• بۈگۈندۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟

    مەنبە : 99.com.cnتەھرىر : نۇسرەتگۈل ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-09 16:30

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى ئەيدىز بىمارلىرىدا ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش يوللىرى كۆپ، ھۇجۇم قىلىدىغان بەدەن ئەزالىرى ھەرخىل بولغاندىن باشقا، يەنە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ قوزغىلىش دائىرىسمۇ ناھايىتى كەڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن كونكرېت داۋالاش لاھىيەسى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

    ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش توغرىلىق سۆز بولغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ دورىلار مەخسۇس ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ياسالغان بولغانلىقتىن، ئۈنۈمى مېۋە-چىۋە ۋە باشقا يېمەكلىكلەردىن يۇقىرى بولىدۇ.

    ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالاش مەقسەت قىلىنىدۇ. بىراق، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغاچقا، باشقا ساغلام ھۈجەيرىلەردىنمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۇ خىل ئوپېراتسىيەنىڭ چىقىمىمۇ ئادەتتىكى ئوپېراتسىيەلەردىن قىممەترەك بولىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيدىز كېسىلىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق داۋالىتىدىغانلار سانى بىرقەدەر ئاز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بۇ خىل كېسەلدىن ئۈزۈل-كېسەل قۇتۇلغانلار تېخى بايقالمىدى. ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق پەقەت ئەڭ بىخەتەر دائىرىدىلا ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. بۇ ئۈنۈمگە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق يەتكىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ئەيدىز كېسىلىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىغاندا بىمارنىڭ ئۆمرىنى 30 يىلدىن كۆپرەك ئۇزارتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى زامان تېخنىكىسى ۋە داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىشقا بولغان ئۈمىدىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. ئىشىنىمىزكى، يېقىن كەلگۈسىدە ئىنسانلار چوقۇم ئەيدىز كېسىلىنى بويسۇندۇرالايدۇ.

    قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ؟

    ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم تېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، نورمال تېمپىراتۇرىدا ئاز بولغاندا بىر نەچچە سائەت، كۆپ بولغاندا بىر  نەچچە كۈنلا ياشىيالايدۇ. 56 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تېمپىراتۇرىدا 30 مىنۇت ئىچىدىلا ئۆلىدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇدا قاينىتىش ياكى دۈملەش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى يوق قىلىۋەتكىلى بولىدۇ. %25 لىك ئېتىل ئالكوگول، %0.2 لىك ناترىي گىپوخلورىت، %2.5 لىك ئاقارتىش سۇيۇقلۇقى دېگەندەك ئادەتتىكى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا 5 مىنۇت چىلانسىلا ئەيدىز ۋىرۇسى تولۇق يوق بولىدۇ.



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号