2017-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن، شەندۇڭ ۋېيفاڭ ۋوگزالى بېلەت سېتىش، بېلەت ئېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، بېلەت ئىشلىرى تارماقلىرى يېتەرلىك ئاق بېلەت تەييارلاپ، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىنى تەكشۈرۈپ، مۇھاپىزەت قىلىپ ۋە ئاق بېلەت ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىنى ئۆستۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش، تاپشۇرۇۋېلىش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
سۈرەتتە: شەندۇڭ ۋېيفاڭ ۋوگزالى پويىز بېلىتى ئامبىرى
سۈرەتتە: شەندۇڭ ۋېيفاڭ ۋوگزالى پويىز بېلىتى ئامبىرى
سۈرەتتە: شەندۇڭ ۋېيفاڭ ۋوگزالى پويىز بېلىتى ئامبىرى
ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىللىق چاغان مەزگىلىدىكى تۆمۈريول تىرانسپورتى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى باشلىنىپ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا توشۇلىدىغان يولۇچىلار سانى 365 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يېتىپ، ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 31 مىليون ئادەم (قېتىم) كۆپىيىدىكەن. توردا بېلەت سېتىۋېلىش مۇددىتى نورمال ۋاقىتتىكى 60 كۈندىن 30 كۈنگە تەڭشەلگەن بولۇپ، ۋوگزال، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىن سېتىش ۋاقتى 58 كۈندىن 28 كۈنگە تەڭشەلگەنكەن.