باش بەت

رىسالەت تۇرسۇن

1871يوللانما
0مەستانە

ئۆيىدىن قوغلانغان ياش يىگىت ئورۇقلاپ، يېڭى ھاياتىنى كۈتۈۋالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-07 21:10 0 ئىنكاس چۈشتى

ئائىلىسى تەرىپىدىن ئۆيدىن ھەيدەلگەن كىشى ھاياتىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقاتقىنىدەك، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كونترولىنىمۇ يوقاتقانىدى. ئۇ سەمىرىپ 146 كىلوگرامغا چىققاندا، ئۇنىڭ دوستى ئەسكەرتىش بەردى. ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاش ئۈچۈن قايتىدىن ئورۇقلاشقا باشلىغان ۋە تۇرمۇشىمۇ ئىزىغا چۈشۈشكە باشلىغان

كۈنىگە 10 مىڭ كالورىيە قوبۇل قىلغان بۇ كىشى 146 كىلوگرامغا چىققان. تۇرمۇشىنى ئىزىغا چۈشۈرۈشنى نىيەت قىلىپ تىرىشقان 32 ياشلىق بۇ كىشى پەقەت ئورۇقلاش بىلەنلا بولاى قىلماي، شۇنداق چىرايلىق قىز دوستمۇ تېپىۋالدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2003-يىلى ئۆيىدىن قوغلانغان ئامېرىكىىق بۇ كىشى كوچىدا قالغانىدى. ئۇ تۇرمۇش تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، زىيادە سەمىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ 2007-يىلى دوستىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇنداق ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغان. ئۇ 63 كىلوگرام ئورۇقلاپ، روھىي چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلغان، تۇرمۇشىنى ئىزىغا چۈشۈرگەن ۋە قىز دوستمۇ تاپقان.

رېمونتچى بولغان بۇ كىشى ئۆيىدىن قوغلانغاندىن كېيىن، دائىم بىر جۇڭگولۇقلار ئاشخانىسىدا كۈندە توخو گۆشى ۋە چۆپ يېگەن. بۇ ئادەتكە ئايلانغانسېرى سەمىرىشكە باشلىغان.

تۇمۇشىنى ئۆزگەرتكەن بۇ كىشى ئورۇقلاپ، ھاراق ۋە تاماكىنى تاشلاپ، تەرتىپلىك كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ۋە ئۆز تامىقىنى ئۆزى قىلغان. كۈندىلىك قوبۇل قىلىدىغان كالورىيەنى 10 مىڭدىن 2200 گە چۈشۈرگەن. ھازىر قىز دوستى بىلەن كېلىشكەن بەدەن شەكلى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ۋىدىئولارنى ھەمبەھىرلىنىدىكەن.

ئۇ ھاياتىدىكى ئىلھام بېرىدىغان دەقىقىلەرنى مۇنداق چۈشەندۈردى: قارارىمنى چىقاردىم، بۇ دۇنياغا پەقەت بىرلا قېتىم كېلىمىز، شۇڭا قانداق ياشىغۇم كەلسە شۇنداق ياشىماقچى. كىچىكىمدە رەسىملىك رومان ئوقۇپ چوڭ بولدۇم، شۇ رومانلاردىكى قەھرىمانلاردەك بولغۇم بار.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号