باش بەت

زورىگۈل

5741يوللانما
40مەستانە

رۇسىيە ھايۋاناتلار باغچىسىدا قۇش زۇكىمى تەھدىتى كۆرۈلگەنلىكتىن بارلىق قۇشلار ئۆلتۈرۈلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-09 18:58 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 9-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ۋورونېژ ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسى 8-يانۋار ئېلان قىلغان ئۇچۇردا ۋورونېژ ھايۋاناتلار باغچىسىدا قۇشلارنىڭ كەڭ-كۆلەمدە ئۆلگەنلىكى ئېيتىلغان، پەرەز قىلىنىشىچە، بۇنى تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا ئۇ يەردىكى بارلىق قۇشلارنى قىينىماي ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان.

بۇ ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلدە ۋورونېژ ھايۋاناتلار باغچىسىدا قۇشلارنىڭ ئۆلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. دەسلەپكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئۆلۈش سەۋەبى «تارقىلىشچان قۇش زۇكىمىنىڭ تېزلىكتە يامرىشىدىن يۇقۇملانغان» دەپ قىياس قىلىنغان.

ۋورونېژ تەپتىش ئورۇنلىرى قۇشلارنىڭ كەڭ-كۆلەملىك ئۆلۈشىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى. تەپتىش مەھكىمىسى بۇ باغچىدىكى بارلىق قۇشلارنى قىينىماي ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号