قايسى خىل سۇلارنى ئىچىشكە بولمايدۇ
ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم
خام سۇ (تۇرۇبا سۈيى)نى ئىچىشكە بولمايدۇ. تۇرۇبا سۈيى تەركىبىدە خىلور بولغاچقا، قاينىتىلمىغان ئەھۋالدا سۇدىكى قالدۇق ئورگانىك ماددىلار بىلەن ئۆزئارا تەسىرلىشىپ، دوۋساق راكى، تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %38 ~ %21 گىچە ئېشىپ كېتىدۇ؛ سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃100قا يەتكەندە، زىيانلىق ماددىلار سۇ ھورى بىلەن پارلىنىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن زىيانلىق ماددىلارنىڭ ساغلاملىققا كەلتۈرىدىغان زىيىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. دالىدىكى خام سۇدىمۇ بەدەنگە زىيانلىق بولغان باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە پارازىت قۇرتلار بولىدۇ، بۇنداق سۇنى ئىچكەندە، ئاسانلا ئاشقازان–ئۈچەي ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، كېزىك، تولغاق كېسىلى شۇنىڭدەك پارازىت قۇرتلاردىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قايتىدىن قاينىتىلغان سۇنى ئىچىشكە بولمايدۇ. قاينىتىلغان سۇنى قايتىدىن قايناتقاندا، سۇ تەركىبىدىكى نىترىت كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ، قايتىدىن قاينىتىلغان سۇنى ئۇزاق مەزگىل ئىچكەندە راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇزاق ۋاقىت ئوچۇق قويۇلغان سۇنى ئىچىشكە بولمايدۇ. سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنى ھاۋاغا ئۇزاق ۋاقىت ئوچۇق قويۇپ قويغاندا، سۇنىڭ بىيوئاكتىپلىقى يوقىلىدۇ، ئەگەر سۇنى ئوچۇق قويۇپ قويۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، سۇدىكى ھەر خىل مىنېرال ماددىلار يوق بولۇپلا قالماي، مەلۇم دەرىجىدە زىيانلىق ماددىلار مىقدارىمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بىر كېچە تۇرۇپ قالغان سۇنىمۇ ئىچىشكە بولمايدۇ، سۇ ھاۋادا ئوچۇق ھالەتتە بىر كېچە تۇرۇپ قالغاندا، سۇدىكى باكتېرىيەنىڭ سانى كۆپىيىپ كېتىدۇ – دە، سالامەتلىككە زىيانلىق.
تۇرۇپ قالغان سۇمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دائىم تۇرۇپ قالغان سۇنى ئىچكەندە، ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئىچسە قېرىشنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ؛ دائىم ئىچكەندە قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2017-01/08/content_577501.htm?lang=uy