باش بەت

قىسمەت

671يوللانما
2مەستانە

ئامېرىكا تارىخىدىكى قوللاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ تۆۋەن زۇڭتۇڭلار قايسىلار؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-01-09 17:00 0 ئىنكاس چۈشتى

ئوتتۇرىچە نىسبەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خاررى ترومىن-ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ھازىرقى زامان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ھېسابلىنىدۇ. ترومىن تەختكە چىققان چاغدا، قوللاش نىسبىتى % 87 كە يەتكەن. تارىختا ئىزچىل سەمىمىي دەپ نام ئالغان ئامېرىكا بويىچە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان 10 نەپەر زۇڭتۇڭنىڭ بىرى. ئوتتۇرىچە قوللاش نىسبىتى: %42.6 


38-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى فورد-ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى سايلامسىز مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ۋە زۇڭتۇڭ بولغان ئادەم. نۇرغۇن كىشىلەر فوردنىڭ نىكسوننى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن نارازى، نەتىجىدە فورد ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرالمىدى. ئوتتۇرىچە قوللاش نىسبىتى: %45.78 

فوردنى مەغلۇپ قىلغان جىم كات، 39-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ۋاشىنگتوننى زۇڭتۇڭ فورد ۋە زۇڭتۇڭ نېكسوننىڭ سەتچىلىكىنىڭ تەسىرىدىن يىراقلاشتۇرغان، شۇنداقتىمۇ كات ناھايىتى تېزلا پۇل پاخاللىقى ۋە ئېنىرگىيە كىرزىسى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىندى. ئوتتۇرىچە قوللاش نىسبىتى: %45.78 

44-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما-ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان زۇڭتۇڭ. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىل ئىچىدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2012-يىلى، ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ نامزاتى رومنىي ئۈستىدىن غەلبە قىلغان. ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. ئوتتۇرىچە قوللاش نىسبىتى: %47.46 

11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، كىچىك بۇشنى قوللاش نىسبىتى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى نىسبەت %86 كە يەتكەن، ئەمما كېيىنكى نەچچە ئايدا تېزلا چۈشۈپ كەتكەن. ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشى، پۇل مۇئامىلە كىرزىسى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. ئوتتۇرىچە قوللاش نىسبىتى:%47.48 

رىچارد نىكسوننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى قوللاش نىسبىتى كۆپ ۋاقىتلاردا خېلى يۇقىرى بولغان، ئەمما ئوغرىلىقچە ئاڭلاش سەتچىلىكى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلار ئەمدى ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى خالىمىدى، قوللاش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن ٪24 كە چۈشۈپ قالدى. ئوتتۇرىچە قوللاش نىسبىتى: %49.89

40-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رونالد رېگان-بىر ئۇلۇغ نۇتۇق سۆزلىگۈچى. ئۇنىڭ نۇتۇق ئۇسلۇبى ئۈستۈن ھەم كۈچلۈك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە، ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى زۇڭتۇڭلار ئىچىدە بىردىنبىر ئارتىسلىقتىن كېلىپ چىققان زۇڭتۇڭ. ئوتتۇرىچە قوللاش نىسبىتى:%52.84 

زۇڭتۇڭ كېننىدى قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ليېندېن جونسون زۇڭتۇڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. جونسوننىڭ ئاق سارايدىكى ئالدىنقى ئىككى يىلدىكى قوللاش نىسبىتى ٪ 50 تىن يۇقىرى بولۇپ، ئەمما ۋېيتنام ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. ئوتتۇرىچە قوللاش نىسبىتى: %54.75

بىل كىلىنتوننى قوللاش نىسبىتى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سەتچىلىكى ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتىگە بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن، ئەمەلىيەتتە، ئۇنى قوللاش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى. ئوتتۇرىچە قوللاش نىسبىتى: %54.8 

41-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش تاشقى سىياسەت جەھەتتە بىر قەدەر يۇقىرى ئابرويغا ئىگە شەخس، كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقان مەزگىلدىكى بۇ زۇڭتۇڭنى قوللايدۇ. بۇ مەزگىلدە، چوڭنىڭ بۇش زۇڭتۇڭ قوللاش نىسبىتى ئۆرلەپ، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن. لېكىن ئۇ ئىقتىسادنىڭ ئاستا ئېشىشىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرالماي، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشتىن قۇرۇق قالغان. ئوتتۇرىچە قوللاش نىسبىتى: %60.1

فرانكىلىن روزۋېلت-ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 12 يىل داۋام قىلغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى. ئۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ چېكىنىشى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇنىڭ 12 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى ئەزەلدىن قوللاش نىسبىتى % 50 تىن تۆۋەن بولۇپ باقمىغان. ئوتتۇرىچە قوللاش نىسبىتى: %64.49 

داۋىد ئېزىنخاۋېر-ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانى ئالىي قوماندانى، 1952-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلام رىقابىتىدە غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 34-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان، تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ئەزەلدىن قوللاش نىسبىتى % 50 تىن تۆۋەن بولۇپ باقمىغان. ئوتتۇرىچە قوللاش نىسبىتى: %64.9

كېننېدى ئاق سارايدا خىزمەت قىلغان ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە،  ئۇنى قوللاش نىسبىتى % 55 تىن تۆۋەنلەپ باقمىغان. گەرچە بۇ بىر مەھەل خەلقئارا جەمئىيەت داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغان مەزگىلى بولسىمۇ، ئەمما كېننېدى ئۇنىڭ شەخسىي سېھرىي كۈچى ۋە غايىسىگە تايىنىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئوتتۇرىچە قوللاش نىسبىتى: %70.53

 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号