• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئازاب-ئوقۇبەت بىر خىل ئېسىل دورا

    مەنبە : nur.cnتەھرىر : ئوغلان0996 ئىنكاس : 11يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-08 22:41

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    نېمە ئۈچۈن بىزدە ئازاب-ئوقۇبەت ئېڭى بولۇشى كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتنى ئويلىشىمىز كېرەك؟ مېنىڭچە، ئازاب-ئوقۇبەت ئادەمنى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەشكە، ھەر خىل توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈشكە ئۈندەيدىغان بىر خىل ئېسىل دورا.

    ئازاب-ئوقۇبەت بۆكەننىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان يىلپىزغا ئوخشايدۇ. بۆكەن تۇتۇلۇپ قالمايدۇ-يۇ، جان- جەھلى بىلەن يۈگۈرىدۇ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ ئازاب ئوقۇبەتتىن ئىبارەت ئاشۇنداق «يىلپىز»لارغا تولغان، ھەر ۋاقىت بىزگە يىرتقۇچلارچە خىرىس قىلىپ تۇرىدۇ، ئازاب- ئوقۇبەت ئېڭى شەكسىز «يىلپىز»غا ئوخشاش يۈرىكىمىزنى پوكۇلدىتىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز ۋە كېلەچىكى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باش قاتۇرۇشقا مەجبۇرمىز. ئادەمدە ئاشۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت ئېڭى بولغاندىلا كۈن كەچۈرەلەيمىز.

    بۈگۈنكى كۈندە ئازاب-ئوقۇبەت ئەتراپىمىزدا ئەگىپ يۈرىدۇ، ئۇنى ھەر قانداق تەرەپتىن تاپقىلى بولىدۇ، تۇرمۇش بىزنى ھەر قاچان ھوشيار تۇرۇشقا، ئازاب-ئوقۇبەت ئېڭى بولمىسا كەسكىن رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى كۈندە پۇت دەسسەپ تۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغانلىقى توغرىلىق ھەر ۋاقىت ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

    ئازاب-ئوقۇبەت ئېڭى بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. چۈنكى، توسالغۇلارنى كۆرگىنىمىز ھېچبولمىغاندا قىياس قىلغىنىمىزدىلا، ئاندىن شۇنىڭغا يارىشا يول تۇتالايمىز. مېڭزى ئېيتىدۇكى، «ئادەم ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشايدۇ، خاتىرجەملىك، بېخارامانلىق، بىخۇدلۇق ھالاك بولىدۇ». بۈگۈنكى كۈندە ئازاب-ئوقۇبەت يەنىلا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئېسىل دورا، ئادەمدە ئازاب-ئوقۇبەت ئېڭى بولغاندىلا، غەيرەت-جاسارەت بىلەن ئالغا باسالايدۇ.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号