• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    بالىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا قانداق تەربىيە بېرىش كېرەك

    مەنبە : 99.com.cnتەھرىر : ئەخمەتجان مۇتەللىپ ئىنكاس : 31يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-10 19:37

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    تېكىستكە كىرىش: ھازىرقى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان كۆپ قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلارغا ئەيدىز توغرىسىدا يېتەرلىك تەربىيە قىلماسلىقى سەۋەبلىك پاجىئەلىك تەقدىرگە مۇپتىلا بولماقتا. ئۇنداقتا بىز بالىلارغا ئەيدىزدىن ساقلىنىش توغرىسىدا قانداق تەربىيە قىلىشىمىز كېرەك؟ 

    بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېز، خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، ئائىلىدە بالىلارغا ھەمراھ بولىدىغان ۋاقىتمۇ بارغانسېرى ئازلاپ كەتمەكتە، ئەمما بىر قىسىم «ناچار ئادەم»لەر دەل مانا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلانماقتا؛ ئادەمنىڭ ياشلىق مەزگىلىدە بىزارلىق پىسخىكىسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا، ئاسانلىقچە ئاتا-ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىشنى خالىمايدۇ، ھەر قانداق ئىشنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلسامكەن دەپ ئويلايدۇ، شۇڭا ئۆزى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بىر قىسىم ئىشلاردا كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلانمىقى بەك تەس؛ كۆپلىگەن بالىلار ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم باسقاندىن كېيىن ئۆزىنى چوڭ ئادەم بولۇپ بولغاندەك ھېس قىلىدۇ، شۇڭا كۆپلىگەن ئىشلاردا ئاتا-ئانىسىدىن مەسلىھەت سوراشنى خالىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا قانداق قىلىشنى بىلمەي بېشى قاتىدۇ. 

    بۇلار بىزنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. تۇرمۇشتىكى مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىشقا بولىدۇ، بىراق، بالىلار بىر قىسىم ئىشلارنى ئۆزى مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشتىن بۇرۇن بىز ئۇلارغا قىيىنچىلىقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا، ئاتا-ئانىلار زادى قايسى تەرەپتىن باشلاپ تەربىيە قىلىشى كېرەك؟ قانداق قىلغان بىر قىسىم ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ 

    بالىلارغا ئەيدىزدىن ساقلىنىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش. 

    ئالدى بىلەن بالىلار جىنسىيەتنى توغرا تونۇغاندىن كېيىن، بالىلارغا بەدىنىدىكى فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، ئەۋرىتىگە ھېچقانداق ئادەمنىڭ چېقىلسا بولمايدىغانلىقى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويۇش، مۇبادا بالىلاردا ھەر دائىم ھەمراھ بولالمىسا، ئەڭ ياخشىسى بالىلارنى كۆزىدىن يىراق قىلماسلىق. بالىلاردا توغرا بولغان ۋاقىت قارىشى تۇرغۇزۇپ، قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن ئۆيگە قايتىش دېگەندەك ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش، بالىلارغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ھەر قانداق جاينىڭ ئۆز ئۆيىدەك بىخەتەر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش، بالىلارنى بىخەتەر مۇھىتتا ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش. 

    ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە بالىلار بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ تۇرغاندىن باشقا، بالىلار ياشلىق-باھار مەزگىلىگە قەدەم قويۇشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا بەدىنىدىكى فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىش توغرىسىدىكى تەلىم-تەربىيەنى ئۆز ۋاقتىدا ئومۇملاشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئۆزگىرىشنى تىنچ پىسخىك ھالەت بىلەن قوبۇل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەمدە ئۇلارغا توغرا ئۇسۇل بىلەن ياشلىق-باھار مەزگىلىدىكى بەزى ھالەتلەرنى پەسەيتىشنى ئۆگىتىپ قويۇش. بالىلار ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۇلارغا چوقۇم دوستلىشىشتا قاتتىق ئېھتىيات قىلىش، ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش، ئۆزىنى سۆيۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، مۇبادا بالىلار قوبۇل قىلالىغۇدەك بولسا ئۇلارغا گاندومنى توغرا ئىشلىتىشنى ئېيتىپ بېرىش، شۇنداقلا بىر ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قىسىم بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىش، بالىلارغا ياشلىق-باھار مەزگىلىدىكى جىنسىي ھاياجاننىڭ ناھايىتى ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش، مۇبادا ئەيدىزدىن ساقلانماقچى بولسا، ئالدى بىلەن مەزكۇر كېسەلنىڭ يۇقۇش يولىنى دەپ بېرىش، مۇناسىۋەتلىك ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش، ئۆزىنى سۆيۈش توغرىسىدا تەربىيە قىلىش، مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا «ناچار ئادەم»لەردىن يىراق تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، نېجىس كېسەللەردىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويۇش. 

    كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    1.ئۆزىنى پاك تۇتۇش، جىنسىي ئەخلاققا رىئايە قىلىشنىڭ جىنسىي كېسەللىك ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ تەدبىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش؛ 

    2. گاندومنى توغرا ئىشلەتكەندە ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغىلى بولۇپلا قالماي يەنە ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؛ 

    3. جىنسىي كېسەللىكلەرنى ئۆز ۋاقتىدا داۋالىغاندا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؛ 

    4. ئوكۇل سالغۇچنى ئورتاق ئىشلىتىش ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يوللىرىدىن بىرسى، شۇڭا زەھەرلىك بۇيۇمدىن يىراق تۇرۇش، ھاياتلىقنى قەدىرلەش. 

    5. زۆرۈرىيىتى يوق قان سالدۇرۇش ۋە ئوكۇل سالدۇرۇشتىن ساقلىنىش، زۆرۈرىيەت بولۇپ قالسا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تەكشۈرۈلگەن قان سۇيۇقلۇقى ياكى قان سۇيۇقلۇقى بۇيۇمى ئىشلىتىش.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号