• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    بىر قاپ تاماكا، بىر ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قويمىسۇن

    مەنبە : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تەشۋىقات مەركىزى ماتىريالغا تەييارلىدىتەھرىر : بوغدا دوختۇرخانىسى ئىنكاس : 20يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-09 18:34

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

     

    ھەركۈنى 20تالدىن ئارتۇق تاماكا چەكمىگەن ئەرلەرنىڭ قەتئىي تاماكا چەكمەيدىغان ئەرلەرگە نىسبەتەن جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %24 يۇقىرى بولىدىكەن، ھەركۈنى 20 تالدىن ئارتۇق تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يەنە قەتئىي تاماكا چەكمەيدىغان ئەرلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا %39 يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ ئاۋىستىرالىيەلىك ئالىمنىڭ 8367 نەپەر ئەر كىشلەرگە قارىتا يېزىقچە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكىلاتىنىڭ نەتىجىسى. تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلار جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن بولۇپ، يېشى 16ياشتىن تارتىپ 59ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، %10ئەرلەر ئاللىبۇرۇن جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولغانلار ئىكەنلىكى بايقالغان.

      شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: تاماكىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى نىكوتىن بولۇپ، نىكوتىن نېرۋا سېستىمىسىنى كۈچلۈك غىدىقلاش رولىغا ئىگە بولغاچقا، ئاسانلا خۇمار قىلىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككەندە نېرۋا سېستىمىسىنىڭ غىدىقلىنىشى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، ھەددىدىن زىيادە بۇ خىل ھاياجاننىڭ تەسىرىدە ۋاستىلىك ھەم بىۋاستە ھالدە ئاساسىي نېرۋا ۋە قايىم بولۇش ئاساسىي نېرۋىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بۇ خىل ھاياجان تۆۋەنلەشتىن جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. "گەرچە بەزەنلەرنىڭ قارىشىدا تاماكىنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن قان-تومۇرلانى كېڭەيتىش رولىغا ئىگە بولسىمۇ، قىسقا ۋاقىتتا زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى ئىقتىدارىنى كۈچلەندۈرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككەنلەرگە نىسبەتەن قان تومۇرلىرىغا زىيانلىق رولى بار بولۇپ، ئاقىۋەت يەنىلا جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشىشچانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تاماكا چەككۈچىلەردە قاننىڭ يېپىشچانلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جىنسىي ئەزانىڭ قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىدا توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «شۇڭلاشقا، بىز بىمارلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىغا دىئاگنوز قويغان ۋاقتىمىزدا كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى ئويلاشقان ۋاقتىمىزدا، تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان ئادەتلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئالدىنقى قاتاردا ئويلىشىشىمىزنىڭمۇ ئاساسى شۇ يەردە».

      يالغۇز جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىغىلا ئەمەس، تاماكا چېكىش ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بولۇپ، ھازىرقى زامان ئىلىمىدە ئىسپاتلىنىشىچە، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ قان پىلازمىسىدا ھۈجەيرىلەرنىڭ غەيرى ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدىغان ۋە لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى ئوكسىگېنسىزلانغان رىبو يادرو كىسلاتاسى بىلەن بىرلەشتۈرۋېتىدىغان ماددا بولۇپ، تاماكا چەككەندە ئۇرۇقنىڭ پەيدا بولۇشى، يىتىلىشى ۋە غەيرىيلىكىگە ناھايىتى روشەن تەسىرى بولىدۇ، تاماكا چەككەن ۋاقىت قانچە ئۇزۇن بولغانسېرى، غەيرىي ئۇرۇقمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، نورمال ئۇرۇقنىڭ سانىمۇ بارغانسىرى ئازلاپ، ئۇرۇقنىڭ ھاياتىي كۈچىمۇ شۇنچە ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، شۈبھىسىزكى بۇنىڭ بىلەن پەرزەنت كۆرۈشكىمۇ تەسىرى ياخشى ئەمەس.

      بىر كۈندە بىر قاپ تاماكا چەككەندە، ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆت ئۈلۈش ئاشۇرۋېتىدۇ!!! ئەڭ يېقىنقى تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقى بىللەلا ئېلىپ يۈرۈگلۈككەن.

     شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسىسى مۇنۇ نۇقتىلارنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ: تاماكا ھەقىقەتەن ئەرلەرنىڭ ئىقتىدار ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىقتىدار ئاجىزلىقى ۋە ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەددىدىن زىيادە كۆپ ھاراق ئىچكەندىمۇ جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. 




    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号