باش بەت

نۇسرەتگۈل

5341يوللانما
6مەستانە

ئەيدىز بىمارلىرى ئوزۇقلىنىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-08 15:57 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەيدىز كېسىلى نۆۋەتتە ئىنسانلار ھاياتىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقان كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، يۇقۇمچانلىقى ئالاھىدە كۈچلۈك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى داۋالاش تېخنىكىسى بىلەن ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىش تولىمۇ قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ كېسەلنى داۋالىغاندا، دورا يېيىش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىشتىن باشقا، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يېمەك-ئىچمەككىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش كېرەك. 

بىرىنچى، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قېلىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى.

مۇتەخەسسىسلەر بىمارنىڭ تاماق يېگۈسى كەلمەسلىكىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بار دەپ قارايدۇ. بىراق، بۇنىڭدا چوقۇم مەلۇم قائىدە-پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك. مەسىلەن، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېنىدىن ئايرىماي يېگۈسى كەلگەن ھامان دەرھال يەۋېلىش؛ تاماق يېيىش قېتىم سانى كۆپ، مىقدارى ئاز بولۇش؛ ئۇششاق چايناپ، ئالدىرىماي يۇتۇش كېرەك. چۈنكى مۇشۇنداق قىلغاندا ئاشقازاننىڭ ئاسانلا تولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛ تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى بەك كۆپ سۇ ئىچىۋالماسلىق كېرەك. تاماق يېيىش جەريانىدىمۇ سۇنى ئاز ئىچىش، ئىككى قېتىملىق تاماق ئارىسىدا ئازراقلا شورپا ئىچىش بىلەن چەكلىنىش كېرەك؛ سۈت، قېتىق، پۇرچاق سۈتى قاتارلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش؛ كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىش؛ ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋالدا، دوستلار بىلەن يىغىلىپ خۇشال كەيپىياتتا تاماقلىنىش.

ئىككىنچى، ئېغىزدا غەيرىي پۇراق پەيدا بولۇپ قالغاندا، ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ئۆگەرتىش كېرەك.

ناۋادا قوي گۆشى تىلىغا تېتىمىسا، توخۇ، ئۆردەك، بېلىق گۆشى ياكى تۇخۇمغا ئالماشتۇرۇش كېرەك؛ يېمەكلىكنى ئامال بار خۇشپۇراق قىلىشقا تىرىشىش، مەسىلەن كۆكتاتلار ئارىسىغا كولباسا، تۇزلانغان گۆش ياكى سۇڭپىياز قاتارلىق ئىشتىھانى ئاچىدىغان يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ قويۇش كېرەك؛ يەنە بەزىدە تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچلارنى قوشۇش ئارقىلىق غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش كېرەك. مەسىلەن، يېمەكلىككە ئاچچىقسۇ، لىمون شەربىتى قاتارلىقلارنى قوشۇپ قويسا بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، يەنە چىلىغان سەي، تۇزلانغان سەي قاتارلىقلارنىمۇ ئاز-تولا يەپ بېرىش كېرەك؛ سۇ، چاي، قەھۋە، شېكەرلەرنى كۆپرەپ ئىستېمال قىلىش، مېۋە-چىۋىنى كۆپ يېيىش كېرەك. بېلىق، راكقا ئوخشاش سېسىق پۇرىقى بار يېمەكلىكلەرنى ئامال بار يېمەسلىك كېرەك.

ئۈچىنچى، خام، سوغۇق، مايلىق نەرسىلەرنى يەپ، ئىچى سۈرۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەل. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىچى سۈرۈشنى ئازايتىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىمارنىڭ نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى يۇقارقى مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن، يېمەك-ئىچمىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، ئەيدىز بىمارلىرى زىيادە ئەنسىرەپ كېتىشتىن ساقلىنىشى، ئۈمىدۋارلىقنىڭ بۇ كېسەلدىن قۇتۇلۇشتىكى ياخشى دورا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号