• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    پەرىشتە سۈپەت ئەيدىز پىدائىسى-پەزىلەت

    مەنبە : www.uy.xjaids.comتەھرىر : يارپ ئىنكاس : 22يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-09 14:41

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    پەرىشتە سۈپەت ئەيدىز پىدائىسى-پەزىلەت

     

    -بۇلار ئەرلىرىنىڭ يولدىن چىقىپ ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبلىك يۇقۇملىنىپ قالغاچقا نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ئاياللار بولۇپ، ئەيدىزدىن قورقۇپ كېتىۋاتقان، ئەرلىرىگە نەپرەتلىنىۋاتقان، ئاچچىقىدا ئاجرىشىپ كېتەي دېسىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ بولغاندىن كېيىن ئەمدى كىم بىلەن توي قىلىمەن، بۇ ھالىمدا مېنى كىم ئالىدۇ، ئاجراشسام بالىلىرىمنى قانداق قىلىمەن، ئۆي تۇتىۋېرەي دېسەم مېنىڭ ھەم نىكاھىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماي يولدىن چىققان ئاياللار بىلەن يالىشىپ يۈرۈپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ مېنىمۇ يۇقۇملاندۇرۇپ قويغانلىقىغا قاتتىق ئاچچىقىم كېلىدۇ، يۈرۈكۈم چىدىمايدۇ، بۇنداق نىكاھتا قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدىغان، بالا تېپىپ قۇيۇپ خوتۇنىغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ ئائىلىسىگە مەسئۇل بولمايدىغان ئەر بىلەن قانداق ئۆي تۇتقىلى بولىدۇ...

    بىر قىسىم ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئاياللار ئاتايىتەن پەزىلەت خانىمنى ئىزدەپ كېلىپ دەردىنى تۆكۈشۈپ ئۆزلىرىنى تۇتىۋالالماي يامغۇردەك تۆكۈلۈپ يىغلاپ كېتىشىدۇ، ئەنە شۇنداق ئۆزىنىڭ سۇئالىغا ئۆزلىرى سوئال بىلەن جاۋاپ بىرىشىپ قايناپ كېتىشىدۇ. 

    ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان دەرتمەن ئاياللار، ئائىلىسى-بالىسى-ئەيدىز ئالدىدا ئارىدا قالغان ئاياللار، ئۆز جىسمىغا ئورۇنلاشقان ئەيدىز ۋىرۇسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى دەماللىققا بىلمەيۋاتقان ئاياللار، ئېرىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئاجرىشىپ كېتىمەن دېسە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىڭنى باشقىلارغا ئاشكارىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ئاياللار، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغاچقا توي قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە ئوخشاش يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدىن مۇۋاپىق ھەمراھ تېپىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراپ تەنھا ئۆتىۋاتقان ئاياللار، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئۆيى بۇزۇلۇپ ئائىلىسى تۇرۇپ يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارىلىنىپ كېتىپ نەچچە يىللارنىڭ بېرىسىدىن تۇل ئۆتىۋاتقان ئاياللار، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن تۇرمۇشتا چىقىش يولى تاپالماي، ئۈمىدسىزلىنىپ ئىش-ئەمگەكتىن ۋاز كېچىپ يولدىن چىقىپ كېتىپ ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاياللار...  

    ئېچىنىشلىق بولىۋاتقىنى، بىر قىسىم ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلدار بولغىنىنى يوشۇرۇپ، قېچىپ يۈرۈپ، تەكشۈرۈشكە ماسلاشماي، دۆلەت ھەقسىز تەمىنلەپ بىرىۋاتقان بىخەتەر ھالەتتىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋىرۇسقا قارشى دورا يىيىشنى خالىماي تۇغما ئەيدىز بالىنى تۇغۇپ قۇيىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنىڭ ھەم ھامىلىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى قەرەللىك تەكشۈرتۈشنى  تەلەپ قىلسىمۇ، ھەر خىل سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ ۋاقتىدا تەكشۈرتمەي، ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىدىن خەۋەرسىز ھالەتتە تۇغما ئەيدىز بالىلارنى تۇغۇپ قۇيۇۋاتقانلارمۇ كىلىپ چىقىپ قېلىۋاتىدۇ...

      پەزىلەت خانىم ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ھېقىقداپ يىغلاپ كەتتى، كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياشلاپ قۇيۇلۇپ كەتتى، مېنىڭمۇ كۆزۈمدىن ياش قۇيۇلاي دەپ قالدى، ئاستا يانغا قارىۋالدىم. ئۇنىڭ يۈرۈكى كۈيىۋاتىدۇ، قەلبى ئۆرتۈنۈپ ئىچى ئاچچىق بولىۋاتىدۇ، دۇنياۋى يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىز ئالدىدا بۇنداق ئويناشقاندەك مۇئامىلە قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرى، يۇرتداشلىرى ئۈچۈن كۆڭلى بىئارام بولىۋاتىدۇ، ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ چىدىمايۋاتىدۇ، يىغا ئادەتتىكى ئىشقا پەيدا بولمايدۇ، يىغا مۇھەببەتسىز ئادەملەرنىڭ كۆزىدىن تۈكۈلمەيدۇ. يىغا نەپرەتتىن ئەمەس ياخشى كۆرۈشتىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.

    ئەيدىزگە پۇتلاشقان ئاياللار مەسىلىسى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدۇ. تېخى جەمئىيەتتە ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغان ئاياللارنىڭ نىكاھ-ئائىلە، سالامەتلىك، كەسىپ مۇھىتىدىكى دەرت-ئەلەملىرىنىڭ خېلى كۆپلىكى ئاز كېلىپ قالغاندەك، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ ھەر خىل بېسىملىرى خۇددى ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەكتەك ئۇلارغا تۆپە-تۆپىلەپ ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلمەكتە.

    پەزىلەت خانىم خۇددى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ كەتكەن ھالەتتە چىن ۋۇجۇدىدىن بېرىلىپ سۆزلەۋاتىدۇ.

    ھەر بىر ئائىلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات بىلىملىرى بولۇشى كېرەك دېگەن پىلانىمىز بويىچە، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى بىلەن ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى كىرگۈزۈلگەن كالىندارنى ھەر بىر ئائىلىگە تارقاتتۇق. ھەر قايسى كەنتلەردىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئورۇندىكى تاملارغا ئەيدىز كېسىلى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى توغرىسىدىكى ساۋاتلارنى چوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىپ چىقتۇق. تاكسى ۋە كوچا ئاپتوبۇسلىرىغىمۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. ئىدارە-مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ خىزمەتچىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا  قەرەللىك ھالدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى لېكسىيەسىنى سۆزلەپ كېلىۋاتىمىز، رادىيۇ ئىستانسىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسىدا نەق مەيدان سۆھبىتىنى بىۋاستە تارقىتىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. پىدائىلار ئەترىتىمىز ھەر ھەپتىدە ھەپتىلىك بازار بولىدىغان يېزا-بازارلارغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ئاۋازلىق ھالەتتىكى كاناي ئورنۇتۇلغان ماشىنىنى ھەيدەپ بېرىپ ئاۋازلىق تەشۋىقات ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ماتىرىياللىرىنى تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

    شۇنداقتىمۇ، ھەممە كىشىلەرگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى يەتكۈزۈشكە بىز يىتىشىپ بولالمىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمىز. شۇڭا، ئىتتىپاق كومىتېتى، سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى، مائارىپ ئىدارىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەت قاتارلىق ئىدارە-ئورگانلارمۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىقاتىنى ئۆز ساھەسى بويىچە تېخىمۇ كۈچەيتسە، تەشۋىقات-لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ بەرسە بىز يۈرۈشتۈرۈپ بەرسەك دەپ ئويلايمىز. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما بىزنىڭ خىزمەت شىتاتلىرىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس. ھەر قاتلام ھەرقايسى ساھەلەردە مەخسۇس ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتنى قىلىدىغان خىزمەتچىلەر بولسا بەك ياخشى بولاتتى. چۈنكى، ئەيدىزدەك يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن. دۆلەتمۇ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ھەقسىز  تەمىنلەپ يىلدا ناھايىتى نۇرغۇن پۇل چىقىم قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى يىگىلى ئۇنىمايدىغان بىر قىسىم ئۆز كېسىلىنى چۈشۈنىشنى خالىمايدىغان بىمارلار بار. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىگىلى ھەم ۋىرۇسقا قارشى دورا يېيىشىنى تەشەببۇس قىلىپ بەزى بىمارلارنى ئىزدىسەك، بىر يەرلىرىم ئاغرىمىسا، يېتىپ قالماي ئۆرە مېڭىپ يۈرسەم، ئۇنتۇلۇپ قالغان كېسەلنى ئېسىمگە سېلىپ نېمە قىلىسىلەر دەپ خاپىلاپ كېتىشىدۇ... 

     

    پەزىلەت خانىم ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالەتتە بىرىلىپ سۆزلەۋاتىدۇ. سۆزلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن خۇددى ئىلگىرىتىن ئويلاپ قويغاندەك مارجاندەك تىزىلىپ چىقىۋاتىدۇ. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن ئادەم مانا مۇشۇنداق پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن بولىدۇ.

    مانا بۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق پەزىلەت ئىگىسى خوتەن شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونتۇرۇل قىلىش مەركىزى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ھەم خوتەن شەھەرلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى پەزىلەت ئابدۇمىجىتدۇر.

      ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئىچىدىن قايناپ تۇرۇپ ئىشلەيدىغان كىشىلەر بىلەن كۈچىيىشكە باشلايدۇ. مانا مۇشۇنداق كىشىلەر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق يۈرۈشتۈرەلەيدۇ.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号