باش بەت

نۇر فىلىم

1272يوللانما
397مەستانە

ئەيدىز كېسىلىنىڭ باسقۇچلىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-09 17:29 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ كېسەل قوزغالغىچە بىر جەريان كېتىدۇ. كلىنكىدا بۇ جەريان 4 باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بۇلار: جىددىي يۇقۇملىنىش باسقۇچى، يوشۇرۇن باسقۇچ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ۋە تىپىك ئەيدىس كېسىلى باسقۇچى.
1. جىددىي يۇقۇملىنىش باسقۇچى: كېسەل ئالامىتى يېنىك بولغاچقا، كۆپ قىسىم كىشلەر سەل قارايدۇ. يۇقۇملىنىپ 2-6 ھەپتىدىن كېيىن قان تەكشۈرتۈشتە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى مۇسبەت ئىپادىلىنىدۇ. كېيىن ئۇزۇن مەزگىلگىچە ساغلاملىققا تەسىر يەتمەيدىغان، ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈنمەيدىغان يوشۇرۇن باسقۇچقا ئۆتىدۇ، ئەمما يەنىلا يۇقۇشچانلىققا ئىگە بولىدۇ.
2.يوشۇرۇن باسقۇچ: يۇقۇملانغۇچىدا كىلىنكىلىق كېسەل ئالامىتى كۆرۈلمىسىمۇ، ئەمما بۇ بىخەتەر باسقۇچ ئەمەس. كېسەللىك ۋىرۇسى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىشى كۈچىيىپ بارىدۇ. يوشۇرۇن باسقۇچ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ كلىنكىلىق كېسەل ئالامىتى كۆرۈلگىچە بولغنا ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ باسقۇچ 10-2 يىلغىچە ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئەيدىز كېسىلىنى بايقاش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا زور قېيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا.
3.ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى: يوشۇرۇن باسقۇچتىن كېيىن بەدەندە ئەيدىز كېسىلى ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ ۋە تېز تەرەققىي قىلىدۇ. بىماردا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىپادىلىنىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلايدۇ، كېسەل ئەھۋالى سەل يېنىك بولىدۇ.
4. تىپىك ئەيدىز كېسىلى باسقۇچى: بەزىلەر بۇ باسقۇچنى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش باسقۇچى دەپ ئاتايدۇ. بۇ باسقۇچتا 3 ئاساسىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلىنىدۇ. ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئېغىرلىشىپ، ھەر خىل جانغا زامىن بولىدىغان يۇقۇملىنىش پۇرسىتى كۆپىيىپ، بەدەندە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى پۈتۈنلەي يوقىلىپ، ھەر خىل ئېغىر كېسەللەر پەيدا بولۇپ، ئاخىرىدا ئۆلىدۇ.
مەنبەسى: ياخشى دوختۇر-يەنىلا ئۆزىڭىز (كىتاب)

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号