كۈمۈش قاچا-قۇچىلار ۋە سالامەتلىك
ھۆسناجى ئابدۇرېھىم
بىز تارىخىي ماتېرىياللارغا قارايدىغان بولساق، مەملىكىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈش ۋە مېھمانلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەشتە، يېمەكلىكلەرنى كۈمۈش قاچىلارغا سېلىپ كۈتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مىللىي ئەنئەنىسىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
بۇ بىر تەرەپتىن قىممەتلىكى جەھەتتە ئالتۇندىن كېيىنلا تۇرىدىغان كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلار ئارقىلىق مېھمانغا بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى، ھۆرمىتىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنى مېھماننىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى، دېيىشكە بولىدۇ.
ئادەتتە كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلاردا سۈت قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ساقلىغاندا ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، ھەمدە بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، يېمەكلىك كۈمۈش قاچىلارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى كۈمۈش سۇدا ئېرىيدۇ-دە، سۇدا كۈمۈش ئىئونى مەۋجۇت بولىدۇ. كۈمۈش ئىئونى باكتېرىيەلەرنى ئۈنۈملۈك ئۆلتۈرەلەيدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە، شۇڭا يېمەكلىكلەرنى كۈمۈش قاچىلاردا بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىسىمۇ بۇزۇلۇپ قالمايدۇ.
(ماتېرىيالدىن)
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2017-01/09/content_577991.htm?lang=uy