• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    نېمە ئۈچۈن بالىلار شېكەر يېمىسىمۇ چىشى چىرىيدۇ؟

    مەنبە : uy.ts.cnتەھرىر : جاھانكەزدى ئىنكاس : 2يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 00:02

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    نۇرغۇن ئاتا–ئانا بالىلىرىنىڭ چىشى چىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىلىرىنى شېكەر، شاكىلات ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن چەكلەيدۇ، ئەمما بالىلار يېمەكلىكلىرىدىكى باشقا ‹‹شېكەر››لەردىن مۇداپىئەلىنىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بالىلار يېمەكلىكلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سۈت پاراشوكى، تورت، پېچىنە ۋە باشقا كۆپتۈرۈلگەن يۇمشاق يېمەكلىكلەر بولۇپ، ھەممىسىلا يېپىشقاق ۋە قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، چىشقا ئاسان يېپىشىپ قالىدۇ ھەم ئېچىپ كىسلاتا ھاسىل قىلىپ چىشنى چىرىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بالىلار كۈندە مۇشۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ تۇرسا، ئېغىز تازىلىقىغا دىققەت قىلغان ھالەتتىمۇ ئېغىزدا ھېچقانداق يېمەكلىك قالدۇقى قالدۇرماسلىققا كېپىللىك قىلغىلى بولمايدۇ.

    كىشىلەر بالىلارنىڭ چىشى چىرىشى شېكەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقتىن بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولۇشى ناتايىن. چىش چىرىشنىڭ يېمەكلىك، بولۇپمۇ شېكەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇ بىردىنبىر سەۋەب بولالمايدۇ. باكتېرىيە بولغاندىلا چىش چىرىيدۇ، چىش چىرىتكۈچى باكتېرىيەلەرنىڭ چوقۇم يېمەكلىكلەردىنلا كېلىشى ناتايىن، ھەتتا چوڭلارنىڭ سۆيۈشىمۇ بالىلارنى چىش چىرىتكۈچى باكتېرىيەلەر بىلەن يۇقۇملاندۇرىدۇ، چىشى چىرىگەن كىشىلەرنىڭ بالىلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. كۆپ قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلارغا تاماق يېگۈزۈشتىن بۇرۇن پۈۋلەپ سوۋۇتىدۇ، ھەتتا چايناپ يېگۈزۈپ قويىدۇ، بۇمۇ بالىلارنىڭ چىش چىرىتكۈچى باكتېرىيەلەر بىلەن يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئېمىزگۈ ئېمىپ ئۇخلاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى بوۋاق ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئېمىزگۈ بوتۇلكىسىدىكى سۈت چىش چىرىشنى پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنىڭ يېتىلىش بازىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

    بۇلاردىن باشقا، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ مىكرو مۇھىتىمۇ چىش چىرىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بالىلارنىڭ شۆلگىيى ئاز، چىشلىرى رەتسىز، چىشىنىڭ سىرتقى يۈزلىرى ئويمان–دۆڭ بولسا باكتېرىيەلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە كۆپىيىشىگە پايدىلىق. شۇڭا ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ چىشى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى، بالىلار ئىككى ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئەتىگەن–كەچتە بىر قېتىمدىن چىش چوتكىلاشقا ئادەتلەندۈرۈش، يېمەكلىك يېگەندىن كېيىن ئېغىز چايقاشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك.

    ياسىن ئىبراھىم (ت)


    مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2017-01/08/content_577499.htm?lang=uy



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号