويۇش ئارقىلىق، بۇ ئوغۇل بوۋاقنىڭ جەسىتى ئەخلەت ساندۇقى يېنىدا پەيدا بولغان چاغدا دەل بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ مۇشۇ يەردىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى.

     


  كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئوغۇل بوۋاقنىڭ دەل مۇشۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن تاشلىۋىتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمانلانغان.

 


 دوختۇرخانا تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئوغۇل بوۋاقنىڭ جەسىتى دوختۇرخانا خادىملىرى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ قالغان ئىكەن.

     


     شىياڭ ئەپەندى دەل مۇشۇ تاشلىۋىتىلگەن ئوغۇل بوۋاقنىڭ تاغىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ ئوغۇل بوۋاق 1-ئاينىڭ 3-كۈنى گۇيشى شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدە ئوپراتسىيە ئارقىلىق ئېلىنغان بولۇپ، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدىنىدە سۇلۇق ئىششىق بارلىقى شۇنداقلا نەپەسلىنىشىنىڭ ئىنتايىن تەس بولۇۋاتقانلىقى بايقالغان.

 دوختۇرلار بوۋاقنىڭ قورسىقى، مەيدىسى ۋە دۈمبىسى، شۇنداقلا بوينى قاتارلىق نۇرغۇن جايلىرىنى بېسىش ئارقىلىق بۇ جايلارنىڭ ناھايىتى قاتتىق ئىكەنلىكىنى، بوۋاقنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

     


  بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەسلىھەتلىشش ئارقىلىق، بوۋاقنىڭ جەسىتىنى دوختۇرخانا تەرەپنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلغان.

  ئۇنداقتا  دوختۇرخانا تەرەپنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بۇ ئوغۇل بوۋاقنىڭ جەسىتى قانداق قىلىپ مەركىزىي مەيدان ئەتراپىدىكى ئەخلەت ساندۇقى يېنىدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟ دوختۇرخانا تەرەپ بۇنىڭغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ، بوۋاقنىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل خادىمنىڭ ماشىنا بىلەن جەسەتنى ئېلىپ مېڭىش جەريانىدا يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتقان.

      


    شۇ كۈنى، دوختۇرخانا خىزمەتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ ئىككى بوۋاقنىڭ جەسىتىنى ياخشى ئورىغاندىن كېيىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئېلىپ ماڭغان بولۇپ، ماشىنىدىن چۈشكەن چاغدا باشقا كىشىلەر كۆتۈرۈشۈپ ئاچىقىشىپ بەرگەن ئوغۇل بوۋاقنىڭ جەسىتىنى ماشىنىدا ئۇنتۇپ قالغان، دوختۇرخانا خىزمەتچىسى ماشىنىدا ئۇنتۇپ قالغان بۇ بوۋاق دەل ئەخلەت ساندۇقى يېنىدىن بايقالغان ئوغۇل بوۋاق ئىدى.

  دوختۇرخانا تەرەپ بۇنىڭغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ، يۇقارقى خىزمەتچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

      

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号