• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    باۋجۈن 560 رىتىم نۇسخا ئاپتوموبىلى رەسمىي بازارغا سېلىندى

    مەنبە : auto.sina.com.cnتەھرىر : ئوسمانجان 123 ئىنكاس : 5يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-09 22:47

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش


    سىنا تورى 9-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

    يېقىندا شاڭخەي ئاپتوموبىلچىلىقى ھەممىباب ۋۇلىڭ باۋجۈن ئاپتوموبىل ئورگان تەرەپ باۋجۈن 560 رىتىم نۇسخىسىنىڭ رەسمىي بازارغا سېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭغا باۋجۈن 560 رىتىم (律动) نۇسخىسى دەپ نام بېرىلگەن. يېڭى ئاپتوموبىل 1.5Tلىق ۋە 1.8Lلىق ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان ھەرىكەت كۈچىدىكى ئۈچ نۇسخا ئاپتوموبىل تىپىنى تاللاشقا تەمىنلىگەن بولۇپ، سېتىلىش باھا رايونى 98 مىڭ 800 يۈەندىن 105 مىڭ 800 يۈەنگىچە. تەپسىلىي سېتىلىش باھاسىنى تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن كۆرۈڭ:

    سىرتقى كۆرۈنۈش ياسىلىش تىپى جەھەتتە باۋجۈن 560نىڭ ئالدى يۈزى ئالدى ھاۋا كىرىش سالاسونىنىڭ رازمېرى ۋە خىروم يالىتىلغان بېزەكلەرگە قارىتا سەرخىللاشتۇرۇش قىلىنغان، تۇمان چىرىغىنىڭ ياسىلىش تىپىمۇ يېڭىدىن لايىھە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىگە بولغان بولۇپ، ئالدى يۈزىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە كۆرۈش تۇيغۇ ئۈنۈمى تېخىمۇ مودا. ئۇنىڭدىن باشقا قۇيرۇق چىراغنىڭ ياسىلىش تىپمۇ باۋجۈن 560 رىتىم نۇسخىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى، پۈتۈن LED قۇيرۇق چىراغنى ھازىرقى نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ پەرىقلەندۈرۈشچانلىققا ئىگە.


    ئىچكى بېزەك جەھەتتە باۋجۈن 560 رىتىم نۇسخىسىنىڭ لايىھەسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان، مەركىزى كونترول سۇپىسىغا ياغاچ گۈللۈك تاختاي بېزەك ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ سۈپەت تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. سەپلىمە جەھەتتە ESC ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسى، ئاپتوموبىل تورمۇز ياردەمچىسى، دۆڭگە چىقىش ياردەمچىسى، EPB ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇز، ئاپتوماتىك ماشىنا توختىتىش، بالون بېسىمىنى ئۆلچەش، ئالدى ئارقا ئاپتوموبىل توختىتىش رادارى، ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇش سىنى قاتارلىقلار پۈتكۈل سىستېمىغا ئۆلچەملىك سەپلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىي تىپىغا يەنە پۈتۈن مەنزىرىلىك تورۇس، قوشۇمچە شوپۇر توكلۇق ئورۇندۇقى، ئاپتوماتىك ھاۋا تەڭشىگۈچ، يان ھاۋا پەردىسى، 360 گىرادۇسلۇق پۈتۈن مەنزىرىلىك سىن قاتارلىقلار سەپلەنگەن. ئەڭ تەقەززا قىلىدىغىنى بولسا يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە 9 كانايلىق Infinity ياڭراتقۇ كۆپەيتىلگەن. 


    ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنىلا 1.5Tلىق پىرقىرغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور ۋە 1.8Lلىق ئۆزلۈكىدىن ھاۋا سۈمۈرىدىغان ماتور سەپلەنگەن، ھەرىكەت كۈچى پارامېتىرى ھازىرقى نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپى بىلەن ئوخشاش. ھەرىكەت ئۇزىتىش جەھەتتە 1.5T لىق ماتور بىلەن ئالتە خوتلۇق قول خوتلۇق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، 1.8Lلىق ماتور بىلەن بەش خوتلۇق AMTتېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە ئەڭ يېڭى 5چاتما دەستىلىك ئارقا مۇستەقىل ئاسما جازا لايىھەسى قوللىنىلغان.  




    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号