• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    قارلىق كۈنلەردە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    مەنبە : world.huanqiu.comتەھرىر : ئەخمەتجان مۇتەللىپ ئىنكاس : 3يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 19:08

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    قار ياغقاندا دائىم دېگۈدەكلا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ، شۇڭا بارلىق شوپۇر دوستلارنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، قار ياغقان كۈنى تاسادىپىي ۋەقەلەردىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

    ھاۋارايى سوغۇق بولغاچقا، ئاپتوموبىلدىكى توكداننىڭ توك مىقدارى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك ئاپتوموبىلدىكى توكداننىڭ توك مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئادىتى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. تاسادىپىي ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشى يەنە بىر تال ئۇلاش سىمى تەييارلىۋېلىش كېرەك، زۆرۈر ۋاقىتلاردا باشقا ئاپتوموبىللارغا ئۇلاپ ئۆزىڭىزنىڭ ئاپتوموبىلغا توك تولۇقلىسىڭىز بولىدۇ. 

    مۇبادا ئاپتوموبىلىڭىزنى سىرتقا توختىتىپ قويغان بولسىڭىز، چوقۇم سۈرتكۈچ ۋە مۇز قىرغۇچ تەييارلىۋېلىڭ. مۇبادا يول يۈزىدە قېلىنراق قار بولسا ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىسىدىكى يۈكدانغا بىر دانە گۈرجەك قويۇپ قويۇڭ، لازىم بولغاندا ئېلىپ ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولىدۇ. 

    قىشلىق بالوننى ئالدىن ئالماشتۇرۇش ناھايىتى مۇھىم، قىشلىق چاق ئاپتوموبىلنىڭ تېيىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مۇبادا قاتتىق قارلىق ھاۋارايىغا يولۇقسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى قىشلىق چاققا زەنجىر يۆگىۋېلىڭ. 

    يول يۈرۈش جەريانىدا يەنە مۇنۇ بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: ئالدى بىلەن مۇۋاپىق يۈرۈش ئارىلىقى قالدۇرۇپ قويۇش، قارلىق يولدا تورمۇز تۇتقاندا ئاپتوموبىلنىڭ تورمۇز تۇتۇش ئارىلىقى ئادەتتىكى يول يۈزىدىن ئىككى چوڭ بولىدۇ، مۇبادا يول يۈزىنى مۇز تۇتۇپ كەتكەن بولسا ئادەتتىكى يۈرۈش ئارىلىقىنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك ئارىلىق قالدۇرۇپ يۈرۈش لازىم. يۈرۈش سۈرئىتىنىمۇ مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش كېرەك، ھالبۇكى داۋاندىن چۈشكەندە ياكى بۇرۇلغاندا ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، شۇنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭكى قەتئىي جىددىي تورمۇز قىلماڭ. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号