• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    نىكاھ سەپىرىدىكى قىزىل-يېشىل چىراغلار

    مەنبە : nur.cnتەھرىر : گىلاس ئىنكاس : 32يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-09 10:28

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش


    نىكاھ سەپىرىدىكى قىزىل-يېشىل چىراغلار

    ئوسمان زاھىر

     

    ئىنسانىيەت يەر يۈزىدە تىرىكچىلىكنى باشلىغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ بىر ئىللىق ئائىلىگە مۇھتاج بولغان. ئائىلە مۇھەببەتكە مۇھتاج بولغان. مۇھەببەت پەرۋىشكە مۇھتاج بولغان. زەنجىرسىمان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا نىكاھ دەرىخى بىخلىنىپ قومۇرۇلماس يىلتىزلارغا ئىگە بولغان. بۇنداق مۇستەھكەم رىشتە باغلاپ تۇرغان ئائىلىلەردە مۇھەببەتلىك ئىنسانلار ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئائىلە پاكىزە نەسىلنى داۋاملاشتۇرىدىغان قورغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئەنە شۇ قورغاننى قوغداش يولىدا تالاي قانلار تۆكۈلگەن. ئائىلىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن جېنىنى بەرگەن سېيمالار تارىخ بېتىگە پۈتۈلگەن.  بۈگۈنكى «جىنس ئەركىنلىكى» شۇئارىدا پاكىز تۇيغۇلىرى لايلىنىش ئالدىدا تۇرغان قەدىردانلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ ھالاكەتلىك يولدۇر. بىر تەرەپنىڭ يولدىن چىقىشى بىلەن نەسىل بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ بىر ئەۋلاد ئەمەس، بىر پۈتۈن جەمەتنىڭ تارىخىدىكى نومۇسلۇق سەھىپە بولۇپ، بۇزۇلغان نەسىلدىن بۇزۇقچىلىقتىن باشقا نەرسە تارالمايدۇ.

    ئىللىق بىر ئائىلە ئېنىرگىيە مەنبەسىگە ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭلىرىغىچە سۆيگۈ زەررىچىلىرىنى يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بالىلار سۆيگۈ دەرىخىنىڭ مىۋىلىرىدىن قانغۇچە بەھىرلىنىدۇ. ئۇلار مۇشۇ قورغاندىكى ئەڭ كىچىك ئادىمىيلىك مىزانلىرىغىچە سەبى قەلبىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگۈسىدە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئائىلە ئۈچۈن ئۇل سالىدۇ. ئاتا-بوۋىلار ئائىلىلەردە بالىلار ئالدىدا يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشنى ئەيىب سانىغان. چۈنكى، «بىر نەرسە بىلمەيدۇ» دەپ قارالغان شۇ سەبىيلەرنىڭ كاللىسىدا يېرىم يالىڭاچ ھالەت ئورناپ كېتىشى، بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ شۇ خىل ھالەتتە يۈرۈشنى ئەيىب سانىمايدىغان بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.

    بالىلار بالاغەتكە يەتكەندە ياتىقىنى ئايرىغان. بۇ ھەقتە ئاچچىق ساۋاقلار  كۆپ. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللارنىڭ بىر ئۆيدە يېتىپ قوپۇشى بىلەن ئۇلار فىزىئولوگىيىلىك ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە چەكلەنگەن رايونغا تېگىپ قويىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۈمكىن.

    ھەرقانچە غەزەبلەنگەن ئەھۋالدىمۇ ئەر-ئايال بالىلار ئالدىدا سەت سۆزلەر بىلەن تىللىشىشتىن تىلىنى تارتقان. يامان تىل زەھەرلىك ئوقتەك قارشى تەرەپنىڭ دىلىنى زەخملەندۈرۈش بىلەن قالماي، سەبىي قەلبلەردىمۇ جاراھەت قالدۇرىدۇ.  شۇ ۋەجىدىن «باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە» پىرىنسىپى بويىچە، كېلىشەلمەسلىك بولغاندا مەھەللىدىكى ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان ئاقساقاللار ياكى دانىشمەن ئانىلارنى ئارىغا قويۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلغان.

    تۇنجى نىكاھنى قەدىرلىگەن. ئاجرىشىش ئورتاق ھايات كەچۈرۈشكە يول قالمىغاندا تاللايدىغان ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسىدۇر. ئاتا-بوۋىلار تۇنجى نىكاھنىڭ قەدرىنى چۈشەنگەچكە «بىر كۈنلۈك ئەر-خوتۇنچىلىقنىڭ قىرىق يىللىق مېھرى بار» دېگەن ماقاللارنى قالدۇرغان.

    «ئانا كۆرۈپ قىز ئال» دېگەن پىرىنسىپقا ئەمەل قىلغان. ئانا قىزنىڭ تۇنجى ئۇستازى، قىز ئانىنىڭ 70 پىرسەنت ئەتراپىدا خاراكتىرىنى ئۆزىگە جەملىگەن بولىدۇ. ئېسىل خۇلۇقلۇق ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىمۇ كۆپ ھاللاردا ئېسىل خۇلۇقلۇق تەربىيەلىنىپ چىقىدۇ. ھېكمەتلەردە دېيىلىدۇكى: «ئايال كىشىنىڭ 4 نەرسىسىگە قارىلىدۇ. چىرايى، نەسەبى، بايلىقى، دىيانىتى. سەن دىيانەتلىكنى تاللىغىن.»

    بىز كېلىننىڭ قايسى تەرىپىنى تاللاۋاتىمىز؟ رېئاللىق جاۋاب بېرىدۇكى، كېلىنىنىڭ ياخشى خىزمىتى بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرىۋاتىمىز. تاپاۋىتىنى سۈرۈشتۈرىۋاتىمىز. ئەخلاق-دىيانىتى سۈرۈشتۈرۈلمەي ئېپكىرىلگەن كېلىن ئانىلارنى بالدۇر قېرىتىپ، ئاتىلارنى بالدۇر مۈكچەيتىۋاتىدۇ. ئىچىدىن قان كەتكەن ھىممەتلىك ئەرلەر بۇنداق خوتۇنلارنىڭ دەستىدىن مىڭ قېتىملاپ پەندىيات دەۋاتىدۇ. ئەخلاقى سۈرۈشتۈرۈلمىگەن، «ئاق تاۋۇز» لارنى بىلمەي ئالغان يىگىتلەر دەردىنى ئىچىگە يۇتىۋاتىدۇ. بۇ دەردنى كىمگە ئېيتقىلى بولسۇن؟ ئاتا-ئانىنىڭ تاپقان-تەرگەن دۇنياسىنى بۇزۇپ توي قىلغان ئەر «ئالغان قىزىم <قىز> ئەمەسكەن» دېيەلىسۇنمۇ؟ شۇ دەردلەر بىلەن ھاراقكەش بولۇپ كەتكەن ئەرلەر، ئېغىر-ئېغىر تىنىۋاتقان ئەرلەر كۆپىيىۋاتىدۇ.

    دىيانەتلىك قىز ئائىلىنىڭ بەختىدۇر. ئۇ ئاز روزىغارىدىنمۇ قانائەتلىنىپ، ئۆينى جاۋاھىراتلار بىلەن بېزىيەلمىسىمۇ، ھويلىسىنى ئەتىرگۈللەر بىلەن بېزەشنى  بىلىدىغان، چوڭلارغا ھۆرمەت، كىچىكلەرگە ئىززەت كۆرسىتىدىغان، ئەرگە مۇلايىم، بالىلارغا مېھرىبان، ئەرنىڭ بىر ئۆمۈر قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان كېلىنچەكتۇر.   شۇ ۋەجىدىن ئاتا-بوۋىلار ئوغۇل ئۆيلەش، قىز ئېلىشتا شۇ قىزنىڭ مەھەللىسىدىكى خالىس، يىراقنى كۆرەر كىشىلەر ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ دىيانىتىنى تەكشۈرگەن. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرگەن. «تېگىنىڭ تايىنى بار» دېگەن سۆزلەرمۇ جەمەتنىڭ دىيانەت ئەھۋالىغا قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، ياخشى نەسەبلىك ئائىلىلەر بىلەن قۇدا بولۇشقان كىشىلەر پەخىر ھېس قىلىشقان.

    ئەنە شۇنداق دىيانەتلىك ئائىلىلەردىن مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، مۇھەممەدئېلى تەۋپىقتەك ياراملىق نەسىللەر يېتىشىپ چىققان.

    بۈگۈنكى ئەھۋالىمىزغا نەزىرىمىزنى بەرسەك، كۆپىنچە ياشلار تورخانا، يىغىلىش سورۇنلىرى ئارقىلىق  «بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇش» تەك سۈرئەت بىلەن مۇھەببەت دېڭىزىغا «غەرق بولۇشقان» ياكى چىرايى، ئابرۇيى، پۇلىنى ئاساس قىلغان بولغاچقا، بۇ نەرسىلەر يوقىلىش بىلەن مۇھەببەت ئاساسىمۇ ۋەيران بولغان. بۇ ياشلار بىلىمسىزلىكىدىن قارشى تەرەپنىڭ روھىي دۇنياسىغا نەزەر سېلىشنى بىلمىگەن. شۇنداق قىلىپ يەڭگىلتەك مۇھەببەت، يەڭگىلتەك نىكاھ، يەڭگىلتەك ئائىلە كۆزلىرى مۆلدۈرلەپ تۇرغان نارەسىدىلەرنى يىتىملىك كوچىسىغا تاشلاپ توزۇپ كېتىۋاتىدۇ.

    نىكاھ بىلەن روھىي ساپا ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

    بىلىم بىلەن نىكاھنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ ۋاستىلىق مۇناسىۋىتى بار، لېكىن روھىي ساپا بىلەن نىكاھنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بار. بىلىمسىز ۋە روھىي پۈچەك ئىنسان تۆۋەن دەرىجىدىكى تەپەككۇر بىلەن مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئائىلىدىكى مەشغۇلاتى قورساق بېقىشتىن نېرىسىغا ئۆتمەيدۇ. بالىلار ئۆزىگە ئوخشاش بىلىمسىز چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدا نىكاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلگۈدەك ئەقىل، ئائىلىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگۈدەك ساپا بولمىغاچ كىچىككىنە سەۋەب بىلەنمۇ نىكاھ مۇنارىنى غۇلىتىۋېتىدۇ. ئۆزىنى توختاۋسىز يېڭىلاپ تۇرمىغان بۇنداق كىشىلەر قۇرغان ئائىلىلەر ھەر ۋاقىت يىمىرىلىش خەۋپىدە تۇرىدۇ.

    بىلىمى تۆۋەنرەك، لېكىن روھىي ساپاسى يۇقىرى كىشىلەر قۇرغان ئائىلىلەر بەخت مېلودىيەسىنى ياڭرىتىشى مۇمكىن. بۇ خىل كىشىلەر روھىي گۈزەللىككە ئىگە بولغاچ، ئۆزىلا ئەمەس جورىسىنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشكە دېققەت نەزىرىنى بېرىدۇ. ئاددى سوۋغىلار ئارقىلىقمۇ مەھبۇبىنى سۆيۈندۈرىۋېتەلەيدۇ. چارچىغان ئايالىنىڭ بەدىنىنى ئۇۋىلاپ قويۇش ئارقىلىقمۇ ئالەمچە بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىۋېتەلەيدۇ. بۇنداق مۇھەببەت، سۆيۈنۈش تاپقان ئايال ھەرقانداق قاتتىق جاپادىمۇ بەرداشلىق بېرىپ، نىكاھ ھارۋىسىنى رەڭدار گۈللەر بىلەن بېزەيدۇ. يولدىشى يىراقلارغا كەتكەندە خىيانەت قىلمايدۇ. بالىلارغا مۇھەببەت بېرىدۇ. مۇھەببەتكە ئېرىشكەن بالىلارمۇ كېلەچەكتە مۇھەببەتلىك ئىنسانلاردىن بولۇپ چىقىدۇ.

    بىز ئۆزىمىزگە خاس ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت سېستىمىسىغا ئىگە خەلقمىز. باشقىلارنىڭ كۆز ئەينىكى ئۆزىمىزنىڭ يۇلتۇزلىرىنى كۆرۈشكە يارىمايدۇ. چاكىنا ئىنسانلار ئارىسىدا ئومۇملىشىۋاتقان «نىكاھسىز بىللە تۇرۇش»، «تويدىن بۇرۇن چېكىپ بېقىش»، «خوتۇن ئالماشتۇرۇش ئويۇنى» قاتارلىق ئەخلاقسىزلىقلار بىزنىڭ شەرم-ھايانى، جەمەت ئابرۇيىنى، مەھەللە ئىچىدىكى ئىناۋەتنى مۇھىم بىلىدىغان مىللىي خاراكتىرىمىزگە قەتئىي ماسلاشمايدۇ. كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن قىزلار سىرتلاردا يۈرمەسلىك، يوتىلار ئېچىلغان، ساغرا ۋە دۆڭ يەرلەرنى نامايان قىلىدىغان ھالەتتە كىيىنمەسلىك ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇدۇمى بولغان. ئاددى چىت كۆينەكلىك ئانىلار ئاشۇ گۈزەل ئەخلاقى ۋە مۇھەببەتلىك ۋۇجۇدى بىلەن دوكتۇر قىز-يىگىتلەرنى تۇغالىغان. قېينانىسى ئالدىدا ئۇسۇرۇپ قويغانلىقتىن ئاھانەتكە چىدىماي ئۆلۈۋالغان كېلىن ھەققىدىكى ھېكايەت خەلقىمىز ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرمەكتە. بۈگۈن ئۇسۇرۇپ قويۇش ئەمەس، نىكاھسىز تۇغۇلغان پەرزەنتىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈپ كېلىدىغان قىزلارنى نېمە دەيمىز؟ بەزى قىزلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە نومۇسسىزلىقلارنى قىلىپمۇ، خۇددى كىلون قوزىدەك پەرۋاسىزلارچە كۆزىمىزگە تىكىلىپ تۇرالايدۇ؟

    دېمەك، ئائىلىلەردە ئەنئەنە تەربىيەسى سۇسلاشقاننىڭ ئۈستىگە تور ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارىلىقنى قىسقارتىۋەتكەن. سىز بالىڭىزنى ئىنساۋىنى تىلەپ ئولتۇرغان چېغىڭىزدا بەلكىم ياندىكى ئۆيدە ئوغلىڭىز تېلىفوندا شەھۋانىي رەسىم كۆرۈۋاتقان بولۇشى مۈمكىن. بۇ رىۋايەت ئەمەس، رېئاللىق.

    ئائىلە ھەقىقەتەن بىر بارگاھتۇر. بۇ بارگاھنىڭ تاملىرى مۇستەھكەم بولمىقى كېرەك. ئەنئەنە، ئەقىدىگە تالىق بولغان مۇقەددەس ئۇدۇملارنى بالىلارغا كىچىكىدىن سىڭدۈرۈش، ئاتا ئاتىلىق نوپۇزىنى تىكلەش، ئانا ئانىلىق لاياقەت ھازىرلاش بۇ بارگاھنىڭ مۇستەھكەم تۇرۇشىدىكى مۇھىم ئاساسلاردۇر. كۆپ ھاللاردا ئەنئەنىۋىي ئائىلە مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ تۇرمۇش قۇرغان پەرزەنتلەردە ئائىلە مۇقەددەسلىك تۇيغۇسى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولىدۇ. چۈنكى بۇ پەرزەنتلەر كەيپ-ساپادىن يىراق، سۈرى بار، كۆزلىرىنى سۆزلىتەلەيدىغان، ۋاقتى كەلگەندە پەرزەنتىنى مۇھەببەتلىك سۆيەلەيدىغان ئاتىلارنىڭ ئالدىدا، ئۆينى پاكىزە تۇتۇپ، ئاز نەرسىگە ھەم قانائەت قىلىپ، مېھرى بىلەن ئائىلە چىرىغىنىڭ پىلىكىنى پەرلەپ تۇرغان ئانىلارنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئاقساقال بوۋىسى، مېھرىبان مومىسى، چۇرقىرىشىپ يۈرگەن بالىلار بولىدۇ. بۇ كىچىك جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسى كەم بولسا بولمايدىغان دەرىجىدە بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئائىلىدىكى گۈزەل ئۇدۇم-ئەنئەنىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭىدۇ. تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىنمۇ «چوڭ ئۆي» دېگەن نام ئاستىدىكى مۇھەببەت بۇلىقىدىن يەنىلا ئايرىلمايدۇ. بۇنداق ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پەرزەنتلەر يىقىلغاندا تۇرۇشنى، چۈشكۈنلۈك پەيتلىرىدە ئۆزىنى يوقاتماسلىقنى ئۆگىنىدۇ. بۇنداق ئەنئەنىۋىي ئائىلىلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇتەئەسسىپلىكتىن خالىي بولۇپ، ئۆگىنىشكە ۋە ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بىلىملا بولىدىكەن ئۆزىمۇ ئۆگىنىدۇ ۋە پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىدۇ. ھۈنەرسىز تاشلاپ قويمايدۇ. كىمگە، نېمىگە مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىتىدۇ.

    توي قىلىشنى «جىنسىيەت» دەپلا چۈشىنىپ قالغان يەڭگىلتەك ياشلار «نىكاھ» نىڭ ئەمەلىيەتتە مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ خەجلەۋاتقىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلى، ئولتۇرىۋاتقىنى ئاتا-ئانىسى ئېلىپ بەرگەن ئۆي... ئۇلاردا مۇھەببەت، ۋاپادارلىق ھېسسياتى كەم بولغاچقا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىنى يوقلاپ كېلىشنى رەسمىيەت دەپ بىلىدۇ. بالىلىرىنى يەسلىگە ئاپىرىپ بېرىپ يۈكتىن قۇتۇلغان ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرى چاغلىق بولغاچقا ئېسىل مودا كىيىملەر بىلەنمۇ مەتۇلۇق قىلىپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ھادىسىۋىي نەرسىلەر ئۈستىدە توختاپ قالغان بولغاچ، ئۇلار زىياننى پەقەت ماددىي زىيان دەپلا چۈشىنىدۇ. مانا بۇ بەختسىز ئائىلە بولۇپ، بۇنداق ئائىلىلەر كۆپەيگەن جەمئىيەتتە يىتىم بالىلار، ئوغرى بالىلار، زىنا-زالالەت ئاينىپ كېتىدۇ. قەلبى ئائىلە سۆيگۈسىدىن سۇ ئىچمىگەن بالىلار باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشنىمۇ ھېچقانچە ئىش دەپ قارىمايدۇ.

    ئائىلە ئۇلۇغۋار غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مەنىۋىي بارگاھ ۋە ھاياتلىق مەشغۇلاتلىرىمىزنىڭ مۇھىم مەركىزىدۇر. تۇرمۇش قۇرماي ئۆتكەن ئەر بىچارە ئەردۇر. ياتلىق بولماي ئۆتكەن ئايال بىچارە ئايالدۇر. ئۇنىڭ ماددىي جەھەتتىكى تۇرمۇشى توققۇزى تەل بولغان تەقدىردىمۇ ئىچ-ئىچىدىن مۇھتاجلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. قى-چۇۋ قىلىپ تۇرىدىغان پەرزەنتلىرىنىڭ بولۇشىنى، ئۆي ئۈچۈن پەرۋانە بولۇپ، ئېتىز قىرلىرىدا ئولتۇرۇپ بەخت ناخشىلىرىنى ئېيتىشنى ئارزۇ قىلىپ كېتىدۇ. ئەرزىمەس باھانە-سەۋەبلەر بىلەن نىكاھ قەسىرىنى غۇلىتىشنى پىلانلاۋاتقان ھەر بىر ئەر-ئايالغا ئايان بولۇشى كېرەككى، تۆۋىنى نەچچە يىللىق، يۇقىرىسى نەچچە ئون يىللىق نىكاھنى ۋەيران قىلىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس. ھەر ئىككى تەرەپ تۆلەيدىغان ماددى ۋە مەنىۋىي بەدەل غايەت زور دەرىجىدە بولىدۇ. تۇنجى نىكاھى بىلەن ئۆيى ئۆي بولۇپ كەتكەنلەر تارتىدىغان مەنىۋىي زىيان خېلىلا ئاز بولىدۇ. يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئاجراشقانلار ئىچىدە ئىككىنچىسى بىلەن ئۆي بولۇپ ئۆتكەنلەرنىڭ نىسبىتىمۇ ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس، ھەتتا ئۈچىنچى، تۆتىنچى قېتىم نىكاھلىنىپمۇ يەنە قاقشاپ يۈرگەن كىشىلەر بار. لېكىن ئۆي تۇتۇشقا قەتئىي ئىمكانىيەت قالمىغان ئەھۋالدا زورلاپ ئۆي تۇتۇش خۇددى تاشنى تاياققا تاڭغان بىلەن باراۋەر. نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئائىلىدىكى بىر تەرەپنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەچۈرۈش قىيىن بىر ئىش. بولۇپمۇ ئايال تەرەپتە مەسىلە كۆرۈلگەندە تارتىدىغان مەنىۋىي زىيان ۋە سورۇقچىلىق ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولىدۇ. بۇنداق كوچىغا كىرگەن ئايال بالىلىرىنى ئويلاپ قويمايدۇ.جەمەتى، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئابرۇيى، مەھەللىدىكى ئابرۇيى بىلەنمۇ ھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ئائىلىدىكى ئەرلەر ئىچىدىن تۈگىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق نىكاھ ۋەيرانچىلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مەن بۇ ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ يولدىن چىقىشىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ، دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەرلەردىمۇ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيەت بار بولۇپ، ئۇ ئايالىنىڭ ماددى ئېھتىياجلىرىنى نورمال ھالەتتە قاندۇرۇشتىن سىرت، مەنىۋى دۇنياسىغىمۇ نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، ئۇ تۆمۈر ياكى شام ھەيكەل ئەمەس، بەلكى ئىسسىق قېنى تومۇرىدا ئېقىپ تۇرغان نورمال ھېسسىياتلىق بىر ئىنساندۇر.

    بۇ يەردە ئۆزۈم ئاڭلىغان بىر ئىشنى مىسال ئالماقچىمەن. مەلۇم ئەر-ئايال توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولۇپتۇ. نەچچە يىللار نىسبىي خاتىرجەم ئۆتكەن بۇ ئائىلە ئەرنىڭ چۈپەيلىك قىلىشى، ئايالىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى يېتەرلىك بەرمەسلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ھاڭ لېۋىگە كېلىپ قاپتۇ. بۇ ئەر ئايالى پۇل سورىغان چاغدا «ئۆزۈڭ پۇل تېپىپ ئىشلەت» دېگەن ئىكەن. ئايال بارا–بارا سىرتتىكى بىر ئەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلاپتۇ. مەھەللە ئىچىدە سۆز-چۆچەك چىقىپتۇ. ھېلىقى بىچارە ئەر ئايالىنىڭ بىنورمال ھالەتلىرىگىمۇ ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەپتۇ. چۈنكى، ئۇ ئايالى پۇل سوراپ ئاۋارە قىلمىسىلا رازى بولۇپ ئۆتىدىغان يۇمشاقباشلاردىن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ئائىلە ئاخىرى ۋەيران بولدى.

    ئەرلەرنىڭ كۈچلۈك، ئايالنىڭ نازۇك ئاجىز بولۇشى، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە مۇھتاج يارىتىلىشى، تۇرمۇش خىراجەتلىرىنىڭ ئەرنىڭ ئۈستىدە بولۇشى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئۆز ئۆيىنىڭ مورىسىدىن ئىس چىقىرىشتىن، ئۆز ئۆيىگە خىراجەت قىلىشتىن پەقەت مەسئۇلىيەتچان ئەرلەرلا ھۇزۇرلىنىدۇ. بەخت ھېس قىلىدۇ. پۇلغا دۈم چۈشكەن ئىنسان پۇلنى قۇچاقلاپ نادامەتتە قالىدۇ.

    بىر چاغلاردا خاتىرەمگە: «ئەرلەر ئەردەك بولالمىغان جەمئىيەتتە ئاياللار ئەرنىڭ رولىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ» دەپ يازغان ئىدىم. بەرھەق، ئەردە ئەردەك مەسئۇلىيەت، ئايالدا مەمنۇنىيەت بولمايدىكەن، ئائىلىدە مەھرۇمىيەت بولىدۇ.

    نىكاھ قېيىقىنى نىشان تامان سىلجىتايلىكى، ھەر بىر ھەرىكىتىمىز ئائىلىدىكى ئەزالارغا باراۋەر مۇئامىلە ئاساسىدا، مۇھەببەت ئاساسىدا بولسۇن. چۈنكى بىز دۇنياغا بالا تاپقىلى، يەپ-ئىچكىلىلا كەلمىگەن. ئىنسان گۈزەل مەقسەتلەر ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن. ئىنسان ھېس-تۇيغۇ، ئەقىل نېمىتى بىلەن ئاجايىپ يۇقىرى مەقامغا ئىگە بولۇپ، مەنىۋىيىتى ساغلام ئىنسان ئۆزىنى قەدىرلەيدۇ. بۇ مەقامنى تونۇپ يەتمىگەن ئىنسان ئۆز-ئۆزىگە خارلىق چىللايدۇ.

    نىكاھ قورغىنىمىزنىڭ تاملىرىنى مۇستەھكەملەيلى، ئۇنىڭ سىرتىدا خىرىس قىلىپ تۇرغان ئۈچىنچى شەخس، دۇنياپەرەسلىك، ھاۋايى-ھەۋەستىن ئىبارەت يامان بۆرىلەر بار. بىر خوراز جېنىدا ئۆز مىكىيىنىغا ئىگە بولىدۇ-يۇ، خورازدىن ئەقىللىق بىر ئىنسان ئۆز جۈپتىگە ئىگە بولۇشنى بىلمەيدۇ. بۈگۈنكى مۇرەككەپ جەمئىيەتتە بىر ساغلام ئائىلىنى ئۆز ئوقىدا ئايلاندۇرۇپ دۇنيانى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت گۈزەل نىشان تامانىدا ئىلگىرىلەش ھەر بىر ۋىجدانلىق ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق بۇرچى. بۇ ساغلام ئائىلە قۇرۇق شۇئار بىلەن قولغا كەلمەيدۇ. بەلكى، ئاددى بىر ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ، ئىللىق سۆزلىرىمىزنىڭ جەملىنىشى ۋە ئۆزىمىزدە بار بولغان ئىمكانىيەتلەرنى قەدىرلىشىمىز ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىشى مۇمكىن. ئەر ھەم ئايالدىن تۈزۈلگەن ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ بارگاھنى خۇددى سىرلىق ماگىنىت مەيدانىدەك ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مېھرىنى تارتىپ تۇرىدىغان، سىرتقا ھەم مېھىر تارقىتىدىغان مۇھەببەت ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇش ھەر بىرىمىزنىڭ نىشانى بولسۇن.

     

    مەنبەسى:

    يېقىندا نەشىر قىلىنغان «نىكاھ ۋە ئائىلە مەنزىلى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.




    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号