باش بەت

ئادىلجان

6811يوللانما
70مەستانە

گۇگول كېيىنكى ئەۋلاد ئاپتوماتىك شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى ئېلان قىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-09 18:36 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 9-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رېيتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگول 8-يانۋار Chrysler Pacifica مىكرو تىپلىق ئاپتوموبىلىدا يېڭى بىر ئەۋلاد ئاپتوماتىك شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى ئېلان قىلغان ھەمدە يېڭى تېخنىكا تېخىمۇ ئىشەنچىلىك، باھاسى تېخىمۇ مۇۋاپىق دېگەن. گۇگول قارمىقىدىكى شوپۇرسىز ئاپتوموبىل تارمىقى Waymoنىڭ باشقۇرغۇچىسى جون كرافسىك (John Krafcik) بۇ ئۇچۇرنى توردا ئېلان قىلدى. Waymo ئىزچىل تۈردە ھەمكارلاشقۇچى شېرىك ئىزدەۋاتقان بولۇپ، شىركەت ئاچقان ئاپتوماتىك شوپۇرلۇق تېخنىكىسىنى ھەقىقىي ئاپتوموبىلغا ئورناتماقچى بولغان، ئەمما ھازىرغا قەدەر بۇ تىرىشچانلىق ئانچە چوڭ نەتىجە ھاسىل قىلالمىدى، Waymo پەقەت فىئات-كىرايېسلېر گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، يېقىندا يەنە خوندا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزىدۇ. 

دېترويت ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدىكى تاراتقۇلار پائالىيىتىدە كرافسىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  Waymoنىڭ ئەڭ يېڭى ئاپتوماتىك شوپۇرلۇق قاتتىق دېتالى ۋە يۇمشاق دېتالىغا يېڭى بىر ئەۋلاد سېنزور سەپلەنگەن، مەسىلەن: ئۆزگەرتىلگەن كۆرۈش تۇيغۇسى سىستېمىسى ۋە لازىر نۇرلۇق رادار قاتارلىقلار، بۇ سىستېمىلارنىڭ ھەممىسىنى Waymo مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان. 

كرافسىكنىڭ ئېيتىشىچە، Waymo مەلۇم خىل لازىر نۇرلۇق رادار بىرىكمە دېتالىنىڭ تەننەرخىنى 7500 دوللارغا چۈشۈرگەن، چۈشۈش نىسبىتى %90كە يەتكەن. بارلىق سىرتقى لازىر نۇرلۇق رادار بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلار ئىچىدە Velodyne Lidar بىلەن Quanergy Systems بىردەك ئۆزلىرىنىڭ رازمېرى تېخىمۇ كىچىك مۇقىم لازىر نۇرلۇق رادار بىرىكمە دېتالىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاخىرقى تەننەرخىنى 200 دوللاردىن تۆۋەن سەۋىيەدە كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

بۇلتۇر 8-ئايدا Waymoنىڭ ھازىرقى شوپۇرسىز ئاپتوموبىلى ئىككى مىليون 500 مىڭ مىل مۇساپىلىق يول سىنىقىنى تاماملىدى ھەمدە ئاساسلىقى شەھەر يولىدا سىناق قىلىندى. 

كرافسىكنىڭ ئېيتىشىچە، Waymo مۇشۇ ئايدا كالفورنىيە ۋە ئارىزونا ئىشتاتىدىكى تاش يولدا تۇنجى ئەۋلاد Pacifica شوپۇرسىز ئاپتوموبىلىنى سىناق قىلىشنى پىلانلىغان، ئەمما ئۇ بۇ يۈرۈشلۈك سىستېمىنىڭ قايسى ۋاقىتتا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. فورد، ھەممىباب ۋە BMW قاتارلىق ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى ئىلگىرى بىردەك 2021-يىلىدىن بۇرۇن شوپۇرسىز ئاپتوموبىلىنى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号