باش بەت

ئادىلجان

5921يوللانما
34مەستانە

بېنىز Nvidia بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلەر يىلى شوپۇرسىز ئاپتوموبىل چىقىرىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-09 15:51 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 9-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ يىللىق CESتا ئاپتوماتىك شوپۇرلۇق ساھەسى ئۆزىنى كۆرسىتىپ، نۇرغۇن تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى. بولۇپمۇ كۆپلىگەن ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ۋە پارچە زاپچاس كارخانىلىرى بەس-بەستە «سۈنئىي ئىدراكلىق ھېسابلاش شىركىتى» Nvidiaنىڭ سېپىگە قوشۇلدى، بەلكىم بۇ شىركەتكە ئەگىشىشىش ئاپتوماتىك شوپۇرلۇق تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسىنى چىڭ تۇتقانلىقتىن دېرەك بەرسە كېرەك. بۇ نۆۋەتلىك CESتا ئاۋدى Nvidiaنىڭ CEOسى خۇاڭ رېنشۈننىڭ Keynoteدا پەيدا بولۇپ، ئىككىسىنىڭ 2020-يىلى يولغا چىقىدىغان شوپۇرسىز ئاپتوموبىلى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

يەنە بىر ئاپتوموبىل كارخانسىى بېنىز ئانچە ئۆزىنى كۆرسەتمىدى، ئۇنىڭ Nvidia بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر CES 2017نىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇنبىرىدە تىلغا ئېلىنغان. بېنىزنىڭ رەقەملىك ئاپتوموبىل ۋە سەپەرگە چىقىش تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ساجىد خان بۇ شىركەتنىڭ CEOسى خۇاڭ رېنشۈن بىلەن بىرلىكتە ئىككىسىنىڭ Nvidiaنىڭ AI تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان شوپۇرسىز ئاپتوموبىلىنى چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەڭ تېز بولغاندا 2018-يىلى بارلىققا كېلىدۇ، يەنى ۋاقىت جەھەتتە ئاۋدىنىڭ پىلانىدىن بۇرۇن. 

لېيفېڭ تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، Nvidia نۆۋەتتە AI تەرىپىدىن قوزغىتىلىدىغان بىخەتەرلىك سىستېمىسى Co-Pilotنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش، يۈز پەرقلەندۈرۈش ۋە كۆز قارىچۇقى پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق شوپۇرغا ياردەم بېرەلەيدىكەن. 

ئەمما Co-Pilotدەك بىر AI تېخنىكىسىنىڭ قانداق قىلىپ بېنىزنىڭ بۇ بۇ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاپتوموبىلىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقى تېخى بىر سىر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماشىنىنىڭ تەپسىلاتى تېخى ئاشكارىلانمىدى، مەسىلەن: بۇ ماشىنا قايتىدىن لايىھەلەنگەن شوپۇرسىز ماشىنىمۇ ياكى بېنىزنىڭ ئەسلىدىكى ماشىنىسىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغانمۇ؟ دېگەندەك. 

ئېنىقكى، ساجىد خاننىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى بۇ گۇمانىي نۇقتىلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ تۇردى، ئۇ «مەن 12 ئاي ئىچىدە Nvidia بىلەن بىرلىشىپ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىك ھېس قىلىمەن» دېدى. 

ئەمەلىيەتتە بېنىز بىلەن Nvidiaنىڭ ھەمكارلىشى ئۈچ يىل بۇرۇنلا باشلانغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى تەرەپنىڭ يادرولۇق كوللېكىتىپىمۇ ئۆزئارا بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، تەتقىقاتقا قولايلىق ياراتقان. ئەمما بۇنى Nvidia بىلەن ئاۋدىنىڭ 10 يىللىق ھەمكارلىقىغا سېلىشتۇرغاندا تېخى پىشىپ يېتىلمىدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号