• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    تازىلىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە پاكىزلىقنىڭ پەزىلىتى

    مەنبە : nur.cnتەھرىر : گىلاس ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-09 13:57

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش


     

    تازىلىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە پاكىزلىقنىڭ پەزىلىتى

     

    مەرزىيە تۇرسۇن

     

    ئەي نەشپۈت چېچىكىنى ئەسلەتكۈچى ناتىۋان قىزىم! پاك، ئىپپەتلىك ۋە غۇرۇرلۇق قىز بولۇپ يېتىلىش قىزلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن پەخىرلىنەرلىك ئىش، شۇنداقلا قولى ئەپچىل، ئائىلە تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان پاكىز قىز بولۇشمۇ قىزلار پەخىرلىنىدىغان ئېسىل خىسلەتتۇر. پاك، ياخشى خۇلقلۇق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇپ، تازىلىققا، يۈرۈش-تۇرۇشقا دىققەت قىلمىساڭ، ھەرقانچە ئەخلاقلىق بولغىنىڭدىمۇ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئۇنداق كۆرۈنمەيسەن، سېنىڭ گۈزەل ئەخلاقىڭنى تازىلىققا ۋە يۈرۈش-تۇرۇشقا دىققەت قىلمايدىغان كەمچىلىكىڭ شۇنچىلىك خىرەلەشتۈرۈۋېتىدۇكى، بۇنى سەن دەماللىقتا تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتەلمەيسەن. خەلقىمىز تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان قىزلارنى كۆرسە «ئەجەپ پاكىز، رەتلىك قىز ئىكەن» دەپ تامىقىنى چاكىلدىتىدۇ، يەنە يىگىتلەرمۇ مۇشۇنداق پاكىز يۈرىدىغان قىزلارنى ئالدى بىلەن ياقتۇرىدۇ. چۈنكى قىزىم، پاكىزلىق ئادەمنىڭ لىباسىدۇر، ئۇ بىر قاراشتىلا ئادەمنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ تۇرىدۇ ۋە باشقىلارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىرنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر سەن بىرەر يىگىتكە ئۈستى-بېشىڭ رەتسىز، قالايمىقان تەسىر بەرگەن بولساڭ، كېيىن سەن ھەرقانچە رەتلىك كىيىنىۋالغان تەقدىردىمۇ شۇ تۇنجى تەسىر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيدۇ، ساڭا بولغان كۆز قارىشى شۇ تۇنجى تەسىرنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا سېنىڭ تازىلىققا ھەرۋاقىت ئەھمىيەت بېرىپ تۇرۇشۇڭنى، ئۈستۈڭدىن خۇشبۇيلارنىڭ تارىلىپ تۇرۇشىنى، پاكىزلىق، پاكلىقنىڭ ئەڭ ئېسىل نەمۇنىسىنىڭ سېنىڭ تۇرقۇڭغا مۇجەسسەملەنگەن بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، قىزىم!

    سېنىڭدىكى پاكىزلىق ئادىتى يېتىلگەن بولسا، ئۈستى-بېشىڭنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، ئۆي تازىلىقىغىمۇ، ھويلا-ئارام تازىلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئۆزۈڭ قەدەم باسقان ھەرقانداق بىر جايدىن پاكىزلىق چىقىپ تۇرىدىغان ھالغا كېلىدۇ.

    ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىزنىڭ بىرقانچە ساۋاقدىشىمىز ئۆزلىرىنى توزدەك ياساشقا، قېتىپ يۈرۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ياتاق ئىچىنىڭ تازىلىقى بىلەن كارى بولمايتتى. ھەتتا تاماق قاچىلىرىنىمۇ پاكىز يۇمايتتى، ئۆزىنىڭ «كىچىك ئۆيى» ھېسابلانغان كارىۋىتىمۇ شۇنداق قالايمىقان ئىدىكى، ھېچكىم بۇ كارىۋاتلارنى شۇ توزدەك ياسىنىۋېلىشقان قىزلارنىڭكى دېسە ئىشەنمەيتتى. ئەمما بۇ كارىۋاتلار شۇلارنىڭ ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ياتاق دېگەن ئومۇمنىڭ، ئۇنىڭ تازىلىقى قانداق بولسا بولىۋەرسۇن، ياتاقنىمۇ بىركىم كۆرۈپ يۈرمەيدۇ، پەقەت باشقىلارنىڭ، يىگىتلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىدىغىنى ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ھۆسنى ئىكەن. شۇڭا ئۇلار ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ كارى بولماي يۈرۈۋېرەتتى. ياتىقىمىزدا يەنە بىر قىز بار ئىدى، ئائىلىسى نامراتراق بولسىمۇ ئۈستى-بېشىنى پاكىز تۇتاتتى، ئاددىي ئەمما يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيەتتى، ياتاق ئىچىنىڭ، كارىۋىتىنىڭ رەتلىك، پاكىز بولۇشى ئۇنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى بولاتتى. ياتاق قالايمىقان بولسا، تازىلىقى ناچار بولسا ئۇ ھەرقانچە ئالدىراش ئىشى بولسىمۇ تاشلاپ قويۇپ، سۈپۈرۈپ، سۈرتۈپ چىنىدەك پاكىز قىلىۋېتەتتى. ھېلىقى توزدەك ياسىنىدىغان ئىككى قىز ھەتتا بەزىدە تاماق قاچىلىرىنىمۇ يۇماي شۇ پېتى تاشلاپ قوياتتى، بۇ قىز بولسا ئۇلارنىمۇ پاكىز يۇيۇپ رەتلىك قويۇپ قوياتتى.

    تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ بۇنداق ئىككى خىل ئۆلچىمى مېنى ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ خېلى سەگىتكەنىدى. مەن شۇ چاغدىن باشلاپ قىزلارغا زۆرۈر بولغىنى شەخسىي تازىلىقلا بولۇپ قالماي، مۇھىمى مۇھىت تازىلىقى ئىكەنلىكىنى، قىزلارنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم. ئۆتكەندە يولدىشىمنىڭ بىر ياتاقتا يېتىپ خىزمەت قىلىدىغان بىر ئاغىنىسى ئۆيگە كەلدى. ئۇ گەپ ئارىلىقىدا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى: خىزمەتداشلاردىن بەش-ئالتىسى بىر قەۋەتتە بىرگە تۇرىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقىلىرى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن، نەزىرى ئۈستۈن، قېتىپ يۈرىدىغان قىزلار ئىكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرلا قىز تازىلىق قىلىدىكەن، ياتاقنى، كارىدورلارنى، شۇ قەۋەتتىكى ھاجەتخانىنى شۇ قىز تازىلايدىكەن، ئەخلەتلەرنى تۆكىدىكەن. لېكىن يېقىندا بۇ قىز توي قىلىش ئالدىراشلىقى بىلەن تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قەۋەتتە مەينەتچىلىك باشلىنىپتۇ، بۇ قىزلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرگىنى بىلەن مۇھىت تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن. كارىدورلار ھەر خىل ئەخلەتلەر بىلەن تولۇپتۇ، ئۇلارغا قاراشلىق ھاجەتخانا قەغەزلەر بىلەن توشۇپتۇ، كارىدورنى، ئۇلار تۇرغان بىر قەۋەتنى سېسىقچىلىق، مەينەتچىلىك قاپلاپ كېتىپتۇ. قىزلارنىڭ كارىدورنى، ھاجەتخانىنى تازىلىمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن يولدىشىمنىڭ ئاغىنىسى غودۇڭشۇپ يۈرۈپ ئۆزى قول سېلىپ قۇربىنىڭ يېتىشىچە تازىلاپتۇ. شۇ ئارىدا ئۇ بىر ھەپتىلىك سىرتقا خىزمەتكە چىقىپ كېتىپتۇ. قايتىپ كەلسە يەنە شۇ مەينەتچىلىك بېسىپ كەتكەن. ئۇ نېمە بولسا بولمامدۇ، دەپ كارى بولماپتۇ. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىزلا كارىدورلار چىنىدەك پاكىز تازىلىنىپ سۈرتۈلۈپتۇ، ھاجەتخانىلاردا ئەخلەت تۇرماق مەينەتچىلىكمۇ يوقاپتۇ، ھەممە يەرنى ئەتىر پۇرىقى قاپلاپ كېتىپتۇ. يولدىشىمنىڭ ئاغىنىسى ھەيران بولۇپ «بۇ قىزلارنىڭ كۆڭلىگىمۇ خۇدايىم ئىنساپ بەرگەن ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ. كىم بىلسۇن، ئەتىسى بۇ ئىشنى باشقا قىزلار ئەمەس، دەل ھېلىقى توي قىلىپ كەتكەن قولى چىۋەر قىز ئىلگىرىكى ياتاقداشلىرىنىڭ يېنىغا چۈشلۈكى ئارام ئالغىلى كىرسە ئەھۋال ھېلىقىدەك تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئاراممۇ ئالماي تازىلىۋەتكەنىكەن. مەن بۇنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتىن ياقامنى تۇتۇپلا قالغانىدىم. بۇ ئىككى ئىشنى كۆرمىگەن، ئاڭلىمىغان بولسام، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بەرگەن قىز مۇھىت تازىلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغۇ، دەپ يۈرىۋېرىدىكەنمەن. ئەمما بۇ ئىككى ئىشنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەرگىز بۇنداق ئويلىمايدىغان بولدۇم.     

    ئەي روھى پاك قىزىم! شۇنى ئېسىڭدە تۇتقىنكى، ئۇيغۇر قىزلىرى كىچىك چېغىدىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ دەۋىتى بىلەن شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ. تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، ئۈستىۋېشى رەتسىز، بولۇمسىز قىزلارنى ئادەتتە كىشىلەر، بولۇپمۇ يىگىتلەر كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدۇ. قىزلارغا باھا بەرگەندىمۇ «پالانچىنىڭ قىزى شۇنداق پاكىز، رەتلىك قىز ئىكەن» دەيدۇ ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە گەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن خەلقىمىزدە قىزلارنىڭ شەخسىي تازىلىق ئېلىپ  بېرىشقا دائىر بىر يۈرۈش مىللىي، ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

    ئەي قىزىم! قول، يۈز، كىيىم-كېچەك، كىتاب ۋە باشقا تۈرلۈك نەرسىلەرنى كىرسىز، چاڭسىز تۇتۇش پاكىزلىق، پاكلىق بولىدۇ. بۇ نەرسىلىرى كىر قىزلاردىن كىشىلەر يىرگىنىدۇ. ئادەملەر پاكىز بولغان ۋە پاك يۈرگەنلەردىن سۆيۈنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پاكىزلىق ۋە پاكلىققا كىچىكىڭدىن باشلاپ ئۆگىنىشىڭ ۋە ئادەتلىنىشىڭ لازىم.

    پاكىزلىق ۋە پاكلىق ئەڭ ماختاشقا لايىق سۈپەت ئىكەنلىكى ھەممىگە ئېنىق. ئەڭ يىرگىنىشلىك، ئىپلاس ئادەملەرمۇ پاكىزلىق ۋە پاكلىقنى سۆيىدۇ، ئىپلاس، نىجىس كىشىلەردىن يىرگىنىدۇ. مەينەت، ئىپلاس قىزلارنىڭ گۈزەللىكىمۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ مەينەت ئادەملەردىن كىشىلەر نەپرەتلىنىدۇ، ئۇلار بىلەن يېقىن يۈرۈشنىمۇ ياقتۇرمايدۇ.

    ئەي بويىدىن  مۇشك-ئەنبەر پۇرايدىغان قىزىم! خەلقىمىز ئەزەلدىن شارائىتىنىڭ قانچىلىك ناچار ۋە قىيىنلىقىدىن قەتئىينەزەر، قىزلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپ شەخسىي تازىلىققا، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان قىلىپ تەربىيىلەشتە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن، بۇ ئىرادىسىدىن بىر كۈنمۇ چېكىنىپ باققان ئەمەس. ھېچكىم ئۆز قىزىنىڭ تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، رەتسىز، ئۆي تۇتۇشى قالايمىقان بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدۇ، بۇنداق قىزلارنىڭمۇ كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى، خىلى خىلىغا كېلىپ ئۆزىگە ئوخشاش بىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرغان تەقدىردىمۇ قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ، ئارىلاشقان كىشىلىرىنىڭ ئۇلارنى نېمە دەپ ئاتايدىغانلىقى، قانداق كۆزقاراشتا بولىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.

    ئەي قىزىم، پاكىزلىق خۇددى ئالتۇن زەرلىرىنى ئايىماي زېمىنغا چېچىۋاتقان كۈنگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ تەپتىدىن جان-جانىۋارلار ئوزۇق ئېلىپ، مىسلىسىز گۈللىنىپ كېتىدۇ. كىشىلەرنىڭ كۆڭلىمۇ يورۇق، پۈتكۈل ئالەممۇ يورۇقلۇققا چۆمىدۇ، كۆپكۆك تىنىق ئاسمان، كۈننىڭ تەپتىدىن تاۋلىنىپ تۇرغان دالىلار، تاغلار، ئورمانلار كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ؛ مەينەتلىك بولسا يۈزىنى بۇلۇتلار توسۇۋالغان ياكى چاڭ-توزان قاپلىغان، كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان جۇتلۇق كۈنگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ تەسىرىدىن كۆڭۈللەر پەرىشان ۋە سەرسان بولىدۇ. ئەي قىزىم، كۈن دېگەن ئەسلى تەبىئىتىدىن يورۇق، نۇرلۇق نەرسە، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ تۇتۇق بولۇپ قېلىشى تولىمۇ كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ئىش. شۇنىڭغا ئوخشاشلا قىز بالىمۇ ئەسلى تەبىئىتىدىن كىشىگە يۇمرانلىق، نازۇكلۇق، مېھرىبانلىق يەتكۈزىدىغان پاكىز ئىنساندۇر، ئۇنىڭ مەينەت، تازىلىققا ۋە يۈرۈش-تۇرۇشقا دىققەت قىلمايدىغانلىرىمۇ ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. ئەي قىزىم! سەن ھەرگىز ئاشۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى مەينەت قىزلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ قالمىغىن، ئۆزۈڭنىڭ نازاكىتى، پاكلىقى، گۈزەل ئەخلاقىنى پاكىزلىقىڭ ئارقىلىق نامايەن قىلغىن.

    ئەي پاك قىزىم! پاكىز بولاي، كىشىلەرگە ئۆزۈمنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە گۈزەللىكى بىلەن ياخشى تەسىر قالدۇراي دېسەڭ نەسىھىتىمگە قۇلاق سال، ئېيتقانلىرىمنى جايىدا بەجا كەلتۈر ۋە بۇ ئىشلارنى دائىملىق ھەرىكىتىڭگە ئايلاندۇرغىن. ئېسىڭدە بولسۇنكى، سەن ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ياكى كىچىك تەرەت سۇندۇرغاندا بىر قېتىمدىن ئەۋرىتىڭنى ئىلمان سۇدا يۇيۇشنى ئادىتىڭگە ئايلاندۇرغايسەن. بۇ ئەمەلىيەتتە شەخسىي تازىلىقنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك شەكلى، بۇ ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرسەڭ سەن دائىم كۆڭلى خاتىرجەم، كېسەللىكلەردىن خالى ھالدا كۈن ئۆتكۈزەلەيسەن، پاكىز يۈرەلەيسەن. بۇنداق ئادەتنى يېتىلدۈرمەي ئۈستى-بېشى ھەرقانچە پاكىز، پارقىراپ يۈرگەن ھالەتتىمۇ، بويىدىن خۇش پۇراقلار چېچىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنداق قىزنى پاكىز قىز دېيىشكە تىلىمىز بارمايدۇ؛ سەن ئەمەل قىلىدىغان تازىلىق ئادەتلىرىنىڭ ئىككىنچىسى، قەرەللىك ھالدا بويۇڭنى سۇغا سېلىشتۇر. ئەي قىزىم، بويۇڭنى سۇغا سېلىشنى ئادەت قىلغايسەن، شارائىتىڭ بولسا ئىككى كۈندە بىر قېتىم، شارائىتىڭ قىيىن بولغان تەقدىردىمۇ ئۈچ كۈندە بىر قېتىم يۇيۇنۇشنى داۋام قىلغايسەن. قىزلارنىڭ بويىنى سۇغا سېلىشى ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، پاكىزلىقى يوقاشقا باشلايدۇ، تەر پۇرىقى قىزلار ئىشلەتكەن خۇش پۇراقلارغا ئارىلىشىپ بەتبۇي پۇراققا ئۆزگىرىدۇ-دە، كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدۇ. شۇڭا مۇنچىغا ۋاقتىدا چۈشۈش، بەدەننى پاكىز يۇيۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن. بەدىنىڭ پاكىز بولسا يېنىكلەپ قالىسەن، شۇنداقلا روھىي كەيپىياتىڭمۇ كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن بولىدۇ، ساڭا ھەر جەھەتتىن پايدىسى بولىدۇ؛ سەن ئەمەل قىلىدىغان تازىلىق ئادەتلىرىنىڭ ئۈچىنچىسى يۈز-قولۇڭنى دائىم پاكىز يۇيۇش ۋە پاكىز تۇتۇشتۇر. ئەتىگەندە ئورنۇڭدىن تۇرغاندا يۈز-قولۇڭنى يۇماي تۇرۇپ ناشتا قىلماسلىقىڭ، باشقا چاغلاردا بولسا قولۇڭنى يۇماي تۇرۇپ يەيدىغان نەرسىلەرنى تۇتماسلىقىڭ كېرەك. مېھمانغا بارغاندا قول يۇيۇشنى، مېھمان كۈتۈۋالغاندا مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىشنى ئۇنتۇماسلىقىڭ كېرەك. قول يۇيۇش ئادىتىگە سەن قىز بولغانلىقىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ بەكرەك ئەمەل قىلىشىڭ كېرەك. چۈنكى، قىز بالا ئانىسى تاماق ئېتىۋاتقاندا ياردەملىشىدۇ، ئىككى ئادەم تاماق شىرەسى ئالدىغا كەلگەندە ئالدى بىلەن قىز چاي قۇيىدۇ ۋە يەل-يېمىشلەرنى ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلارنىڭ قولى پاكىز بولمىسا زادى بولمايدۇ؛ يەنە بىر مۇھىم ئەدەپ شۇكى، چاچنى، قۇلاق ئىچىنى پاكىز تازىلاپ تۇرۇشمۇ قىزلارنىڭ تازىلىققا ئەمەل قىلىشىدىكى مۇھىم تەركىبتۇر؛ تۆتىنچىسى، خۇش پۇراق بۇيۇملارنى يېتەرلىك، دائىم ئىشلىتىپ تۇرۇشۇڭ كېرەك. چۈنكى قىزلار گۈزەللىك ئالىمىدۇر، ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى مەسۇملۇققا ۋۇجۇدىدىن تارىغان خۇش پۇراق قوشۇلسا، بۇ گۈزەللىك ئالىمى تېخىمۇ رەڭدارلىشىدۇ. ئەي قىزىم، مېنىڭ بۇ يەردە ئېيتىۋاتقىنىم پەقەت مۇۋاپىق گىرىم ۋە خۇش پۇراق بۇيۇملارنى ئىشلىتىشتۇر، شۇڭا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمىگىنىڭ تۈزۈك. گىرىمنى چەكتىن ئاشۇرۇپ قىلساڭ، خۇش پۇراق بۇيۇملارنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلەتسەڭ، خۇددى جانلىق قونچاققا ئوخشاپ قالىسەن، يەنە باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە ئۆزۈڭگە نىسبەتەن يامان گۇمان پەيدا قىلىپ قويىسەن. بۇنداق بولۇشىدىن خۇدايىم ساقلىغاي! شۇڭا كىشىلەرگە تەبىئىي، مەسۇم، ئەخلاقلىق ھالەتتە تەسىر بېرىشىڭنى تەكىتلەيمەن. گۈزەل تەبىئەت تەبىئىيلىكى بىلەن گۈزەلدۇر، سەنمۇ تەبىئىيلىكىڭ بىلەن، ئۆزۈڭدە يېتىشتۈرگەن تەبىئىي گۈزەل خۇلقۇڭ، ئەدەپ-ئەخلاقىڭ ۋە ياخشى پەزىلىتىڭ بىلەن گۈزەلسەن، خۇش پۇراقسەن. مۇشۇ خۇش پۇراقلىقىڭنى تاكى ئۆلگۈچە ساقلىغايسەن قىزىم.

    ئەي بىغۇبار قىزىم! قىزلارغا نىسبەتەن ياخشى تازىلىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە پاكىزلىق ئەنە شۇنداق مۇھىم، پاكىزلىقتىن ئايرىلغان قىزنىڭ ھېچقانچە جەلپ قىلىش كۈچى بولمايدۇ، پاكىزلىق خۇددى ئاجايىپ بىر گۈلدۇركى، گۈزەل ئەخلاق ۋە يۇمرانلىق بىلەن قوشۇلۇپ بىر باغۇ بوستانلىقنى تەشكىل قىلالايدۇ. پاكىزلىق ئۈستىۋېشى پاكىز بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا ياكى ۋاقىتلىق بولۇپ قالسا يەنە بولمايدۇ، پاكىزلىق دائىملىقلىققا ۋە داۋاملىقلىققا ئىگە بولۇشى شەرت، سەن ھەپتىنىڭ ئالتە كۈنىدە پاكىز يۈرۈپ، بىر كۈن پاسكىنا يۈرسەڭ، سېنى ھېچكىم پاكىز قىز دېمەيدۇ. خەلقىمىز پاكىزلىقنى نوقۇل ۋۇجۇد پاكىزلىقى دەپلا قارىمىغان، ئۇ يەنە ئىچكى پاكىزلىق، يەنى قەلب پاكىزلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. قەلب خىيانەت، يامان نىيەت، رەزىللىكلەر بىلەن تولغان بولسا، بۇ كىشىنىڭ تاشقى قىياپىتى ھەرقانچە پاكىز بولغان ھالەتتىمۇ ئۇنى پاكىز كىشى دەپ ئاتاشقا لايىق كەلمەيدۇ. دانالار پاكىزلىقنى بارلىق ھارام نەرسىلەر ۋە ناشايان ئىشلاردىن پەرھىز قىلماق، دەپ چۈشەندۈرگەن. ھەقىقىي مەنىدىكى پاكىزلىق ۋۇجۇد پاكىزلىقى ۋە قەلب پاكىزلىقىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان پاكىزلىقتۇر، مۇشۇنداق قىزلارلا ھەقىقىي پاكىز قىزلاردۇر.   ئەي قىزىم، ۋۇجۇد پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، قەلب پاكىزلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بىلەن قارىغايسەن ۋە ھەقىقىي پاكىز قىز بولۇش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى تىرىشقايسەن.

     

    مەنبەسى:

    يېقىندا تولۇقلاپ نەشىر قىلىنغان «پەزىلەت غۇنچىلىرىغا سۆز» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.




    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号