باش بەت

ئەخمەتجان

3411يوللانما
55مەستانە

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قاتتىق قارنىڭ تەسىرىدە چوڭ كۆلەملىك توك توختىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-08 18:16 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

شۇ جاي ۋاقتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى قاتتىق قارنى كۈتۈۋالدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قىشلىق بوران-چاپقۇن ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، قاتتىق قارنىڭ تەسىرىدە نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كېچىككەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئاتلانتا ۋە شارلوت شەھەرىدىكى ئايرودرومىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق ئايرودروملىرى قاتتىق قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. جەنۇبىي قىسىمدىكى رايونلار ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمىمۇ قىشلىق بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بۇنىڭ تەسىرىدە قار ئارىلاش يامغۇر ياغقان. 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-يانۋاردىكى تېلېگراممىسى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمى رايونلار شۇ جاي ۋاقتى 7-يانۋاردىن باشلاپ بىر قېتىملىق قاتتىق بوران-چاپقۇن قالدۇرۇپ كەتكەن ئاپەتنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن. شۇ جايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ دېيىشىچە، بوران-چاپقۇننىڭ تەسىرىدە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى جورجىيە ئىشتاتىدىن تارتىپ ماسساچۇسېتس ئىشتاتىغىچە بولغان رايونلاردا قاتتىق قار ياغقان، نەچچە مىڭلىغان ئائىلىنىڭ توك ئۈزۈلۈپ قالغان، نەچچە يۈز قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇپ: «كەلگۈسىدىكى ھاۋارايى بۇنىڭدىنمۇ بەك سوغۇق»دېگەن. 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق بوران-چاپقۇننىڭ تەسىرىدە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كېچىككەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىدىغان بىر شىركەتنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 7-يانۋار ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ ئىچىدە 3657 ئايروپىلان كېچىككەن، 3458 ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

شۇ جايدىكى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مەركىزىنىڭ ھاۋارايىشۇناسى ئورىسوننىڭ تېلېفوندا ئاشكارىلىشىچە، جورجىيە ئىشتاتى، جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتى بىلەن شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يېقىنقى بىر قانچە كۈندە قاتتىق قار ياغقان، قار تاكى شۇ جاي ۋاقتى 7-يانۋار چۈشكىچە ياغقان. 

ئورىسىن: «قار ئەڭ كۆپ ياغقان قىسمەن رايونلاردا قارنىڭ قېلىنلىقى 30 سانتىمېتىرغا يەتتى، بۇ جايلار ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋىلسامبۇرگ بەلبېغىنى، شۇنداقلا شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ جورجىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلاردا قارنىڭ قېلىنلىقى 15 سانتىمېتىرغا يەتتى»دېگەن.

 

جورجىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ناسېن دېل بايانات ئېلان قىلىپ: «نەچچە مىڭلىغان توك سىمىنىڭ ئۈزۈلگەنلىك دوكلاتى تاپشۇرۇۋالدۇق، ئاتلانتا رايونىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئاھالىلەردىن ئائىلىسىدە ئىشلەتكۈدەك توكى قالمىغان ياشانغانلارغا دىققەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى»دېگەن. 

دېل باياناتىدا يەنە: «قىسمەن ئىشتاتلار ئارا تاشيولىدا 6-يانۋاردىن 7-يانۋارغىچە يول يۈرگىلى بولمايدۇ، بىز كۆپ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى دوكلاتى تاپشۇرۇۋالدۇق»دېگەن.

 

شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى روي كۇپېر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا:«مەزكۇر ئىشتاتتا 700 قېتىمدىن كۆپرەك تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەردى، بەختكە يارىشا ئۆلۈم-يېتىم بولمىدى، يەنە تەخمىنەن 20 مىڭ قېتىم توك ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋەقەسى يۈز بەردى»دېگەن. بۇ قېتىملىق قاتتىق شىۋىرغان دېموكراتلار پارتىيەسى تەۋەلىكىدىكى كوپېرنىڭ ئەسلىدە بۈگۈن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان. 

ئامېرىكا دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئاھالىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «8-يانۋار يەنە بىر قېتىملىق تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، كۆپچىلىك سوغۇقتىن مۇداپىيەلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ قويۇشى كېرەك»دېگەن. بولۇپمۇ قاتتىق شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بولغان شىمالىي كارولىنا ئىشتاتى بىلەن ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 15 گىرادۇسقا چۈشۈشى مۇمكىنكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号