• بۈگۈن سەيشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنى ئېچىلدى

    مەنبە : uy.ts.cnتەھرىر : جاھانكەزدى ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-09 18:20

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى

     نۇرلان ئەبىلمەجىن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

    بەي جىجيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ليۇ جىيۇڭ تەكلىپ خىزمىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى

    نۇرلان ئەبىلمەجىن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى


    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 

    مۇبارەك ئىسمائىل، مۇساجان مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنى 1–ئاينىڭ 8–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئېچىلدى. تۆت يېرىم كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىندا، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

    شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ يىغىن زالىدا كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن ئىدى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان سىياسىي كېڭەش گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېسىلغان، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق سىياسىي كېڭەش گېربىنىڭ ئىككى تەرىپىگە رەتلىك تىزىلغانىدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، پېڭ يۇڭ، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۇي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى، غانىبات سابۇكەي قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 5–يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 479 بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا 442 ئەزا قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

    ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:30 دا، بەي جىجيې يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى جاراڭلىق ئوقۇدى.

    يىغىندا، ئاۋۋال يىغىن كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

    يىغىندا، نۇرلان ئەبىلمەجىن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2016–يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىشكە ماھىر بولۇش›› تەلىپىگە ئاساسەن، خەلق سىياسىي كېڭىشى تەركىبىدىكى پارتىيە–گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، خىزمەتلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇجەسسەملەپ، كۈچ قوشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىجابىي تۆھپە قوشتى.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: 2017–يىلى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، شۇنداقلا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ‹‹13–بەش يىل››لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم بىر يىل. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە، باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ۋە كۈچ توپلاشتا، باش نىشان ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىناق–مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپى بويىچە، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ساھەسى، دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي چەكلەشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىقتىسادنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپى بويىچە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتكوم، ھۆكۈمەت تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىدىغان مەزمۇنى، سالمىقى، قىممىتى بار بىر تۈركۈم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش–ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى ۋە دېموكراتىيە–قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەلىپى بويىچە، سىياسىي كېڭەشنىڭ يوللىرى راۋان، ئىتتىپاقلىشىش دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلىم – پەننى ھۆرمەت قىلىدىغان، ساغلام ئىلگىرىلەيدىغان، زامانىۋى مەدەنىي ئىجتىمائىي كەيپىيات يېتىلدۈرۈشكە كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش تەلىپى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەملىشىشىمىز كېرەك.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك رولى، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتىلىق رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش خادىملىرى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە بۇرچىنى ئېنىق تونۇپ، ئورنىنى توغرا تېپىپ، ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئەزالىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، راست گەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەقىل–پاراسىتى ۋە كۈچ–قۇدرىتىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك.

    ليۇ جىيۇڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

    خۇا شىفېي، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن، چۆجۈپ، تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت، چيەن جى، مۇتەللىپ قاسىم، جەرۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سېيىتقامزە، ماۋكىن سېيىتقامزە، ۋاڭ ۋىي، سەمەت مەمەت، ۋاڭ جىلياڭ، يەن فېنشىن، گو ليەنشەن، مۇتەللىپ ئوبۇل، نىشان ئىبراھىم، گۈەن يەنمى قاتارلىقلارمۇ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

    مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم مەسلىھەتچىلىرى، مەدەنىيەت–تارىخ يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، بىر قىسىم ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولمىغان پارتگۇرۇپپا شۇجىلىرى ۋە رەئىسلىرى، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىلىرى ۋە مۇدىرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)لىق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈملىرىنىڭ باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىرى ۋە پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈملىرىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


    مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-01/09/content_577648.htm?lang=uy



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号